ساغلاملىق

سىزدە قان تومۇر توسۇلۇش بارمۇ؟ قولىڭىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىڭ

كۆپچىلىككە ئارتېرىيە قان تومۇر توسۇلۇش، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، مېڭە قان تومۇر توسۇلۇش دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ناتونۇش ئەمەس، چۈنكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەردە يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ مۇشۇنداق قان تومۇر مەسىلىسى كۆرۈلىدۇ، بۇ قان تومۇر مەسىلىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى قان ئايلىنىش راۋان بولماسلىق، قان-تومۇر توسۇلۇپ قېلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ، كۆپچىلىك چوقۇم قان تومۇرنى كۆپرەك ئاسراشقا دىققەت قىلىشى كېرەك، چۈنكى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، قان تومۇرمۇ ئالدى بىلەن قېرىيدىغان بىر ئەزادۇر.

سىزدە قان تومۇر توسۇلۇش بارمۇ؟ قولىڭىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىڭ

ئەلۋەتتە بەدەندىكى قان تومۇرلار توسۇلۇپ قالغاندىن كېيىن جىگەرگە ئوخشاش ئۈن ـ تىنسىز يۈرمەيدۇ، سىزگە ھېچقانداق سىگنال بەرمەي تۇرمايدۇ، بەدەندە چوقۇم ھەر خىل بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ ئالامەتلەرنى پەقەت ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتكەندىلا بايقىغىلى بولىدۇ.
قان تومۇر توسۇلۇپ قالدىمۇ يوق، قولغا قاراپ بىلگىلى بولامدۇ؟ ئەگەر قولدا تۆت خىل نورمالسىزلىق كۆرۈلسە دىققەت قىلىش كېرەك:
1. ئىككى قول مۇزلاپ ئۇيۇشۇش

سىزدە قان تومۇر توسۇلۇش بارمۇ؟ قولىڭىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىڭ

ئەگەر كەچتە ئۇخلىغاندا پۇت-قول ئىزچىل سوغۇق ھالەتتە تۇرسا، ھەرقانچە قىلىپمۇ ئىسسىمىسا بۇ بەلكىم قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇشىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا سەل قارىماسلىق بولۇپمۇ 50ياشتىن ئاشقانلار تېخىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك.

2. قول تومۇرلىرى تومپىيىپ چىقىش ئەھۋالى ئېغىر بولۇش.

سىزدە قان تومۇر توسۇلۇش بارمۇ؟ قولىڭىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىڭ

ئادەتتە ئۇزۇن مۇددەت ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ قولدىكى تومۇرلارنىڭ تومپىيىپ چىقىشى بىر قەدەر ئېغىر بولىدۇ، ئەگەر سىز جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانمىغان بولسىڭىز ھەمدە يېقىندىن بۇيان قولىڭىزدىكى كۆك تومۇرلارنىڭ بارغانسېرى تومپىيىپ چىقىۋاتقانلىقىنى بايقىسىڭىز، ئۇنداقتا قان تومۇر جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى كۆپرەك ئويلىشىڭىز كېرەك، بۇ بەلكىم قان تومۇرنىڭ توسۇلۇشىدىن كېلىپ چىققان چوڭ مېڭىگە قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكتىن بولۇشى مۇمكىن.
3. ئالىقان قىزىرىپ ياكى سۆسۈن رەڭگە كىرىپ قېلىش
نورمال ئەھۋالدا ئادەمنىڭ ئالىقىنىدا زىيادە قىزىرىش، سۆسۈن رەڭگە كىرىش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ، ئەگەر ئالقاننىڭ ئادەتتىن تاشقىرى قىزىرىپ قالغانلىقى ياكى سۆسۈن رەڭگە كىرىپ قالغانلىقىنى بايقىسىڭىز، بۇ بەلكىم قاننىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغانلىقتىن قان ئۇيۇپ قېلىپ، قان يېتىشمەسلىك، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كېلىپ چىققانلىقتىن، قول قىزغۇچ بىنەپشە رەڭگە كىرگەن بولۇشى مۇمكىن.
4. تىرناق ئىچىگە ئولتۇرۇشۇپ كېتىش

سىزدە قان تومۇر توسۇلۇش بارمۇ؟ قولىڭىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىڭ

بارماق قان ئايلىنىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۇچىغا جايلاشقان بولۇپ، تىرناقنى كۆزىتىش ئارقىلىقمۇ بىر ئادەمنىڭ قان تومۇرىنىڭ ساغلام ياكى ساغلام ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ، ئەگەر تىرناقتا سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئولتۇرۇشۇپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، بۇنى قان ئايلىنىشنىڭ نورمالسىزلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، تىرناق ئوكسىگېننى قوبۇل قىلالمىسا، قان ئاسانلا ئۆزلۈكىدىن چۆكمە ھاسىل قىلىشى مۇمكىن.
ئەگەر قولىڭىزدا يۇقىرىقى بىر نەچچە خىل ئىپادە كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىڭ، ئۇنىڭدىن باشقا، قان تومۇر توسۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئادەتتە قان تومۇرنى ئاسراشقا كۆپرەك دىققەت قىلىپ، تۆۋەندىكى ئىككى ئىشنى ياخشى قىلىڭ، بەلكىم قان ئايلىنىش تېخىمۇ راۋان بولۇشى مۇمكىن:

  1. يېمەك-ئىچمەكنى مۇۋاپىق تەڭشەش كېرەك.

سىزدە قان تومۇر توسۇلۇش بارمۇ؟ قولىڭىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىڭ

ئەگەر قان تومۇر جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلگەن بولسا، بۇ چاغدا بەزى يېمەكلىكلەرنى چەكلەش كېرەك. ئۆزىنىڭ يېمەك– ئىچمىكىنى تەڭشەش، بۇرۇنقىدەك نېمىنى خالىسا شۇنى يەپ يۈرمەسلىك لازىم. دائىم يۇقىرى ماي تەركىبلىك، يۇقىرى كالورىيەلىك يېمەكلىكلىكلەرنى يېگەندە قان تومۇرغا بەلگىلىك زىيان يەتكۈزۈپ ئاسانلا «ئۈچ يۇقىرى» مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كۆپ يەۋالسا قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا، ئادەتتە ئىمكانقەدەر ماي تەركىبى ۋە ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىش، تۆۋەن قەنتلىك، تۆۋەن مايلىق يېمەكلىكلەر، يېڭى كۆكتاتلارنى كۆپرەك يەپ بېرىش، قارا ئاشلىقنى كۆپ يەپ بېرىش، بەلكىم قان تومۇر توسۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مېڭە تىقىلمىسى، يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ قوزغىلىش خەۋپىنى ئازايتىشى مۇمكىن.
2. سۇنى كۆپ ئىچىش

 

سىزدە قان تومۇر توسۇلۇش بارمۇ؟ قولىڭىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىڭ

سۇنى كۆپ ئىچكەندە مېتابولىزمنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، بەدەندىكى زەھەرلىك كېرەكسىز ماددىلارنىڭ چىقىرىلىشىنى تېزلىتىدۇ ھەمدە قاننى سۇيۇلدۇرۇپ، قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىدىن ساقلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە سۇغا بىر قىسىم گۈل چاي سېلىپ ئىچىپ بەرگەندە، ياغسىمان ئەخلەتلەرنىڭ پارچىلىنىشىنى تېزلىتىپ، ياغسىمان ماددىلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قان تومۇرنى تېخىمۇ راۋان قىلىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى