يېمەك-ئىچمەك

چاي ئىچكەندە راستتىنلا ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغىلى بولامدۇ؟

چاي ئىچكەندە راستتىنلا ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغىلى بولامدۇ؟

ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى چاينىڭ تۈرلۈك ئۈنۈم قىممەتلىرى ئىچىدە كىشىنى ئەڭ زوقلاندۇرىدۇ.

بىۋاسىتە ئىستېمال قىلىشتىن باشقا، چايدىن ئايرىۋېلىنغان ماددىلاردىن پايدىلىنىپ ياسالغان تۈرلۈك تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىمۇ ئوخشاشلا ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.

كۆپ ساندىكى چايچىلار چاينىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولىنى «ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش» دەپ تەسۋىرلەشكە بەكرەك مايىل، لېكىن ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ئەمەلىيەتتە تېرە ھالىتىنى ياخشىلاش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ.

بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە چايدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى تەركىبلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارايلى.

چاي ئىچكەندە راستتىنلا ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغىلى بولامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش كېرەك؟

ئوكسىدلىنىش بىر خىل خىمىيىلىك رېئاكسىيە. پاكىز، سىلىق تۆمۈر پارچىسىنى ئۇزاق ۋاقىت ھاۋادا قويغاندا، ئوكسىدلىنىپ داتلاشقان تۆمۈرگە ئايلىنىدۇ؛ ياشلىقتىن قېرىشقىچە، ئىنسانلارنىڭ پۈتۈن يۈز قىسمىنىڭ ئۆزگىرىشىمۇ ئاستا-ئاستا ئوكسىدلىنىشنىڭ نەتىجىسىدۇر.

ئوكسىدلىنىش جەريانى ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىدۇ، ئادەم بەدىنى ھەر كۈنى ئېھتىياجلىق بولغان ئېنېرگىيەنى ساقلاش ئۈچۈن، ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەردە ھەر ۋاقىت ئوكسىدلىنىش رېئاكسىيەسى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، بۇ جەرياندا يەنە «ئەركىن رادىكال» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ماددا ھاسىل بولىدۇ.

چاي ئىچكەندە راستتىنلا ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغىلى بولامدۇ؟

ئەركىن رادىكالنىڭ مەۋجۇت بولۇشى، پايدا-زىياننىڭ ھەممىسى بار. بىر تەرەپتىن، ئادەم بەدىنىدىكى قاننىڭ ئايلىنىشى، روھنىڭ مەركەزلىشىشى قاتارلىق فىزىئولوگىيىلىك پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەركىن رادىكالنىڭ رولىغا تايىنىدۇ، ئەمما ئەركىن رادىكالنىڭ قويۇقلۇقى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا قېرىشنى تېزلىتىدۇ ھەمدە ھەر خىل كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇشنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئەركىن رادىكاللارنىڭ پەيدا بولۇشىنى چەكلەش ياكى بەدەندىكى زىيادە كۆپ ئەركىن رادىكاللارنى تازىلاپ، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش ۋە ساغلام ھالەتنى ساقلاشتىن ئىبارەت.

چاي ئىچكەندە راستتىنلا ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغىلى بولامدۇ؟

چاي تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدىغان قانداق تەركىبلەر بار؟

كاتېخولىن، فلاۋون تۈرىدىكىلەر، فېنول كىسلاتاسى ۋە كوندېنساتسىيە فېنول كىسلاتاسى تۈرىدىكىلەر، سىئانىدىن قاتارلىق بىرىكمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، چاي قۇرۇق ماددىسى ئومۇمىي مىقدارى تەخمىنەن %18دىن %36لىك چاي پولىفېنولىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇ چاي تەركىبىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى ئاساسلىق ماددا ھېسابلىنىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، چاي تەركىبىدە چاي پولىساخارىدى، بىيولوگىيەلىك ئىشقار، ۋىتامىن ۋە بەزى مىكرو ئېلېمېنتلار ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە.

تەبىئىي يېمەك-ئىچمەكتىكى ۋىتامىن C بىلەن ۋىتامىن E ھەممە ئېتىراپ قىلغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ئۈچ چوڭ ماددىنىڭ ئىككى تۈرى، لېكىن مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، چاي پولىفېنولىنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ۋىتامىن Cنىڭ 5 ~ 10 ھەسسىسىگە ۋە ۋىتامىن Eنىڭ 6 ~ 7 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن.

چاي ئىچكەندە راستتىنلا ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغىلى بولامدۇ؟

ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغاچقا، چاي پولىفېنولى «ئادەم بەدىنىنى تەبىئىي يېڭى پېتى ساقلاش دورىسى» دەپ تەرىپلىنىدۇ.

«جۇڭگو ئاخبارات ھەپتىلىك ژۇرنىلى»نىڭ ماقالە ئېلان قىلىپ تونۇشتۇرۇشىچە، بىر ئىستاكان 300 مىللىلىتىر چاينىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى بىر يېرىم بوتۇلكا قىزىل ئۈزۈم ھارىقى ياكى 12 بوتۇلكا ئاق ئۈزۈم ھارىقى ياكى 12 ئىستاكان پىۋا، ياكى تۆت ئالما، بەش باش پىياز ۋە ياكى يەتتە ئىستاكان يېڭى ئاپېلسىن شەربىتىگە باراۋەر كېلىدىكەن.

يۈننەن چوڭ يوپۇرماقلىق چېيى، سىئانىدىن (چاي پولىفېنولىنىڭ بىر تۈرى) تەركىبى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان سۆسۈن بىخ چېيى ۋە سۆسۈن كاككۇك چېيىنى سېلىشتۇرغاندا، قېرىشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا، ئاياللار ياخشى كۆرىدۇ.

چاي ئىچكەندە راستتىنلا ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغىلى بولامدۇ؟

ساغلام ئىچىملىكنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغاندىن سىرت، دائىم چاي ئىچىپ بەرگەندە ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىپ، قان شېكىرى، قاندىكى ماي ۋە قان بېسىمىنى مەلۇم دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ مىكروب ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

چاي ئىچكەندە راستتىنلا ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغىلى بولامدۇ؟

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چاي تەركىبىدە يەنە مول ئوزۇقلۇق تەركىبلەر بار بولۇپ، چاي پولىساخارىدى، ئامىنو كىسلاتاسى، ئاقسىل قاتارلىقلار ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالىدۇ.

چاي ئىچىش بىر خىل ئادەت، شۇنداقلا بىر خىل ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى. ئۆزگىچە چاي پۇرىقى ۋە لەززەتنى ھېس قىلغاندىن باشقا، پۈتۈن ئادەمنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ھالىتىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ، بۇنداق خۇشاللىقنى پەقەت چاي ئىچكەن ئادەملا چۈشىنىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى