تەبىئەت

ئەڭ سۈزۈك جانلىقلار قايسى دەرىجىدە سۈزۈك؟

ئەڭ سۈزۈك جانلىقلار قايسى دەرىجىدە سۈزۈك؟

سۈزۈك چوڭقۇر دېڭىزدىكى نەيچىسىمان كۆزلۈك بېلىق: ئامېرىكا بىيولوگلىرى چوڭقۇر دېڭىزدا بىر خىل غەلىتە بېلىق پەردىسىنى بايقىغان، ئۇنىڭ سۈزۈك بېشى ۋە نەيچىسىمان كۆزى بار بولۇپ، ئوبرازلىق ھالدا نەيچىسىمان كۆزلۈك بېلىق دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىلمىي نامى چوڭ پالاقچىلىق ئارقا مەقئەتلىك بېلىق.

ئەڭ سۈزۈك جانلىقلار قايسى دەرىجىدە سۈزۈك؟

سۈزۈك كېپىنەك-ئەينەك قاناتلىق كېپىنەك: ئەينەك كېپىنەكنىڭ قانىتى سۈزۈك بولۇپ، بىر خىل خىيالىي تۇيغۇ تۈسىنى ئالغان، ئۇ باشقا قانىتى سۈزۈك كېپىنەك ۋە پەرۋانە تۈرىگە ئوخشاش، قانىتى ئىچىدە زىچ قاپلانغان تەڭگىچىلەر كەمچىل، شۇڭا باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان رەڭگە ئىگە.

ئەڭ سۈزۈك جانلىقلار قايسى دەرىجىدە سۈزۈك؟

سۈزۈك سىياھبېلىق-ئەينەك سىياھبېلىق: بەدىنى سۈزۈك ھالەتكە يېقىن بولغاچقا شۇ نام بىلەن ئاتالغان. ئۇلارنىڭ كۆزىدە يېنىك ئەزالار بولىدۇ ھەمدە خۇددى سۇدا ياشايدىغان كىرپىگە ئوخشاش ئۆزىنى دومىلىتىپ توپ ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ. ئۇ چوڭقۇر دېڭىز بېلىقلىرى (مەسىلەن، ھەييار ئاكۇلا)، كىت ۋە دېڭىز قۇشلىرىنىڭ ئولجىسى.

ئەڭ سۈزۈك جانلىقلار قايسى دەرىجىدە سۈزۈك؟

سۈزۈك چىپار بېلىق: سۈزۈك چىپار بېلىق ھىندىستاندا پەيدا بولغان، كىچىك تىپتىكى ئىسسىق بەلباغ بېلىقى بولۇپ، تەن ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 3-4 سانتىمېتىر كېلىدۇ، تۇخۇمدىن چىققاندىن كېيىن تەخمىنەن ئۈچ ئايدا يېتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، تۆرەلمە تېنى پۈتۈنلەي سۈزۈك بولۇپ، تۆرەلمە يېتىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى كۆزىتىشكە ھەمدە يەككە تەن ھۈجەيرىسىنىڭ بۆلۈنۈش ۋە يۆتكىلىش ھەرىكىتىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشكە قولايلىق.

ئەڭ سۈزۈك جانلىقلار قايسى دەرىجىدە سۈزۈك؟

تىمساھ شەكىللىك سۈزۈك مۇز بېلىق: تەركىبىدە قان پىگمېنتى يوق ياكى قىزىل قان ھۈجەيرىسى ئۆلگەن بولغاچقا، تىمساھ شەكىللىك مۇز بېلىقنىڭ قېنى سۈزۈك بولىدۇ. ئۇلارنىڭ مېتابولىزمى پەقەت سۇيۇق ھالەتتىكى قان تەركىبىدىكى ئوكسىگېنغا تايىنىپ تاماملىنىدۇ.

ئەڭ سۈزۈك جانلىقلار قايسى دەرىجىدە سۈزۈك؟

ياپىلاق پۇتلۇق سۈزۈك جانلىق: ياشاش ئۈچۈن،بۇ خىل كىچىك راك تۈرىدىكى ھايۋانلار قارشى يول تۇتۇش تاكتىكىسىنى قوللاندى، ئۇلار ئۆزىنى قاچۇرۇشنى تاللىماستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ ئىچى-تېشىدىكى ھەممە نەرسىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئوۋلىغۇچىلارنىڭ نەزىرىدىن ساقىت قىلماقچى بولدى.

ئەڭ سۈزۈك جانلىقلار قايسى دەرىجىدە سۈزۈك؟

سۈزۈك راك: بۇ سۈزۈك كىچىك راك ھاۋاينىڭ ئەتراپىدىكى سۇ رايونىدىن بايقالغان، بۇ ۋاقىتتا ئۇ بەدىنى ئوخشاشلا سۈزۈك مېدۇزىنىڭ دۈمبىسىگە «مىنىۋالغان».

 

ئەڭ سۈزۈك جانلىقلار قايسى دەرىجىدە سۈزۈك؟

سۈزۈك سوغا دېڭىز غىلاپى (ئاسسىدىيە): ئۇلارنىڭ بەدىنى چېلەك شەكلىدە ھەمدە پۈتۈنلەي دېگۈدەك سۈزۈك بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى بىر سانتىمېتىردىن 10 سانتىمېتىرغىچە كېلىدۇ. گەۋدىسى چېلەك شەكلىدە بولۇپ، يەككە تەن ياكى توپ-توپى بىلەن لەيلەپ ياشايدۇ. ئادەتتە سوغۇق دېڭىز رايونىدا ياشايدۇ، جەنۇبىي ئوكياندا ئەڭ كۆپ. ئۇلارنىڭ تېنى يېلىمسىمان بولۇپ، سۇ سۈمۈرۈش ئارقىلىق يۆتكېلىپ لەيلىگۈچى جانلىقلارنى ئوزۇق قىلىدۇ. ئۇنىڭ سۈزۈك شەكىل ھالىتى ئۆزىنى كۈشەندىسىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ، قانداقلا بولمىسۇن سۇدا سۈزۈك بولۇش ناھايىتى ياخشى نىقابلىنىشتۇر.

ئەڭ سۈزۈك جانلىقلار قايسى دەرىجىدە سۈزۈك؟

سۈزۈك مېدۇزا: نۇرغۇن مېدۇزىلارنىڭ سۈزۈك دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، كىشىلەر ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئاساسەن كۆرەلمەيدۇ. رەسىمدە كۆرگىنىمىز بىر دانە (Arctapodeema) مېدۇزېسى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى پەقەت 2.5 سانتىمېتىر كېلىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى