ساغلاملىق

كەچلىك تاماق يېمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئاخىرىدا نېمىگە ئېرىشتىڭىز؟

كەچلىك تاماق يېمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئاخىرىدا نېمىگە ئېرىشتىڭىز؟

«ئاز يېيىش، ئۇزاق ياشاش» نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئورۇقلىشىدىكى ياخشى باھانىسى بولۇپ قالدى، ئالدىنقى بىر مەزگىلدە بۇ خەۋەر پەيدا بولغاندىن كېيىن، ئورۇقلاشنى ئارزۇ قىلىدىغان بەزى كىشىلەر داۋاملىق ئورۇقلاشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تاپتى. كىشىلەر ئۆزىنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنى چەكلەپ، قاندىكى ماي ئۆرلەپ كېتىش، قان شېكىرى ئۆرلەپ كېتىش قاتارلىق خېيىم-خەتەرلەرنى ئازايتتى، شۇنىڭ بىلەن كېسەللىك تېخىمۇ ئاز كۆرۈلدى. بەزى كىشىلەر كەچلىك تاماق يېمەسلىك ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق ئۈنۈمگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلدى.

كەچلىك تاماق يېمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئاخىرىدا نېمىگە ئېرىشتىڭىز؟

كەچلىك تاماق يېمەسلىكتە چىڭ تۇرۇش راستتىنلا توغرىمۇ؟ كەچلىك تاماق يېمەسلىكتە چىڭ تۇرغان كىشىلەر ئەڭ ئاخىرىدا نېمىگە ئېرىشتى؟ بەلكىم ئورۇقلاپلا قالماستىن، يەنە تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن.

1. ئۈچەي يولى، ئاشقازان ئېغىر زەخىملەنگەنلىكتىن، كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كەچلىك تاماق يېمىگەندە، چۈشتە تاماق يېگەندىن كېيىن، تاكى ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەنلىك تاماق يېگەنگە قەدەر ھېچقانداق يېمەكلىك قوبۇل قىلىنمايدۇ. ۋاقىت بويىچە قارىغاندا، كىشىلەرنىڭ چۈشلۈك تامىقى سائەت 12 ئەتراپىدا بولىدۇ، يېمەكلىك ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن 2-3 سائەتتە ھەزىم قىلىنىپ بولىدۇ، چۈشتىن كېيىن سائەت 15 تە ئادەم بەدىنىدە ھېچقانداق يېمەكلىك قالمايدۇ. ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 دە ناشتا قىلغاندا، ئارىلىقتا 17 سائەت تاماق يېمىگەن بولسىمۇ، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ ئىچكى قىسمىدا يەنىلا ئۆت سۇيۇقلۇقى، ئاشقازان كىسلاتاسى ئاجرىلىپ چىقىدۇ.

كەچلىك تاماق يېمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئاخىرىدا نېمىگە ئېرىشتىڭىز؟

بۇ قۇرۇق ئۈچەي، ئاشقازانغا تەسىر كۆرسىتىپ، بۇ ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ چىرىتىشىگە بەرداشلىق بېرىپ، ئۈچەي يولى شىللىق پەردىسى، ئاشقازان شىللىق پەردىسى قاتارلىقلارنى ئېغىر دەرىجىدە زەخىملەندۈرۈپ، ئاخىرىدا ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. ئاسانلا قان شېكىرى تۆۋەنلەپ، خىزمەت ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

كەچلىك تاماق يېمەسلىكتە چىڭ تۇرۇش قورساق ئاچماسلىق ئەمەس، بەلكى قورساق ئاچقان تەقدىردىمۇ قەتئىي يېمەسلىك كېرەك. ئادەم بەدىنى ئاچلىق سىگنالى تارقاتقاندا، بەدەندىكى ئوزۇقلۇق سەرپىياتىنىڭ يېتىشەلمىگەنلېكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەگەر يېمەكلىك ۋە ئوزۇقلۇق ۋاقتىدا تولۇقلانمىسا، قان شېكىرى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، قان شېكىرى تۆۋەنلەپ كەتكەندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارى، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ۋە خىزمەت ئۈنۈمى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

3. ئۇيقۇ سۈپىتى ناچارلىشىپ، بەدەننىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

كەچلىك تاماق يېمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئاخىرىدا نېمىگە ئېرىشتىڭىز؟

كىشىلەر ئاچلىقتىن ئۇخلىيالمايدىغان ئەھۋالنى ھېس قىلىدۇ، قورساقنىڭ ئاچقانلىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، ئاشقازان- ئۈچەيلەردىمۇ غولدۇرلاش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئورۇقلاش ئۈچۈن كەچلىك تاماق يېمەيدىغانلار يەنىلا بىر نەرسە يېمەيدۇ. بۇ خىل كوركىراش مەسىلىسى، سىزگە ئەگىشىپ ئۇخلايدۇ. بەدەن ئېچىرقاپ كەتكەن ھالەتتىمۇ تەستە ئۇخلايدۇ، ئاران ئۇخلىغاندىن كېيىن ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىمۇ ناچارراق بولىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق ئەھۋالدا ئۇخلىغان ئادەم ئاران ئۇخلاپ قالغان تەقدىردىمۇ، ئادەم بەدىنىدىكى فۇنكسىيىنىڭ ئايلىنىشى بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچرايدۇ. فۇنكسىيەلىك ئايلىنىش ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا ئېرىشەلمەي، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەننىڭ ئىچكى مۇھىتىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا ناچار تەسىر كۆرسىتىدۇ.

قارىماققا كەچلىك تاماق يېمەسلىكتە چىڭ تۇرسىڭىز، ئورۇقلىيالايسىز، لېكىن ئەمەلىيەتتە سىز يەنە ئۈچ مەسىلىگە دۇچ كېلىشىڭىز كېرەك. بۇ مەسىلىلەرنىڭ بەزىلىرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پەيدا بولىدۇ، يەنە بەزىلىرى سىز خېلى ئۇزاققىچە بەرداشلىق بەرگەندىن كېيىن پەيدا بولىدۇ. كەچلىك تاماقنى مۇۋاپىق قوبۇل قىلىش كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجى.

ئەگەر سىز كەچلىك تاماقتا يېڭى كۆكتات، مېۋە-چېۋە، قارا ئاشلىقنىڭ نىسبىتىنى ئاشۇرسىڭىز ھەمدە تاماق يېگەندە پەقەت يەتتە ئۈلۈش تويغىچە يېسىڭىز، ئۇنداقتا بەدەن ئېغىرلىقىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا خېلى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز. كەچلىك تاماقنى ياخشى يېيىش كىشىلەرنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى، كەچلىك تاماق يېمەسلىككە تايانغاندىلا ئاندىن ئورۇقلىغىلى بولىدىغان ئادەملەردىمۇ بەلگىلىك خەتەر مەۋجۇت، بەدەن ئېغىرلىقىمۇ بۇ ئۈچ مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى