جەنۇبىي قۇتۇبتىكى سوغۇقنىڭ كارامىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ
نۇرغۇن كىشىلەر جەنۇبىي قۇتۇبتىكى ئالىملارنىڭ قۇتۇپ كۈندۈزى ۋە قۇتۇپ كېچىسى شۇنداقلا قەھرىتان سوغۇقنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىگە قىزىقىدۇ. بەزى ئالىملار بوش ۋاقىتلىرىدا ئۆزىنىڭ جەنۇبىي قۇتۇبتىكى تۇرمۇشىنى توردا ھەمبەھىرلەيدۇ.
سەپسېس (Sepsis) ئەنە شۇنداق ئالىملارنىڭ بىرى، سەپسېسنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى جەنۇبىي قۇتۇبتا تاماق ئېتىش. شۇنداق قار ـ مۇز بىلەن قاپلانغان قەھرىتان سوغۇقتا، تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 70 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدۇ. قىزىقارلىق بولسۇن ئۈچۈن، سەپسېس دائىم سىرتتا تاماق ئېتىپ ئاشۇ قاتتىق توڭلىغان شارائىتتىكى ھەر خىل يېمەكلىكلەرنىڭ سۈرىتىنى ھەمبەھىرلەيدۇ.
ھورى چىقىپ تۇرغان بىر قاچا چۆپ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە «توڭلىتىپ قۇرۇتۇلغان چۆپ»كە ئايلىنىدۇ، تېمپېراتۇرا ئىنتايىن تۆۋەن بولغاچقا، پىچاق بىلەن ۋىلكىمۇ چۆپ يۈزىگە چاپلىشىپ مۇقىملىشىپ قالىدۇ. شۇڭا ئىلمىي تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى ئالىملار سىرتقا چىقىپ تاماق يېمەيدۇ.
جەنۇبىي قۇتۇبتا تۇخۇم پىشۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. چۈنكى تۇخۇم چېقىلغان ھامان توڭلاپ پەقەت بىر گۈزەل چۈشۈش ئەگرى سىزىقى قالىدۇ.
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە توڭلاپ قالغان ھەسەل بولكىسى
سەپسېس مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: جەنۇبىي قۇتۇبنىڭ سوغۇق كىلىماتى سەۋەبلىك بىر يىلدا توققۇز ئاي قىش بولىدۇ، ئۇ باشقا 12 سەپدىشى بىلەن جەنۇبىي قۇتۇبتىكى ئاساسىي پونكىتتا تۇرغان، ئاشپەز ۋە دوختۇرلاردىن باشقا سەپداشلىرىنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولمىغان كەسپىي ساھەدىكى ئالىملار، ئۇلار جەنۇبىي قۇتۇبتا كىلىمات مۇھىتىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق كەلگۈسىدە ئىنسانلارنىڭ مارسقا چىقىش مۇھىتىنى تەتقىق قىلىدۇ ۋە تەكشۈرىدۇ.