ساغلاملىق

قايناق سۇ بىلەن دورا ئىچىش ئۇسۇلى

يادرولۇق ئەسكەرتىش: دورا يېگەندە قايناقسۇ ئىچىش بۇ ناھايىتى تەبئىي ئىش. ئەمما دورىنى بىر ئىككى يۇتۇم قايناقسۇ بىلەنلا يېيىش تۈپتىن خاتا. توغرا ئۇسۇل 200 مىللىلېتىر ئىلمان سۇ بىلەن يېيىشتىن ئىبارەت. بۇ 200 مىللىلېتىر سۇ 1 ئىستاكان سۇغا باراۋەر بولىدۇ.

قىزىتمىنى ياندۇرۇپ ئاغرىق توختاتقۇچى دورىلارنى، ئانتىبىئوتىكلار، تۇبېركۇليۇز كېسىلىگە قارشى تۇرغۇچى دورا قاتارلىق 3 خىل دورىنى يېگەندە تېخىمۇ كۆپرەك سۇ ئىچىش ئارقىلىق بۇ دورىلارنىڭ بۆرەككە زەخمەت يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

قىزىتمىنى ياندۇرۇپ ئاغرىق توختاتقۇچى دورىلار ــــ سۇ ئىچىش ئارقىلىق دورىنىڭ زەھىرىنى سۇيۇقلاندۇرۇش كېرەك
كۈەيكې (crack 快克)، باففېرىن (Bufferin 百服宁) قاتارلىق زۇكامغا قارشى قىزىتمىنى ياندۇرۇپ ئاغرىق توختىتىش تەركىبى بار دورىلار ياكى يۇقۇملۇققا قارشى تۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتكۈچى فېنبىد (芬必得 Fenbid) قا ئوخشاش دورىلارنى ئىشلەتكۈچى بىمارلار ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت كۆپ مىقداردا دورا ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەندە، قىسمەن بىمارلاردا بۆرەك زەخمىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلسە، كۆپرەك سۇ ئىچىش ئارقىلىق دورىنىڭ زەھىرىنى «سۇيۇلدۇرۇش» مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

شىنجاڭ تۈمەن يىل بىئو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى