ساغلاملىق

چاچ چۈشسە ئوزۇقلۇقلارنى قانداق تولۇقلاش كېرەك؟

چاچ

ھازىر تۇرمۇش شارائىتىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىزمەت بېسىمىمۇ ئېغىرلاشتى. ھازىرقى زامان كىشىلىرى يۇقىرى بېسىملىق تۇرمۇش مۇھىتىدا ئالدىراش ياشىماقتا، بۇنىڭغا ھەر خىل ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى قوشۇلۇپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بەدەندە بەزى مەسىلىلەرنى پەيدا قىلماقتا. بەزىلەر ئۆزىنىڭ جەلىپكار بەدەن شەكلىنىڭ سەمىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بەزىلەر ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ بارغانسېرى ئاجىزلاپ، ئۇ يەر بۇ يېرىنىڭ ئاغرىيدىغان بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماقتا، يەنە بىر خىل ھادىسە چاچ چۈشۈش بولۇپ، بۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ باش قېتىنچىلىقى بولۇپ قالدى.

چاچ چۈشۈش ئەمەلىيەتتە بېسىم ئارتىپ كېتىش، قېرىش قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە بەدىنىمىزدە بەزى ئوزۇقلۇقلارنىڭ كەمچىل بولۇشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بىز شۇ ئوزۇقلۇقلارنى ۋاقتىدا تولۇقلىساق، چاچنىڭ چۈشۈشنى توختاتقىلى بولۇپلا قالماي، يەنە چاچنىڭ ئۆسۈشىمۇ تەدرىجىي ھالدا نورمال سەۋىيەگە قايتىپ، تاقىرباش بولۇپ قېلىشتىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ، ئۇنداقتا چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانداق ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلىشىمىز كېرەك؟

سۈت،تۇخۇم

ئاقسىلنى تولۇقلاش كېرەك

ئاقسىل بەدەن ئىقتىدارىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئاساسى، ئادەم بەدىنى ھەر كۈنى بەلگىلىك مىقداردىكى ئاقسىلنى سەرپ قىلىشقا ئېھتىياجلىق. ئەگەر چېچىڭىزنىڭ كۆپ مىقداردا چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىسىڭىز، ئەمەلىيەتتە بۇ ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىقتىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن، بۇنداق ئەھۋال ئىممۇنىتېت كۈچىڭىزنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەدەندىكى باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، زىيادە ئورۇقلاش ئەھۋالى يۈز بېرىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەم بەدىنىدىكى چاچنى تەشكىل قىلغۇچى ئاساسلىق ماددا ئاقسىل، شۇڭا چاچ داۋاملىق چۈشۈۋەرسە، ئاقسىل تولۇقلاش ئارقىلىقمۇ چاچ چۈشۈشتىن ئىبارەت باش قېتىنچىلىقىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا ئاقسىلنى قانداق تولۇقلاش كېرەك؟ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىستېمال قىلىنىدىغان گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، پۇرچاق ياسالمىلىرى، سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئاقسىل بولۇپ، چاچنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق، چاچنىڭ كۆپلەپ چۈشۈپ كېتىشىدىنمۇ ساقلانغىلى بولىدۇ.

مېۋە

B تۈردىكى ۋىتامىنلارنى تولۇقلاش كېرەك

ئاقسىلنىڭ كەمچىل بولۇشى چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن باشقا، ئەمەلىيەتتە ۋىتامىن كەمچىل بولسىمۇ ئادەم بەدىنىدە ھەر خىل مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ. ۋىتامىن B كەمچىل بولۇش تۇرمۇشتا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئۇ يەنە چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئەگەر B تۈردىكى ۋىتامىنلار كەمچىل بولسا، بەدەندىكى قارا پىگمېنتلارنىڭ بىرىكىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇ سەۋەبلىك چاچ ئاسانلا ئاقىرىپ كېتىش ۋە قۇرغاقلىشىش ئەھۋالى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. شۇڭا دائىملىق چاچ چۈشكەندە، مۇۋاپىق مىقداردا ۋىتامىن B تۈرىدىكىلەرنى تولۇقلاش كېرەك. تۇخۇم، ياڭاق، سۇلۇ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىنلار بار بولۇپ، بەدەن بۇ نەرسىلەرگە ئېھتىياجلىق.

يود ئېلېمېنتىنى تولۇقلاش كېرەك

يود بەدىنىمىزدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر خىل ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتى بولۇپ، ئەگەر بەدىنىمىزدە يود ماددىسى كەمچىل بولسا، ناھايىتى ئاسانلا نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، بەدەن ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ھەمدە ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلايدۇ، تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئادەم بەدىنىدە ئۇزۇن مۇددەت يود ماددىسى كەمچىل بولسا، قالقانسىمان بەزنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىشتىن باشقا، يەنە چاچنىڭ كۆپ مىقداردا چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. شۇڭا چاچ كۆپ مىقداردا چۈشۈشكە باشلىغان ھامان، يودنىڭ كەمچىل بولۇۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. يود تولۇقلاش ئانچە تەس ئەمەس. كۈندىلىك تۇرمۇشتا يود قوشۇلغان نۇرغۇن مەھسۇلاتلار بار. مەسىلەن قىزىل دېڭىز يۈسۈنى، لامنارىيە، بېلىق، راك، قىسقۇچپاقا قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە خېلى كۆپ يود بار بولۇپ، بۇلارنىڭ يود تولۇقلاشقا ياردىمى چوڭ.

ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ چاچ چۈشۈش ئەمەلىيەتتە ناھايىتى نورمال ئەھۋال. لېكىن تېخى ياش ياكى قېرىش يېشىغا يەتمىگەنلەردە چاچنىڭ كۆپلەپ چۈشۈشكە باشلىشى بەلكىم بەدەندە يۇقىرىقى ئۈچ خىل ئوزۇقلۇق ئېلېمېنىتنىڭ كەمچىل بولۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلسە چوقۇم ۋاقتىدا چارە-تەدبىر قوللىنىش كېرەك.

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى