يېمەك-ئىچمەك

تۆۋەن ياغلىق ۋە تۆۋەن كاربوناتلىق ئوزۇقلىنىش دېگەن نېمە؟

تۆۋەن ياغلىق ۋە تۆۋەن كاربوناتلىق ئوزۇقلىنىش دېگەن نېمە؟

* تۆۋەن ياغلىق ئوزۇقلىنىش دېگەن نېمە؟

ياغ ئىنسانلار مېتابولىزمدىكى زۆرۈر ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ بىرى. ئەگەر قوبۇللىنىشى ئۇزاق مۇددەت يېتەرسىز بولسا، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەش، ئىچكى ئاجراتما ۋە مېتابولىزم قالايمىقانلىشىش، ياغدا ئېرىشچان ۋىتامىن ۋە مېنېرال ماددىلارنىڭ كەملىكىدەك مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

تۆۋەن ياغلىق ئوزۇقلىنىش ياغنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئومۇمىي ئېنېرگىيەسىنىڭ %30دىن تۆۋەن قىسمىنى ياكى كۈندىلىك قوبۇللىنىش مىقدارىنىڭ 50 گىرامدىن ئاشماسلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

قانداق كىشىلەر تۆۋەن ياغلىق ئوزۇقلىنىشى كېرەك؟

1. ئاشقازان، ئۆت، ئاشقازان ئاستى بېزى، كىچىك ئۈچەي ئىقتىدارى زەخمىگە ئۇچرىغانلار؛

2. قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى ھەمدە سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار.

تۆۋەن ياغلىق ئوزۇقلىنىشنىڭ پايدىسى:

تۆۋەن ياغلىق ئوزۇقلىنىش كۆرۈنەرلىك ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ساغلاملىق ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، سۈت بېزى راكى بىلەن قازا قىلىش نىسبتىنى %15~%35، ئىنسۇلىنغا تايىنىشچان دىيابېت كېسىلىنىڭ خەۋپىنى %13~%25، تاجسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ خەۋپىنى %15~%30 تۆۋەنلىتىدۇ.

تۆۋەن ياغلىق ۋە تۆۋەن كاربوناتلىق ئوزۇقلىنىش دېگەن نېمە؟

* تۆۋەن كاربونلۇق ئوزۇقلىنىش دېگەن نېمە؟

تۆۋەن كاربونلۇق يېمەك-ئىچمەك ياغنى ئاساس قىلغان، مۇۋاپىق مىقداردىكى ئاقسىل (ياكى يۇقىرى ئاقسىل، ئوتتۇرا دەرىجىدىكى ياغ) ۋە تۆۋەن كاربونلۇق سۇ قوبۇللاشتەك ئوزۇقلۇق ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ.

قانداق كىشىلەر تۆۋەن كاربوناتلىق ئوزۇقلىنىشقا ماس كېلىدۇ؟

بەدەن ئېغىرلىقىنى چۈشۈرۈشتە باش قېتىنچىلىقى بارلار كەسپىي خادىملارنىڭ نازارىتىدە، قىسقا مەزگىل سىناپ كۆرسە بولىدۇ، بىراق مەقسەتكە يەتكەندىن كېيىن، بارا-بارا ساغلام بولغان تەڭپۇڭ ئوزۇقلىنىشقا قايتىشى كېرەك. تۆۋەن كاربوناتلىق ئوزۇقلىنىش قاندىكى قەنتنى تۆۋەنلىتىش، قەۋزىيەت ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى پەيدا قىلىشتەك كەمچىللىككە ئىگە.

كاربونات سۇ بىرىكمىلىرىنى قوبۇللاشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق مىقدارى قانچىلىك بولۇشى كېرەك؟

نورمال كىشىلەر كاربونات سۇ بىرىكمىلىرى %50تىن %65، ياغ %20دىن %30، ئاقسىل %10دىن %15 بولۇشتەك ئىلمىي ئوزۇقلىنىش ئەندىزىسىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.

كۈندىلىك غىزادا دائىم ئىنچىكە پىششىقلانغان ئۇن، گۈرۈچنىڭ بولۇشى تەشەببۇس قىلىنمايدۇ. قارا ئاشلىق ئاساسي غىزانىڭ %20دىن %30ىنى ئىگىلىشى كېرەك. ياشانغانلارنىڭ كۈندىلىك كاربونات سۇ بىرىكمىلىرىنى قوبۇللىشىنىڭ مىقدارى %50تىن تۆۋەن بولماسلىقى، ئاقسىل %20تىن، ياغ %30تىن ئاشماسلىقى كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى