رومانتىزم مۇزىكىلىرىنىڭ ۋەكىلى- شۇبېرت
1797-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى ئاۋسترىيەلىك داڭلىق مۇزىكانت فىرانز شۇبېرت (Franz Schubert) ۋېنادا تۇغۇلغان. شۇبېرت ئاۋسترىيەلىك داڭلىق كومپوزىتور، دەسلەپكى رومانتىزم مۇزىكىلىرىنىڭ ۋەكىلى. گەرچە ئۇنىڭ ھاياتى ناھايىتى قىسقا بولسىمۇ، لېكىن بىزگە مول مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن. ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شۇبېرت ھاياتىدا جەمئىي 1100دىن ئارتۇق ئەسەر يازغان. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «تاماملانمىغان سىمفونىيە»،«تروت بېلىقى» ناملىق كىۋىنتېت، يۈرۈشلۈك ناخشىلىق مۇزىكا «گۈزەل تۈگمەنچى قىز»،«قىشلىق ساياھەت»،«ئاققۇ ناخشىسى» قاتارلىقلار بار. يۇقىرىدىكى رەسىم بولسا ئاۋسترىيەلىك داڭلىق سىمۋولىزم رەسسامى گۇستاف كرىمت 1899-يىلى تاماملىغان «شۇبېرت پىيانىنونىڭ ئالدىدا» ناملىق ماي بوياق ئەسىرى بولۇپ، ئەسەردە شۇبېرتنىڭ يۈز قىسمى ۋە قوللىرىنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىدىكى تەسۋىرلەر بىلەن غۇۋا بەدەن قىياپىتى ۋە توقۇلما ئۆزئارا ماسلاشقان.
شۇبېرت
شۇبېرت ئاۋسترىيەنىڭ رىختېنتال دېگەن جايدىكى بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى شۇ جايدىكى ناھايىتى مەسئۇلىيەتچان مەكتەپ مۇدىرى ئىدى. شۇبېرت سەككىز يېشىدىن باشلاپ ئىسكىرىپكا چېلىشنى ئۆگەنگەن، 11 يېشىدا ۋيېنا ئوردا خور ئۆمىكىگە كىرىپ بالا ناخشىچى بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ناخشا-مۇزىكا مەكتىپىدە ئوقۇپ مەكتەپنىڭ مۇزىكا ئەترىتىگە قاتنىشىپ، ئىتالىيەلىك تۇنجى ئىسكىرىپكىچى ھەم كومپوزىتور سالېرىنى ئۇستاز تۇتۇپ نەزەرىيە ئۆگەنگەن. 1812-يىلى شۇبېرت يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ قايتا ئويلىنىش مەزگىلىگە قەدەم قويغان، شۇڭا ئوركېستىرنىڭ ناخشىچىسى بولماي، ساينىت ئانا ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ پىداگوگىكا مەكتىپىدە ئوقۇغان، 1814-يىلى ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن، دادىسى ۋەزىپە ئۆتىگەن مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، كېيىن خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەچكە، دادىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى جىددىيلەشكەن، ھەتتا بىر مەھەل مۇناسىۋىتى ئۈزۈلگەن. ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان شۇبېرت مۇقىم كىرىم مەنبەسىدىن ئايرىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىققا تايىنىپ جان باققان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ سالامەتلىكى ئانچە ياخشى بولمىغاچقا، ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان، شۇنداق بولسىمۇ ئۇ مۇزىكىغا بولغان ئىشتىياقىدىن ۋاز كەچمەي، قەيسەر ئىرادىسى بىلەن نۇرغۇن مۇنەۋۋەر مۇزىكا ئەسەرلىرىنى يېزىپ پۈتكۈزگەن. 1828-يىلى شۇبېرت كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن، ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئارزۇسى بويىچە بېتخوۋېننىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان.