ساغلاملىق

مەقئەت ھۆل تەمرەتكىسىدە كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر

مەقئەت ھۆل تەمرەتكىسى مەقئەت ئۈچەي كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل سەزگۈر تېرە كېسىلى.

قىچىشىشقا چىدىيالماسلىق، ئاجرالمىلار سىرغىپ چىقىش، ئەسۋە كۆپ شەكىللىك بولۇش، ئاسان قايتا قوزغىلىش ئاساسىي ئالاھىدىلىك قىلىنىدۇ.

مەقئەت ھۆل تەمرەتكىسىدە كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر

داۋالاش:

(1) قىچىشىشنى توختىتىش

مەقئەت ھۆل تەمرەتكىسى ئاساسلىقى قىچىشىشنى ئاساس قىلىدۇ، قول بىلەن تۇتسا تۇتقانسېرى قىچىشىدۇ، ھەتتا باشقا بەزى تېرە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قىچىشىشنى توختىتىش داۋالاشنىڭ بىرىنچى قەدىمى.

(2) قارىغۇلارچە دورا ئىشلەتمەسلىك كېرەك

نۇرغۇن كىشىلەردە قىچىشىش تۇيغۇسى كۆرۈلگەندە، دورىخانىدىن ئىچىدىغان، سىرتتىن سۈركەپ قىچىشىشنى توختىتىدىغان دورىلارنى سېتىۋېلىپ داۋالانسا، بەدەندە تايىنىۋېلىش تۇيغۇسى ۋە ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدۇ

دورىنى توختاتسىلا قايتا-قايتا قوزغىلىدۇ، مەقئەت ھۆل تەمرەتكىسىنى دورا بىلەن داۋالىغاندا پەقەت ۋاقىتلىق رول ئوينىغىلى بولىدۇ.

جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى ئىچىش ۋە سىرتتىن ئىشلىتىپ يۇيۇش، سۈرتۈشكە بولىدۇ. جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنىڭ مەقئەت يولىدىكى ھۆل ئەسۋەنى داۋالاش ئۈنۈمىنى بىر قەدەر ياخشى.

ئۇزۇن مەزگىل ساقايمىغان بىمارلارنى ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالىغىلى بولىدۇ.

ئالدىنى ئېلىش:

1. مەقئەت قىچىشىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان قىسمەن خاراكتېرلىك بىرلەمچى كېسەللىكلەر، مەسىلەن: گېموروي، مەقئەت ئاقمىسى، مەقئەت يېرىلىش، ھۆل تەمرەتكە، تېگىشىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى قاتارلىقلار.

2. ئۆزىگە ئاسان رېئاكسىيە قىلىدىغان ھەرقانداق نەرسىنى ئىستېمال قىلىش ۋە ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

3. ئازادە ئىچ كىيىم كىيىش.

4. تەشۋىشلىنىش كەيپىياتى ۋە زىيادە جىددىيلىشىشتىن ساقلىنىش، مەقئەت ئەتراپىدىكى تېرىنى قول بىلەن كۈچەپ چىڭ تۇتماسلىق كېرەك.

5. ساقايغاندىن كېيىن سىرتقى مۇھىتنىڭ غىدىقلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك، مەسىلەن، ئىسسىق سۇدا يۇيۇش، سوپۇن، كالىي پېرمانگانات ۋە كۈچلۈك غىدىقلىغۇچى دورىلارنى سىرتتىن ئىشلىتىش، ئامال بار كۈچەپ تاتىلاشتىن ساقلىنىش قاتارلىقلار.

6. تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، بەدەن سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، ئورگانىزمنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش.

7. ئادەتتە ئاچچىق يېمىكلىكلەر، غىدىقلايدىغان يېمەكلەكلەر، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ۋە سۈت، تۇخۇم قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى