ساغلاملىق

چېچىڭىز بەك چۈشۈپ كېتىۋاتامدۇ؟

نۇرغۇنلىغان كىشىلەر «باش تېرىسى دائىم مايلىشىپ كېتىش، چاچنى يۇيۇپ بولۇپ بىر كۈنگە قالمايلا چاپلىشىپ كېتىش» دېگەندەك مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ. كۆپىنچە چاچ مايلىشىش دائىم چاچ چۈشۈش بىلەن بىللە پەيدا بولىدۇ، بۇ مېدىتسىنادا «ياغلىق چاچ چۈشۈش» دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۆزىمىزنىڭ چېچى چۈشۈشنىڭ ياغلىق چاچ چۈشۈشىگە تەۋە ياكى ئەمەسلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلىمىز؟

چېچىڭىز بەك چۈشۈپ كېتىۋاتامدۇ؟ (ئېلان ئەمەس)

ياغلىق چاچ چۈشۈش پاتولوگىيەلىك چاچ چۈشۈشكە تەۋە بولۇپ، چاچ چۈشۈشتىكى «راك كېسىلى» دەپ نامى بار بولۇپ، كۆپىنچە ياشلاردا كۆرۈلىدۇ. كۆپ قىسىم چاچ چۈشۈش پېشانىنىڭ ئىككى تەرىپى ۋە بېشىنىڭ چوققىسىدىن باشلىنىدىغان بولۇپ، ئاستا-ئاستا تاقىر باش بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر روشەن ئالاھىدىلىك بار، ئۇ بولسىمۇ چۈشۈپ كەتكەن چاچ يىلتىزىدا چوقۇم ئاق رەڭلىك يېپىشتۇرغۇچى ماددا بولىدۇ. كۆپىنچە باش كېپىكى كۆپ بولۇش، قىچىشىش، چېچى مايلىق ھەم يۇمشاق بولۇش، باش قىسمىدىكى چاچ بارا-بارا شالاڭلىشىش، ھەتتا پۈتۈنلەي تاقىرباش بولۇپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، چاچ چۈشۈش سۈرئىتى ۋە دائىرىسى ئادەمگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ.

ياپياش تۇرۇپلا تاقىر باش بولۇپ قالسا ھەقىقەتەن كۆرۈمسىز بولۇپ قالىدۇ، گەرچە جىسمانىي جەھەتتىن ھېچقانداق ئازاب تارتمىسىمۇ، لېكىن كەسىپ تاللاش، توي قىلىش قاتارلىقلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، روھىي جەھەتتىن ھەقىقەتەن چىدىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، دەسلەپكى مەزگىلدىلا «ياغلىق چاچ چۈشۈش» تىن ئىبارەت تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئىنتايىن مۇھىم. تۆۋەندە كۆپچىلىككە ياغلىق چاچ چۈشۈشكە گىرىپتار بولغانلارنىڭ يېمەك-ئىچمەكتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلارنى تونۇشتۇرىمىز.

ياغلىق چاچ چۈشۈش ئەھۋالى يۈز بەرگەندە يېمەك-ئىچمەكتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:

چېچىڭىز بەك چۈشۈپ كېتىۋاتامدۇ؟ (ئېلان ئەمەس)

1. ئاقسىل چاچنىڭ ئاساسلىق ئوزۇقلۇق تەركىبى. شۇڭا سۈت، تۇخۇم، ئورۇق گۆش، بېلىق قاتارلىق ئاقسىل مول بولغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش كېرەك.
2. تەركىبىدە ۋىتامىن B گۇرۇپپىسى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كېرەك. ۋىتامىن B نىڭ ياغسىمان تەنچىنىڭ مېتابولىزمىنى تەڭشەش، تېرە يېغىغا قارشى تۇرۇش، چاچنىڭ قايتا ئۆسۈشىنى غىدىقلاش رولى بار. مەسىلەن، بەرەنگى، باقىلە، كۆك بېلىق، ئاپېلسىن، كۈنجۈت قاتارلىقلارنى يېسە بولىدۇ.
3. تەركىبىدە ۋىتامىن A بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك. ۋىتامىن A ئېپىتېلىيە توقۇلمىلىرىنىڭ نورمال ئىقتىدارى ۋە قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەسىلەن، سەۋزە، پالەك، قىچا، كۈدە، كەرەپشە، بۇغداش، ئۆرۈك قاتارلىقلار.

4. كۆپ مىقداردىكى چاچ چۈشۈش كۆپىنچە سىنك كەملىكتىن بولىدۇ. سىنك چاچنىڭ توقۇلمىلىرىنى ياخشىلاپ، چاچنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە پارقىراقلىقىنى ئاشۇرىدۇ، شۇڭا چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا ھايۋانات جىگىرى، قۇرۇق مېۋە قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلار مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك.
5. مايلىق ئاجرالمىلار كۆپ بولغانلار تالالىق يېمەكلىكلەر ۋە قارا ئاشلىقنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا، چاچنىڭ مايلىقلىق دەرىجىسىنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق، مەسىلەن، دولانا، بۆلجۈرگەن قاتارلىقلار.
6. ياغلىق چاچ چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلگەن كىشىلەر تولۇق مايلىق سۈت، قايماق ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر، شاكىلات، تاتلىق يېمەكلىكلەر، ھاراق، قويۇق قەھۋە ۋە باشقا غىدىقلىغۇچى ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك، تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ، بولمىسا ئاسان چاچ چۈشۈپ كېتىدۇ، يەنە چاچنىڭ ئۆسۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ياغلىق چاچ چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلگەن كىشىلەر كۆڭلىنى ئازادە تۇتۇپ، روھىي جەھەتتىن غىدىقلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. چوڭ تەرەتنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، چاچ يۇيۇش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىش كېرەك، چاچ يۇيۇش ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە باسقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئالدى بىلەن چاچنى تاراپ، ئاندىن سۈزۈك سۇ بىلەن باشنى يۇيىمىز، ئاندىن چا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن يۇيىمىز، ئاندىن چاچ ئاسراش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىمىز، ئەڭ ئاخىرىدا قۇرۇق لۆڭگە بىلەن چاچتىكى سۇنى قۇرتىمىز. ھەرگىز چاچ قۇرۇتقۇچ ئىشلەتمەيمىز، چۈنكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا چاچقا زىيان يەتكۈزىدۇ.

چېچىڭىز بەك چۈشۈپ كېتىۋاتامدۇ؟ (ئېلان ئەمەس)

ئەلۋەتتە، پەقەت يېمەك-ئىچمەكنى كونترول قىلىپلا چوقۇم ياخشىلىغىلى بولىدۇ دېمەكچى ئەمەس، ياغلىق چاچ چۈشۈشنى ئىچكى مەنبە ۋە تاشقى مۇھىتتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتىن ياخشىلاش كېرەك بولۇپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا كۆپ خىل ئۇسۇللارنى بىرلەشتۈرۈپ، ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى ماسلاشتۇرغاندىلا ئاندىن ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى