ناشتىنى توغرا قىلىۋاتامسىز؟
ساغلام بولغان ناشتىلىق خىزمەت ۋە ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىراق ناشتىدا تۆۋەندىكىدەك غىزالىنىش سالامەتلىككە زىيانلىق.
1. مايلىق يېمەكلىكلەر
پىلتە قۇيماق، ھامبۇرۇگ بولكىسى، مايدا پىشۇرۇلغان توخو پاچىقى، بەرەڭگە ياپراقچىسى قاتارلىقلار مايلىق يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا قان-تومۇر، جىگەر، بۆرەكنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىسىز تەسىر پەيدا قىلىدۇ.
2. ئاشقان تاماق ۋە شورپىلار
پۇل تېجەش ۋە قولاي بولسۇن ئۈچۈن، بەزىلەر كەچتە تاماقنى كۆپ تەييارلىۋېلىپ ناشتىلىقتىمۇ يەيدۇ. بىراق بۇنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى نىترىت ئۆلچەمدىن ئاشقاچقا، بەدەندە زىيادە كۆپ توپلانسا، راك پەيدا قىلىش خەۋپى بار.
3. ئۇششاق-چۈشەك يېمەكلىك بىلەنلا قورساقنى «ئەستەرلەش»
بەزىلەر پىرەنىك، شاكىلات، بولكا دېگەندەكلەر بىلەنلا قورساقنى «ئەستەرلەيدۇ». بۇ بەدەنگە قۇۋۋەت يېتىشمەسلىك، بەدەن ساپاسىنىڭ ناچارلىشىشىدەك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. مېۋە-چېۋە بىلەن قورساق تويغۇزۇش
بەزى ئاياللار ئورۇقلاش مەقسىتىدە، ناشتىدا مېۋە-چېۋىلا يەيدۇ، بۇنداق ناشتىلىق ئاقسىل ۋە ئوزۇقلۇقنىڭ يېتىشمەسلېكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قۇۋۋەتلىك ناشتىلىق ئەمەلىيەتتە قارا ئاشلىق، گۆش (تۇخۇم) تۈرىدىكىلەر، سۈت (پۇرچاق) تۈرىدىكىلەر، مېۋە-چېۋە، سەي-كۆكتات ئىلمىي بىرلەشتۈرۈلگەن بولسا ئەڭ مۇۋاپىق. ئەگەر ناشتىڭىزدا تۆت تۈرلۈكنىڭ ھەممىسى بولسا قۇۋۋەت يېتەرلىك بولغان، ئۈچ تۈرلۈكى بولسا بىر قەدەر سۈپەتلىك، ئىككىسى بولسا لاياقەتلىك، پەقەت بىرىلا بولسا ناشتىڭىزنىڭ سۈپىتى ئادەتتىكىچە يەنى بىر قەدەر ناچارغا تەۋە بولىدۇ.