يېمەك-ئىچمەك

مامكاپ چېيىنى كۈندە ئىچىشكە بولامدۇ؟

كۈندىلىك تۇرمۇشتا بەدەننىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراش ئۈچۈن، ھەر خىل چاي ۋە ئىچىملىكلەرنى ئىچىمىز. بىراق نۇرغۇن دوستلار ئىچىملىككە سەل قارايدۇ، بۈگۈن كۆپچىلىككە مامكاپ چېيىغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى تونۇشتۇرىمىز. ئۇنداقتا مامكاپ چېيىنى ھەر كۈنى ئىچىشكە بولامدۇ؟ بەلكىم سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىز بىلەن ئوخشىماسلىقى مۇمكىن.

مامكاپ چېيىنى كۈندە ئىچىشكە بولامدۇ؟

ئادەتتە يول بويىدا مامكاپنى كۆپ ئۇچرىتىمىز، ئۇ جۇڭيى دورىگەرلىكىدە قىممەتلىك دورا ماتېرىيالى قاتارىدا ئىشلىتىلىدىغانلىقى خاتىرىلەنگەن، مامكاپنى چاي دەملەپ ئىچسە پايدىسى ناھايىتى كۆپ. مامكاپ ئەسلىدىنلا تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، بەدەندىكى ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. بەزىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك ۋە مۇھىت سەۋەبىدىن ئاسانلا ئىسسىقى ئېشىپ، قۇرۇق ئىسسىق بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئازراق مامكاپ چېيى ئىچسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

مامكاپ چېيىنى كۈندە ئىچىشكە بولامدۇ؟

كۈندىلىك تۇرمۇشتا مامكاپ چېيى سۈت بېزىدە تۈگۈنچە پەيدا بولغان ئاياللارغا نىسبەتەن مەلۇم دەرىجىدە سۈت بېزىنى كىچىكلىتىش رولىنى ئويناپ، تۈگۈنچە پەيدا بولۇش ۋە ئۆسۈش ئەھۋاللىرىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. مامكاپ چېيىنىڭ يەنە ھۆسن تۈزەش، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش ۋە مىكروب ئۆلتۈرۈش رولى بار. لېكىن مامكاپ چېيى ھەيز مەزگىلىدىكى ئاياللارغا ماس كەلمەيدۇ، بولمىسا ئاسانلا ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

مامكاپ چېيى بىر خىل ياۋا ئوت بولۇپ، ئۇنى ئىچكەندە كۆپرەك دىققەت قىلىش، زىيادە سېزىمچان، ئاسانلا رېئاكسىيە پەيدا قىلىدىغان دوستلار مامكاپ چېيىنى ئىچمەسلىكى كېرەك، ئەگەر كۆپ ئىچسە زىيادە سەزگۈرلۈك مەسىلىسى ئېغىرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن.

مامكاپ چېيىنى كۈندە ئىچىشكە بولامدۇ؟

مامكاپ چېيىنى ئىچكەندە مىقدارىنى كونترول قىلىش كېرەك، ئەڭ ياخشىسى ھەر قېتىمدا ئۈچ گىرام ئەتراپىدا كونترول قىلىش لازىم، ئەگەر كۆپ ئىچىۋالسا، سالامەتلىككە ئىنتايىن پايدىسىز، ئىلمىي ئۇسۇلدا ئىچىپ، بەدەننى ساغلام قىلىش كېرەك.

 

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى