ساغلاملىق

كەچۈرۈڭ، مەن ئەيدىز بىمارى: ئۇ بولغاچقىلا تۇرمۇشۇم ئۈمىدكە تولدى

«قالغان ئۆمرۈمدە قەيەرگە مېڭىشىمنى بىلمەيمەن، لېكىن مەن يەنىلا مېنى قۇتقۇزىدىغان بىر ئادەمنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن. بىر ئۆمۈر گۈزەل مەنزىرىلەرنى سىز بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۆرۈشنى، بىر ئۆمۈر قايغۇ ۋە خۇشاللىقنى سىزگە سۆزلەپ بېرىشنىلا خالايمەن.»

كەچۈرۈڭ، مەن ئەيدىز بىمارى: ئۇ بولغاچقىلا تۇرمۇشۇم ئۈمىدكە تولدى

بۇ شياۋچى(ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ماڭا دېگەن گەپ، ئۇ مېنىڭ بىر ئايال توردىشىم، شۇنداقلا مېنىڭ بىر ئەيدىز بىمارىم. ئۇنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش كېسەللىك تارىخى بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقىنىمغا يېرىم يىل بولدى. ئۇ تۇرمۇشىنى مەن بىلەن ئورتاقلاشتى، كېيىن مەنمۇ تەسىراتىمنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەردىم. ئۇمۇ تىرىشىپ ئۆزىنى بۇ پاسسپلىققا تولغان تۇرمۇشتىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقتى.

كەچۈرۈڭ، مەن ئەيدىز بىمارى: ئۇ بولغاچقىلا تۇرمۇشۇم ئۈمىدكە تولدى

2013-يىلى شياۋچى ئەمدىلا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرى بىلەن مەكتەپتىن چىقىپ، پارلاق كەلگۈسىگە قاراپ ئاتلاندى. ئەسلىدە خىزمەتكە چىقىپ ناھايىتى ياخشى بىر ئورۇنغا كىرەلەيتتى، ئەمما خىزمەتكە چىقىپ سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە ئەيدىز كېسىلى تەكشۈرۈپ چىقىلدى. تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ شۇم خەۋەر ئۇنىڭ يول بويى ياخشى ئىشلارغا قاراپ مېڭىشىنى توسۇپ قالدى، شۇنداقلا ئۇنىڭ كىشىلىك تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى. ئۇ ھەتتا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بەكرەك يېقىنلىشىشقا، بىر خىزمەت ئورنىدا بەك ئۇزۇن تۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمىدى. نۇرغۇن قېتىم ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ توي قىلىشقا ئالدىرىتىشىنى رەت قىلدى. ئۇ ئەسلىدە بۇ ئىشنى بىر ئۆمۈر يوشۇرۇپ قالماقچى بولغان بولسىمۇ، ئويلىمىغان يەردىن توردا بىر ئەر بىلەن تونۇشۇپ قالدى.

كەچۈرۈڭ، مەن ئەيدىز بىمارى: ئۇ بولغاچقىلا تۇرمۇشۇم ئۈمىدكە تولدى

ئۇ ئەرمۇ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بولۇپ، شياۋچىدىن 10 ياش كىچىك ئىدى. ئۇنىڭمۇ ئەيدىز كېسىلى بايقالغاچقا، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئايالىغا ئىقرار قىلىپ، ئۆيدىن چىقىپ كېتىشنى تاللاپ، ئاتا-ئانىسى بەرگەن ئىككى يۈرۈش ئۆينىڭ ھەممىسىنى ئايالىغا، ئۈچ ياشلىق ئوغلىنى ئاتا-ئانىسىغا قالدۇرۇپ كەتمەكچى بولغانىدى. ئۇ ئەسلىدە ئادەم يوق يەرنى تېپىپ ئۆز ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولغان بولسىمۇ، ئوغلىنى يالغۇز قويۇپ كېتەلمىدى. ئۇ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشنى تاللىدى، شياۋچى ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقاندا، ئۇنىڭ شۇ جايدا بەش زەنجىرسىمان دورىخانىسى بار ئىدى. شياۋچى دەسلەپتە ئۇلارنىڭ ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالغانلىقىنى، ئەگەر ئىككى يىللىق تور ئالاقىسى بولمىغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئۇچرىشىشقا چىقمايدىغانلىقىنى ئېيىتتى. گەرچە بىر شەھەردە بولغان تەقدىردىمۇ، قارشى تەرەپكە ۋاقتىدا تاماق يېيىشنى تاپىلاپ، ۋاقتىدا دورا يېيىشىنى نازارەت قىلاتتى. خۇددى ئىككى جايدىكى ئاشىق-مەشۇقلاردەك ئىككى جايدا ئايرىلىپ تۇرغان تەقدىردىمۇ، ھەر كۈنى بىر- بىرىگە كۆڭۈل بىلىشنى توختاتمايىتتى.

كەچۈرۈڭ، مەن ئەيدىز بىمارى: ئۇ بولغاچقىلا تۇرمۇشۇم ئۈمىدكە تولدى

شياۋچى ئەينى چاغدا خىزمىتى يوقلىقىنى، ئۆزىمۇ بىر خىزمەتنى ئۇزۇن قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭغا ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ دورىخانىسىدا دورا سېتىپ بېرىشكە ماقۇل بولدى. دورىخانىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى توي قىلمىغان كىچىك قىزلار بولۇپ، 30 ياشتىن ئاشقان بىر بويتاق زەنجىرسىمان دورىخانا خوجايىنى ئالدىدا، ئۇ تەبىئىيلا باشقا قىزلارنىڭ دۈشمەنگە ئايلىنىپ قالدى. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى خىزمەتنىمۇ قىلالماي قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ شياۋچىنى ئۆيىدە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشقا قويدى. شياۋچىمۇ بۇ «ئائىلە»نىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئۆز «تەۋەلىك»نى تاپقاندەك بولۇپ تۇرمۇشىدا ئۈمىد تۇغۇلدى. چۈنكى ئۇزۇن مۇددەت قانۇنىيەتلىك دورا ئىچكەچكە، بەدىنىدە بىئاراملىق كۆرۈلۈپ باقمىدى. قەرەللىك تەكشۈرۈشنىڭ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلىرىمۇ نورمال بولۇپ، شياۋچى ئۆزىنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوقلىقىغا ئىشىنىشكە باشلىدى. شۇنداقلا مۇشۇنداق بىر كۆيۈمچان ئەر ئۇنىڭغا بالىقىنى ئاتىدى ھەمدە ئۇنىمۇ، ئۆزىنىمۇ قۇتقازغان ئىدى.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى