ساغلاملىق

ئۇزاق ئولتۇرۇش زىيانلىق

ئۇزاق ئولتۇرۇش ئەڭ يېڭى ساغلاملىق تەشۋىشى بولۇپ قالدى
سىز بەلكىم چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيىگە بېرىپ بەدەن چېنىقتۇرۇشىڭىز ياكى ئۆيگە قايتىشىڭىز مۇمكىن. بىراق، سىز باشقا ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدە ئولتۇرسىڭىز، ئۇنداقتا سىز قانچىلىك ھەرىكەت قىلىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر قىلچىلىك پايدىسى يوق. بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇش سېمىزلىك، يۇقىرى قان بېسىمى، قەنت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن ھەم ماددا ئالمىشىشنى ئازايتىۋېتىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇش ئۇزاق ۋاقىت ياتقاندىن كېيىنكى ئەڭ پاسسىپ ھەرىكەت بولۇپ، سەرپ قىلىنغان ئىسسىقلىق مىقدارى ئەڭ تۆۋەن بولىدىكەن، بىر تال ئالمىنى يېگەندە ياكى ئاچچىقلانغاندا سەرپ بولىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارىمۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرغاندىكىدىن كۆپ بولىدىكەن.
ئەنگلىيە لافبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ستۇئارت بىدېل مۇنداق دەيدۇ: ‹‹كىشىلەر دائىم ئۇزاق ئولتۇرۇشنى ھەرىكەت قىلماسلىق، دەپ خاتا چۈشىنىۋالىدۇ. ئەمەلىيەتتە،سىز بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيىگە بېرىپ بەدەن چېنىقتۇرسىڭىز ياكى 30مىنۇتتىن 45 مىنۇتقىچە پىيادە مېڭىپ، قالغان ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدە ئولتۇرسىڭىز، ئۇنداقتا، سىزنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىڭىز ئۇزاق ئولتۇرۇش بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ››. ھازىر ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇش ئەڭ يېڭى ساغلاملىق تەشۋىشى بولۇپ قالدى. تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇش ئاخىرقى ھېسابتا قەنت كېسىلى قاتارلىق كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. لېكىن شۇنى بىلىش كېرەككى، كىشىلەر ھەر يېرىم سائەت ياكى بىر سائەت ئولتۇرغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ بېرىشى ياكى مېڭىپ بېرىشى كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، بۇ جەھەتتىكى خەۋپ – خەتەرنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدىكەن

شىنجاڭ تۈمەن يىل بىئو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى