تەبىئەت

تەبىئەتنىڭ ئەڭ ئاچچىق مەسخىرىسى-دەريانىڭ يولىنى ئۆزگەرتىشى

تەبىئەتنىڭ ئەڭ ئاچچىق مەسخىرىسى-دەريانىڭ يولىنى ئۆزگەرتىشى

ھوندۇراسنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى چولۇتېكا (Choluteca) ئۆلكىسنىڭ ئىچىدە بىر چولۇتېكا دەيدىغان شەھەر بار بولۇپ، شۇ جايدىكى چولۇتېكا دەرياسىدا ئىككى چوڭ كۆۋرۈكنىڭ ھەر ئىككىلىسى چولۇتېكا كۆۋرۈكى دەپ ئاتىلىدۇ. كونا چولۇتېكا كۆۋرۈكىنى 1935-يىلىدىن 1937-يىلىغىچە ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيە قۇرۇلۇش قىسمى ياسىغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 300 مېتىر كېلىدۇ.

تەبىئەتنىڭ ئەڭ ئاچچىق مەسخىرىسى-دەريانىڭ يولىنى ئۆزگەرتىشى

يېڭى چولۇتېكا كۆۋرۈكى ناھايىتى قالتىس بولۇپ، ياپونىيەدىكى ئون چوڭ قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ بىرى بولغان ئاندو پازىنا شىركىتىنى كۆرەڭلەتكەن ۋەكىللىك ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. يېڭى كۆۋرۈكنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 484 مېتىر بولۇپ، ھوندۇراسدىكى ئەڭ ئۇزۇن، شۇنداقلا ياپونىيە شىركىتى لاتىن ئامېرىكىسىدا ياسىغان ئەڭ چوڭ كۆۋرۈك. چولۇتېكانىڭ ھوندۇراسدىكى ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك ئورنىنى ئويلاشقاندا، ئۇ يەر يىل بويى قارا بوراننىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ تۇرىدىغان دېڭىز بويىدىكى پورت شەھىرى. ھوندۇراس ھۆكۈمىتى ئەينى ۋاقىتتا ياپونىيە ئارخىتېكتورلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە «ھەرقانداق قارا بورانغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان» كۆۋرۈك ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلغان. توغرا كېلىپ قالغىنى، بۇ يېڭى كۆۋرۈك 1996-يىلى سېلىنغاندىن تارتىپ 1998-يىلىغىچە، قۇرۇلۇش ئەمدىلا تاماملىنىشىغا ئەينى يىلى ئاتلانتىك ئوكياندىكى ئەڭ ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك «مىچى» قارا بورىنى چىقىپ «تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش»قا دۇچ كەلگەن. ئۇنداقتا بۇ قارا بوران قانچىلىك قورقۇنچلۇق؟

تەبىئەتنىڭ ئەڭ ئاچچىق مەسخىرىسى-دەريانىڭ يولىنى ئۆزگەرتىشى

مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ قارا بوران ئەينى ۋاقىتتا ئەڭ يۇقىرى سىجىل شامال تېزلىكى سائىتىگە 290 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن يېڭى رېكورت ياراتقان. ئاز دېگەندىمۇ 11 مىڭ ئادەم قازا قىلىپ، 11 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يوقاپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىككى مىليون 700 مىڭ ئادەم ئۆي ماكانسىز قالغان. بۇنداق تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن سىناق ئالدىدا، ئامېرىكا ئارمىيىسى نەچچە ئون يىل بۇرۇن سالغان كونا چولۇتېكا كۆۋرۈكى، يەنە ھوندۇراس تەۋەسىدىكى سانسىزلىغان ئادەتتىكى كۆۋرۈكلەر بىۋاستە ۋەيران بولغان. شۇڭا سۈرەتتىكى «كونا كۆۋرۈك» قارىماققا شۇنداق يېڭى كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە 2002-يىلى يەرلىك ھۆكۈمەت تەشكىللەپ ئۆزگەرتىپ، رېمونت قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدىن بولغان.

تەبىئەتنىڭ ئەڭ ئاچچىق مەسخىرىسى-دەريانىڭ يولىنى ئۆزگەرتىشى

كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، ئەمدىلا پۈتكەن يېڭى چولۇتېكا كۆۋرۈكى قارا بورانغا بەرداشلىق بېرىپ، دەريادا مۇكەممەل قەد كۆتۈرۈپ، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ھەقىقەتەن «ھەرقانداق قارا بورانغا بەرداشلىق بېرىش» قۇرۇلۇش ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. بىراق قارا بوران ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئەسلىدىكى كۆۋرۈككە تۇتىشىدىغان شۇ جايدىكى يوللار، ھەتتا دەريا قىرغىقىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئۆيلەر، كەنتلەرمۇ غايىب بولغان. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇنىڭ بىر كۆۋرۈكلۈك رولى، ئەھمىيىتى ۋە قىممىتى يوققا چىققان. بۇ كۆۋرۈك ئەسلىدە ھوندۇراسنىڭ قارا بورانغا تىز پۈكمەيدىغان قارشىلىق كۆرسىتىش روھىنىڭ ۋەكىلى بولسىمۇ، ئەمما تەبىئەت مەنسىتمەسلىك بىلەن ئۇنى بۇزۇپ، ئىنسانلارنى تەتۈر قولى بىلەن بىر كاچات سالغان. تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكىنى شۇكى، ھوندۇراس ھۆكۈمىتى ئېسىنى يىغىپ ئاندىن يولنى ئۇلاپ بولغۇچە، چولۇتېكا دەرياسىنىڭ يولى ئۆزگىرىپ كەتكەن. بىر نەچچە يىلدىن كېيىن بەزىلەر دەريادىن ئايرىلغان يېڭى چولۇتېكا كۆۋرۈكىنى سۈرەتكە تارتىپ تورغا چىقارغان. نۇرغۇن تورداشلار بەس-بەستە: «بۇ سەنئەت كۆۋرۈكىمۇ؟ ھوندۇراسنىڭ شۇنچە كۆپ پۇلى بارمۇ؟» دەپ سوئال قويغان.

تەبىئەتنىڭ ئەڭ ئاچچىق مەسخىرىسى-دەريانىڭ يولىنى ئۆزگەرتىشى

ئۇنىڭ ئۈستىگە قارا بوران ھېلىلا ئۆتۈپ كەتكەن چاغدىكى سۈرەتلەردىن دەريا ئېقىنىدا تېخى يول ئۆزگەرتىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلېكىنى كۆرەلەيمىز. دەريا ئېقىنى يۆتكىلىشتە، ئادەتتە سۇ ئېقىنىنىڭ توسمىنى چىرىتىشى ۋە لاي-لاتقىلارنىڭ سۇدا تىنىشىدىن ئىبارەت ئىككى خىل تەسىرى بولىدۇ. شۇڭا قارا بوراننىڭ چولۇتېكا دەرياسىغا ئېلىپ كەلگەن ئەڭ چوڭ تەسىرى شۇكى، بىرىنچىدىن ئىككى قىرغاقتىكى قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش رولىنى ئوينىغان دەل-دەرەخ ۋە قۇرۇلۇشلارنى ۋەيران قىلىدۇ؛ ئىككىنچىدىن زور مىقداردا ھۆل-يېغىن ۋە يۇقىرى ئېقىندىكى لاي-لاتقىلارنى پەيدا قىلدۇ.

تەبىئەتنىڭ ئەڭ ئاچچىق مەسخىرىسى-دەريانىڭ يولىنى ئۆزگەرتىشى

خاتىرىگە قارىغاندا، قارا بوران مىچى ھوندۇراس تەۋەسىدىكى %70تىن %80كىچە بولغان قاتناش تىرانسپورت تورىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن. 85 مىڭ يۈرۈش ئۆي ۋەيران بولۇپ، بىر مىليون 500 مىڭ كىشى يۇرت ماكانىدىن ئايرىلىپ، تەخمىنەن 7000 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. چالۇتېكا دېڭىز ياقىسى بىرقانچە يىل ئىچىدىلا مالىيە كۈچىنى باشقۇرالمايدىغان «ئالۋاستى شەھىرى»گە ئايلانغان.

تەبىئەتنىڭ ئەڭ ئاچچىق مەسخىرىسى-دەريانىڭ يولىنى ئۆزگەرتىشى

ھازىر بۇ يەردە ئادەملەرنىڭ ھەممىسى كېتىپ، يەرلەرمۇ قاقاسلىشىپ، تەبىئىي مۇھىت ئەسلىدىكى ئىنسانلارنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇپ ياۋايىلارچە ئۆزگۈرۈشكە باشلىغان. ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت دەريا يېنىدىكى بىر چوڭ كۆۋرۈك ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يول ئۆزگەرتىشىگە قىلچە پەرۋا قىلمىغان. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، بۇ ۋەقە ھازىر ياۋروپا-ئامېرىكا تىجارەتچىلىرىنىڭ بازارنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، قانداق قىلىپ «ئۆزىنىڭ سودا كۆۋرۈكىنى توغرا دەريا يۈزىگە سېلىش كېرەك» دېگەندەك جانلىق مىسالغا ئايلانغان. لېكىن بۇ مىسال ئاساسىي قۇرۇلۇش تەلۋىلىرى دۆلىتىدە پەيدا بولسا، كىشىلەر تەرىپىدىن مەسخىرە قىلىنىشى مۇمكىن.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى