ئاجايىباتلار

دۇنيادىكى ئەڭ غەلىتە نەرسىلەرنى يىغىپ ساقلىغۇچىلار

نۇرغۇن كىشىلەر ھەر خىل نەرسىلەرنى يىغىشنى ياخشى كۆرىدۇ. مەسىلەن، بەزىلەر پوچتا ماركىسى يىغىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بەزىلەر كونا ئاسار-ئەتىقە بۇيۇملارنى يىغىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇمۇ بىر خىل نورمال قىزىقىش بولۇپ، ھېچقانداق ئەجەبلىنەرلىك يېرى يوق. لېكىن بەزى يىغىپ ساقلاش ھەۋەسكارلىرىنىڭ يىغىپ ساقلىغان نەرسىلىرى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ يىغىپ ساقلىغان نەرسىلىرى بەكلا غەلىتە، ھەتتا بەزى كىشىلەر ئۆزى يىغىپ ساقلىغان نەرسىنىڭ زادى قانداق ئەمەلىي قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ. پەقەت شۇ نەرسىلەرنى يىغىپ ساقلاشنى ياخشى كۆرىدۇ خالاس. ئۇنداقتا بۈگۈن بىز بەزى كىشىلەر يىغقان غەلىتە نەرسىلەرنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

1. ئىلىۋېتىلگەن پۇت تىرناقلىرى

شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ كىشىنىڭ يىغىپ ساقلىغان نەرسىسى كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنى بىر ئاز بىئارام قىلىشى مۇمكىن. ئامېرىكا لويىزاننا ئىشتاتىدىكى رىچارد گىبسون دېگەن كىشى ئۆزىنىڭ پۇت تىرنىقىنى يىغىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئۇ 1978-يىلىدىن باشلاپ تىرنىقىنى بىر قۇتىغا سېلىپ ساقلاشقا باشلىغان، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ «ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسىنى» ئۆيدىكى بىر جازىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويغان.

بىراق ئۇنىڭ يىغىپ ساقلىغىنى ئوخشاش تۈر ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ ساقلانغىنى ئەمەس، ئەمەلىيەتتە كولومبىيە بىرىتانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ترېۋور دامېرنىڭ تەتقىقات ئۆمىكى تېخىمۇ كۆپ پۇت تىرناقلىرىنى يىغىپ ساقلىغان. رىچاردنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۇ تىرناقلار ئوخشاش بىر ئادەمنىڭ ئەمەس، ئۇلار يىغىپ ساقلىغان پۇت تىرناقلىرى 30 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەزى بېزى راكى تەتقىقاتىدا ئىشلىتىلىدىكەن.

2. كىندىك تىۋىتى

ئاۋسترالىيەنىڭ پېرس شەھرىدىكى گراخھام باركىر ئىسىملىك ئادەم، 1984-يىلىدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە ئۆزىنىڭ كىندىك تىۋىتىنى يىغىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ كىندىك تىۋىتىنىڭ رەڭگىنىڭ ئادەمگە قاراپ ئوخشىمايدىغانلىقىنى، كۆپىنچە ھاللاردا بىر ئادەم مەلۇم بىر رەڭلىك كىيىمنى ئۇزاق كىيگەن بولسا، كىندىك تىۋىتىنىڭ شۇ رەڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىغانلىقىنى، ھەر خىل رەڭدىكى كىيىملەرنى ئالماشتۇرۇپ كىيىدىغان ئادەملەرنىڭ كىندىك تىۋىتىنىڭ، ئادەتتە سۇس كۆك رەڭلىك بولدىغانلىقىنى، بۇنىڭ كىيىم قۇرۇتۇش ماشىنىسىنىڭ تىۋىت سۈزگۈچىدە بايقالغان تىۋىتكە ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ رەڭ بەلكىم شۇ كىشى كىيگەن بارلىق كىيىم رەڭلىرىنىڭ ئارلاشمىسىنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئۇنىڭ يىغىپ ساقلىغان بۇ نەرسىلىرى، بىر تۈرلۈك دۇنيا جىنىس رېكورتىنى ياراتقان بولۇپ، كېيىن ئۇ ھەتتا بىر مۇزېيغا ئۆزىنىڭ كىندىك تىۋىتى قاچىلانغان ئۈچ بوتۇلكىنى ساتقان بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈشكەن باھا ئاشكارىلانمىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ يىغىپ ساقلىغان بۇ نەرسىلىرىنى «بىر تۈرلۈك ئالاھىدە دۇنيا رېكورتى سۈپىتىدە مەدەنىيەت مىراسى قىلىشقا بولىدۇ» دەپ قارايدىكەن.

3. قىزىلمۇچ قىيامى

ۋىك كلىنكو ئىسملىك بۇ ئادەم مۇچنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭ يىغىپ ساقلىغان 6000 بوتۇلكا مۇچ قىيامىدىنلا ئۇنىڭ مۇچ قىيامىغا بولغان «ھەقىقىي مۇھەببىتى»نى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇ جەمئىي 17 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، بۇ 6000 بوتۇلكا مۇچ قىيامىنى يىغقان. بۇ مۇچ قىياملىرى ئۇنىڭ ئامېرىكا ئارىزونا ئىشتاتىدىكى ئۆيىنىڭ تېمىغا تىزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قىممەت بىر قۇتىسىنىڭ بازار قىممىتى 900 دوللار (6300 يۈەن خەلق پۇلى)غا يارايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئاچچىق بىر خىل مۇچ قىيامى، «caldera 16mil» مۇچ قىيامىنىمۇ يىغىپ ساقلىغان. ۋىكنىڭ تەم تەڭشىگۈچلەرگە بولغان قىزىقىشى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا كۆپ پايدا ئەكېلىپ بەرگەن. ئۇ ئۆزىنى بىر يېتەكچى ھېسابلاپ، دائىم كۆپلىگەن مۇچ يېيىش مۇسابىقىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ تۇرىدۇ. بۇ مۇسابىقىلەردە مۇسابىقە قاتناشقۇچىلارنىڭ، مۇچنىڭ ئاچچىقىغا چىدىيالماي ئايلىنىپ كېتىشى ياكى قۇسۇش ئەھۋاللىرى كۆپ ئۇچرايدۇ.

4. كونۇسسىمان ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى

داۋىد مورگان ئىسىملىك ئەنگلىيەلىك بىر كىشى، ئۆيىدە 137 دانە ئوخشىمىغان كونۇسسىمان ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسىنى يىغىپ ساقلىغان بولۇپ، ھەر خىل تۈردىكى كونۇسسىمان ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. داۋىدنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن كونۇسسىمان ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسىنى كۆرۈپ كۆڭلى يېرىم بولغان، شۇڭا تاشلىۋېتىلگەن كونۇسسىمان ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىلىرىنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ، ئۇنى تازىلاپ ماشىنا ئىسكىلاتىغا قويۇپ قويغان، بۇنداق بولغاندا ئۇلار ئاسانلىقچە ئاپتاپقا قاقلىنىپ چۈرۈكلىشىپ كەتمەيدىكەن.

5. تاش

ئەگەر سىز قاتناش توساق بەلگىسىنى يىغىشنى «ئەخمىقانىلىق» دەپ قارىسىڭىز، ئۇنداقتا تاش يىغىشنى نېمە دېسەك بولار؟ ئىتالىيەلىك شائىر ۋە سەنئەتكار لۇيىجى رىنارى 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن باشلاپ، ئادىج دەرياسىنىڭ تېيىز ساھىلىدىكى تاشلارغا ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغان. لۇيىجى ئۆزى كۆرگەن شەكىلگە ئاساسەن تاشلارنى تۈرگە ئايرىغان، مەسىلەن، ئادەمنىڭ يان يۈزى، ھايۋانلارنىڭ بېشى ۋە خىزمەت قورالى قاتارلىقلار. ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىرغىچە زادى قانچىلىك تاش ساقلىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، بىراق ئۇ «مەن يىغىپ ساقلىغان بۇ تاشلار زور ئەھمىيەتكە ئىگە» دەيدۇ.

6. سېرىق ھەرە كۆنىكى

كۆپ ساندىكى كىشىلەر سېرىق ھەرىنىڭ ئۇۋىسىنى كۆرسىلا دەرھال ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، لېكىن تېررىي پروتى بۇنىڭ سىرتىدا، چۈنكى ئۇ سېرىق ھەرىنىڭ ئۇۋىسىنى يىغىشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ سېرىق ھەرىنىڭ ئۇۋىسىنى يىغىۋاتقىلى 25 يىل بولغان. ئامېرىكىنىڭ ئوكلاخوما ئىشتاتىدىكى بۇ كىشى، كىچىك ۋاقتىدىلا سېرىق ھەرىگە «مەپتۇن» بولۇپ قالغان بولۇپ، ئۇ ھازىرمۇ ئىزچىل ھالدا سېرىق ھەرىنىڭ ئۇۋىسىنى يىغىپ كېلىۋاتىدۇ.

ئۆزىنى «سېرىق ھەرە بالا» دەپ ئاتىۋالغان، تېررىي يىغقان سېرىق ھەرە ئۇۋىسىنىڭ كۆپىنچىسىنى توردىن سېتىۋالغان بولۇپ، بەزىدە سۈپىتى ياخشى سېرىق ھەرە كۆنىكىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن، ھەتتا 200 ئامېرىكا دوللىرى (1400 يۈەن خەلق پۇلى) خەجلىگەن ۋاقىتلىرىمۇ بولغان. ئۇ سېرىق ھەرە توغرىسىدا توختىلىپ: «كىشىلەر ھەمىشە سېرىق ھەرىنى ناھايىتى ئۆچ كۆرىدۇ، ئەمەلىيەتتە سېرىق ھەرە ئۇنداق ئەسكى ئەمەس، سېرىق ھەرىلەرنىڭ يامان ئاتاققا قېلىشى ئادالەتسىزلىك» دېگەن.

7. شەكلى غەلىتە بەرەنگى ياپراقچىسى

بەرەنگى ياپراقچىسى بولسا نۇرغۇن كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان بىر خىل ئۇششاق يېمەكلىك، لېكىن ئادەتتە كۆپىنچىمىز ئۇنى ئاغزىمىزغا تۆكۈپلا يەپ، ئۇنىڭ شەكلىگە ئانچە دىققەت قىلمايمىز. بىراق مېرتېل ياڭ ئىسىملىك بۇ كىشىنىڭ بەرەنگى ياپراقچىسىغا تۇتقان «پوزىتسىيەسى» بىر قەدەر «ئالاھىدە» بولۇپ، ئۇ مەخسۇس ۋاقىت سەرپ قىلىپ بەرەنگى ياپراقچىسىنى كۆزىتىدۇ ھەمدە شەكلى غەلىتە بەرەنگى ياپراقچىسىنى يىغىپ ساقلايدۇ.

ئەمەلىيەتتە ئۇنى بىر «بەرەنگى ياپراقچىسىنى تەكشۈرگۈچى» دېسەك ھەرگىزمۇ ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز. چۈنكى ئۇ ھەربىر بەرەنگى ياپراقچىسىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، غەلىتە شەكىلدىكى قىزىقارلىق بەرەنگى ياپراقچىلىرىنى يىغىپ ساقلايدۇ. ئۇ ساقلىغان غەلىتە بەرەنگى ياپراقچىلىرىنىڭ ئىچىدە ئىچىدە ئىت بىشى شەكلى، بىر دانە پەلەينىڭ شەكلى، بىر دانە كېپىنەكنىڭ شەكلى، يەنە بىر جۈپ ئوپمۇ-ئوخشاش بولغان پادىچىلار ئۆتۈكىنىڭ شەكلى قاتارلىقلار بار.

8. نىكوتىن سېغىزى

باررىنىڭ تاماكا خۇمارى ئەسلىدە ناھايىتى كۈچلۈك باررى شەپول بىر قېتىملىق خەلقئارالىق نۆۋەتچى ئايروپىلاندا، بىر قۇتا سېغىزنى ئېلىۋىلىپ، شۇ ئارقىلىق تاماكىنىڭ خۇمارىنى باسماقچى بولغان. ئايروپىلاندا تاماكا چېكىشكە بولمىغانلىقتىن، بارى نىكوتىن سېغىزىنى چايناپ ئۆزىنىڭ خۇمارىنى باسقان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بۇ خىل تەمدىكى سېغىزغا ئالاھىدە قىزىقىپ قالغان ۋە شۇ خىلدىكى سېغىزنى يىغىپ ساقلاشقا باشلىغان. ئۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ جەمئىي 95مىڭ 200 دانە سېغىزنى يىغىپ ساقلىغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ سېغىزلارنى چايناپ تۈگەتكەن، غايەت زور سېغىز شارچىسىنىڭ ئېغىرلىقى 79 كىلوگىرامغا يەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە باررىمۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا تاماكا تاشلاش مەقسىتىگە يەتكەن.

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى