ساغلاملىق

تۇيۇقسىز ھوشىدىن كەتسە مېڭە ئۆسمىسىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك.

كۆپچىلىك چوقۇم مۇشۇنداق تېلېۋىزىيە تىياتىرى بۆلىكىنى پىششىق بىلىدۇ: ھېكايە تەرەققىي قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا كەلگەندە، باش قەھرىمان ياكى باش قەھرىماننىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرى تۇيۇقسىز ھوشىدىن كېتىپ، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ، يامان سۈپەتلىك مېڭە ئۆسمىسىنى تەكشۈرۈپ چىقىدۇ، ئۇزاق ئۆتمەي بۇ دۇنيادىن ئايرىلىدۇ، بۇنىڭغا تاماشىبىنلار كۆز يېشى قىلىدۇ.

ئۇنداقتا بۇ خىل ئەھۋال رېئاللىقتا راستتىنلا مەۋجۇتمۇ؟

تۇيۇقسىز ھوشىدىن كەتسە مېڭە ئۆسمىسىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك.

مېڭە ئۆسمىسى نېمىشقا ئادەمنىڭ ھوشىدىن كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

مېڭە ئۆسمىسىنىڭ ھوشىدىن كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، دائىم كۆرۈلىدىغان سەۋەبلەر مېڭە ئۆسمە تېنى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، قان تومۇر ۋە نېرۋىلارنى بېسىۋېلىپ، باش قېيىپ ئايلىنىپ كېتىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا تېزدىن دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش ۋە داۋالىتىش كېرەك.

يەنە مېڭە ئۆسمىسى تۇتقاقلىق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، تۇتقاقلىق كېسىلى قوزغالغاندىمۇ ھوشىدىن كېتىدىغان، ھوشىدىن كەتكەندىن كېيىن بەدەن تارتىشىپ قېلىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ.

يامان سۈپەتلىك مېڭە ئۆسمىسى تەكشۈرۈپ چىقىلسا، ئۇزۇنغا قالماي جانغا زامىن بولامدۇ؟

گەرچە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا دائىم مۇشۇنداق رول ئالغان بولسىمۇ، لېكىن كۆپىنچىسى ۋەقەلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈندۇر، رېئال تۇرمۇشتا ئۇنداق ئەمەس!

ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، دىيافراگما دەرىجىلىك بىمارلارنى ئەگەر ئوپېراتسىيە قىلغىلى بولسا، ئۆسمىنى پۈتۈنلەي كېسىپ ئېلىۋەتسە، بىمارنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھايات قېلىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ.

يامان سۈپەتلىك يىلىم ئۆسمىسىنىڭ ئۆسۈشى تېز بولۇپ، داۋالانغاندىن كېيىن ئاسانلا قايتا قوزغىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يامان سۈپەتلىك دەرىجىسى ئۆرلەيدۇ، لېكىن دەرھال ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋالىمۇ ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ.

تۇيۇقسىز ھوشىدىن كەتسە مېڭە ئۆسمىسىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك.

مېڭە ئۆسمىسىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولامدۇ؟

ئەلۋەتتە بولىدۇ.

كىلىنىكىدا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى مېڭە ئۆسمىسىنى ناھايىتى ياخشى داۋالىغىلى بولىدۇ، ھەتتا بەزى ياخشى سۈپەتلىك مېڭە ئۆسمىسىنى پۈتۈنلەي ساقايتقىلى بولىدۇ.

شۇڭا مېڭە ئۆسمىسى بىمارلىرى كېسەلگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن ھەرگىزمۇ زىيادە ئۈمىدسىزلىنىپ كەتمەسلىكى، چوقۇم مۇنتىزىم داۋالاشنى قوبۇل قىلىشى، ھەرگىزمۇ ئۆزىنى تاشلىۋەتمەسلىكى كېرەك!

ئادەتتە، مېڭە ئۆسمىسى قانچە بالدۇر بايقىلىپ، بالدۇر داۋالانسا، داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ.

نۆۋەتتە مېڭە ئۆسمىسىنى داۋالاش ئۇسۇلى كۆپ خىل بولۇپ، ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش، رادىئوئاكتىپلىق داۋالاش، خىمىيىلىك داۋالاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كۆپ ساندىكىلىرى ئەتراپتىكى مېڭە توقۇلمىلىرىغا زىيان يەتكۈزمىگەن ئەھۋالدا، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆسمىنى كۆپرەك كېسىپ ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى قىلىپ داۋالاشنى ئاساس قىلىدۇ.

ئەلۋەتتە مېڭە ئۆسمىسىنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى مېڭە ئۆسمىسىنى داۋالاش ئۇسۇلىمۇ ئوخشىمايدۇ، مەسىلەن، سۈت ئاجرىتىش تىپىدىكى ھىپوفىز ئۆسمىسى (ھىپوفىز ئۆسمىسى تىپلىرىنىڭ بىرى) دورا بىلەن داۋالاشنى ئاساس قىلىدۇ.

ھەر بىر بىمارغا كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارنىڭ نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە بېرىپ، مەخسۇس داۋالاش ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى