ساغلاملىق

ئەيدىزنى داۋالاشتىكى ئۈچ يېڭى تېخنىكا

يېقىندا، داڭلىق ۋىرۇسشۇناسلىق ژۇرنىلى Journal of Virology بىر پارچە ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئەيدىزنى داۋالاشنىڭ تەرەققىياتىنى سېستىمىلىق تونۇشتۇرغان ھەمدە نۆۋەتتىكى ئەيدىزنى داۋالاش ئىستراتېگىيسىنىڭ يېڭى يۆنىلىشىنى كۆرسەتكەن.

ئەيدىزنى داۋالاشتىكى ئۈچ يېڭى تېخنىكا

1987-يىلىدىن ئىلگىرى، HIV ئارقىلىق يۇقۇملانغان CD4 + T ھۈجەيرىسىدە ۋىرۇس ئىگىسى گېن گۇرۇپپىسىغا قوشۇلۇپ، تاكى ھۈجەيرە ئۆلگەنگە قەدەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. 1987-يىلى، ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى تۇنجى خىل تەتۈر نۇسخىلاش كېسەللىك ۋىرۇسىغا قارشى دورا ـــ زىدوفدىننى بازارغا سېلىشنى تەستىقلىغان. زىدوفدىن دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ ئىشلەنگەن ئەيدىزگە قارشى دورا.

كېيىن ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇق ئالىم خې دايى 1996-يىلى «كوكتېل ھارىقى بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى»نى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۈچ خىل ياكى ئۈچ خىلدىن ئارتۇق ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش ئارقىلىق ئەيدىزنى داۋالاپ، بىرلا خىل دورا ئىشلەتكەندە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دورىغا چىدامچانلىقىنى ئازايتىپ، ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تىزگىنلەپ، كېسەللىك جەريانىنىڭ تەرەققىياتىنى ئاستىلىتىپ، بىمارنىڭ ھاياتى ئۇزارتىلغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بارغانسېرى كۆپلىگەن ئەيدىز دورىلىرى بىزگە تونۇشلۇق بولۇپ كەتتى، بۇ دورىلارنىڭ بارلىققا كېلىشى ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

نۆۋەتتە HIV-1 ۋىرۇسىغا قارىتا تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللار قوللىنىلىدۇ:

1. يوشۇرۇن ۋىرۇسنى قايتىدىن ئاكتىپلاشتۇرۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا HIVغا قارشى ئىممۇنىتېتنىڭ تەسىرىنى ياخشىلاپ، يۇقۇملانغان ھۈجەيرىلەرنى يوقىتىش ئارقىلىق، نۇسخىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە ساقلاش ئامبىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى كىچىكلىتىش.

2. ھۈجەيرىلەرنى گېن قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، HIV بىلەن يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىش.

3. سىرتقى ئىپادىدىكى ئىرسىيەت ئۆزگىرىشى ياكى خىروماتىننى قايتا ياساشقا يېتەكلەپ، ۋىرۇس گېن گۇرۇپپىسىنىڭ كۆچۈرۈلۈپ ئاكتىپلىشىشىنى مەڭگۈلۈك توسۇش.

ئەيدىزنى داۋالاشتىكى ئۈچ يېڭى تېخنىكا

بىرىنچى يېڭى تېخنىكا: تەكشۈرۈش نۇقتىسىنى تورمۇزلىغۇچى دورىلار بىلەن داۋالاش

ئىممۇنىتېت تەكشۈرۈش نۇقتىسىدىكى مولېكۇلا ئىممۇنىتېت رېئاكسىيەسىنى تەڭشەيدىغان ھۈجەيرە سىرتقى يۈزىدىكى قوبۇل قىلغۇچى تەنچە. بۇ ھۈجەيرە تاشقى دۇنيا ئېلىپ كەلگەن غىدىقلاشنى قوبۇل قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ، شۇ ئارقىلىق ئادەم بەدىنىدىكى ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنى قوزغىتىدۇ. تەكشۈرۈش نۇقتىسىدىكى مولېكۇلالار HIV بىلەن يۇقۇملانغان CD4 + ART داۋالاشنى قوبۇل قىلىۋاتقان يەككە تەندىكى T ھۈجەيرىگە توپلانغان.

T ھۈجەيرە تەكشۈرۈش نۇقتىسىنى ئاستا خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىشنى داۋالاشتا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىنى داۋالاشقا ئىشلىتىش ئۈمىد قىلىنىدۇ.

ئەيدىزنى داۋالاشتىكى ئۈچ يېڭى تېخنىكا

ئىككىنچى يېڭى تېخنىكا: گېن تەھرىرلەش تېخنىكىسى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەۋج ئالغان گېن تەھرىرلەش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش بىر خىل ئىستىقباللىق تاكتىكا. 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى خې جيەنكۇي كوللېكتىپى بىر جۈپ گېننى تەھرىرلەپ HIV قوشۇمچە قوبۇل قىلغۇچى تەنچە CCR5 بوۋاقنىڭ دۇنياغا كەلگەنلېكىنى جاكارلاپ، ئىلىم ـ پەن ساھەسىدە بىر قېتىملىق «قاتتىق يەر تەۋرەش»نى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئارقىدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە، بۇ ۋەقە خې جيەنكۇي شەخسىي نام-مەنپەئەتنى قوغلىشىپ، ئۆزى مەبلەغ توپلاپ، قەستەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئالاقىدار خادىملارنى ئۆز ئالدىغا تەشكىللەپ، دۆلەت ئېنىق بۇيرۇق بىلەن چەكلىگەن كۆپىيىش مەقسەت قىلىنغان ئىنسانلار تۆرەلمە گېنىنى تەھرىرلەش پائالىيىتىنى ئىلىپ بارغان. بۇ ۋەقە گېن تەھرىرلەش تېخنىكىسىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىكى ئەخلاق مەسىلىسى ھەققىدە مۇنازىرە قوزغىغان.

گېن تەھرىرلەش تېخنىكىسى ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرە گېنىنىڭ ئاز بىر قىسمىنى بىرىكتۈرۈپ، ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان ناچار گېننى چىقىرىپ تاشلاش ئارقىلىق، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى ۋە تورمۇزلىنىش رولىنى ئوينايدىكەن.

ئەيدىزنى داۋالاشتىكى ئۈچ يېڭى تېخنىكا

ئۈچىنچى يېڭى تېخنىكا: ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ چىقىش

ئەيدىز كېسىلى پىلان مەھكىمىسىنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادا 38 مىليون ئەيدىز بىمارى بار ئىكەن. شۇڭا، ۋاكسىنا ئەملەش يەنىلا پۈتۈن دۇنيادىكى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشنى كونترول قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ ئۈنۈمگە ئىگە تاللاش ئىكەن. ئەمما يېقىنقى 40 يىلدىن بۇيان، كىلىنكىدا سىناق قىلىنغان HIV ۋاكسىنىسىنىڭ تۈرى 100 خىلدىن ئاشسىمۇ، تېخى ئۈنۈملۈك بولغان HIV ۋاكسىنىسىنى كىلىنكىدا ئىشلىتىش يولغا قويۇلغىنى يوق ئىكەن. سەۋەبى، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئۆزگىچە ۋىرۇس خاراكتېرى نۆۋەتتىكى قىيىن ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئالدى بىلەن، HIV تەتقىقاتىغا قارىتا ئۈنۈملۈك ھايۋانات مودېلى كەمچىل بولۇپ، HIV پەقەت ئىنسانلارنىلا يۇقۇملاندۇرىدىكەن، چاشقان، توشقان قاتارلىق ئادەتتىكى كىچىك ھايۋان تەجرىبە مودېللىرى ۋاكسىنا تەسىرىنى باھالاشقا ماس كەلمەيدىكەن. ئىككىنچىدىن، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقىرى ئۆزگىرىشچانلىقى: ئانتىگېننىڭ يۆتكىلىشى ۋە ئۆزگىرىشىمۇ نۇرغۇن ۋاكسىنىلارنىڭ ئۈنۈملۈك قوغدىشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدىكەن. ئۈچىنچىدىن، ئەيدىز كېسىلىنىڭ كۆزنەك مەزگىلى ئىنتايىن قىسقا بولىدىكەن. HIV ۋىرۇسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ تەخمىنەن ئالتە كۈن ئىچىدە زور مىقداردا نۇسخىلىنىدىكەن، شۇڭا ۋاكسىنىنىڭ قوغداش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمايدىكەن. تۆتىنچىدىن، ۋىرۇسنىڭ ئۆزىدىكى RNAنى تەتۈر كۆچۈرۈپ cDNA بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ گېن گۇرۇپپىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، داۋاملىق يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ۋاكسىنا ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم سەۋەب ئىكەن. بەشىنچىدىن، كۆپ ساندىكى HIV ۋاكسىنىسى تەتقىقاتى ئانتىتېلا ئارقىلىق يېتەكلەنگەن بەدەن سۇيۇقلۇقى ئىممۇنىتېتىغا مەركەزلەشكەن، بۇ خىل ئىممۇنىتېت ھۈجەيرە سىرتىدا ئەركىن ئېقىپ يۈرگەن HIV ۋىرۇس دانچىلىرىنى نېيتراللاشتۇرالايدىكەن. ئەمما، HIVنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، T ھۈجەيرە رېئاكسىيەسىنى قوزغىتىدىغان ھۈجەيرە ئىممۇنىتېتىمۇ ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك ئىكەن.

قانداقلا بولمىسۇن بەزى ئىممۇنىتېت تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىدىكى مولېكۇلالارنى تورمۇزلىغۇچى دورىلار ۋە ئىممۇنىتېت كۈچى زەئىپلىشىش / ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراشقا قارشى تۇرىدىغان باشقا تاكتىكىلار HIV بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلارنى تېخىمۇ ياخشى ئۇزاق مەزگىللىك ساغلاملىق بىلەن تەمىنلەيدىكەن ھەمدە پۈتۈنلەي داۋالاپ ساقايتىش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەيدىكەن.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى