ئاجايىباتلار

50 يىل كۆيگەن ئوت بۇ بازارنى دۇنيادىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق جايغا ئايلاندۇردى

يېقىندا ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئېغىر زىيان بولدى.

ئوت ئاپىتى كالىفورنىيە ئىشتاتى ھۆكۈمىتى ھەر يىلى دۇچ كېلىدىغان ئېغىر مەسىلىگە ئايلاندى. رەھىمسىز تەبىئىي ئاپەت ئالدىدا، ئىنسانلار ئەرزىمەس ھەم كۈچسىز كۆرۈنىدۇ.

ئامېرىكىدا 50 يىل داۋاملاشقان ئوت ئاپىتى ئىلگىرىكى ئاۋات كىچىك بازارنى «ئالۋاستى شەھىرى»گە ئايلاندۇرۇپ قويغان.

ئادەم شالاڭ بولغاچقا، بۇ يەر دۇنيادىكى ئون چوڭ قورقۇنچلۇق كىچىك بازارنىڭ بىرى دەپ ئاتالغان.

نۇرغۇن ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى ئۇنىڭغا سىرلىق تۈس بەرگەن ياكى ئۇنىڭدىن ئىلھام ئالغان.

«جىمجىت چوققا» (寂静岭) ناملىق كىنونىڭ سېنارىستى سېنارىيەنى يازغاندا، ئىلگىرى بۇ يەرگە كېلىپ خام ماتېرىيال توپلىغان.

بۇ كىچىك بازارنىڭ ئىسمى سېنترالىيا (Centralia) بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىغا جايلاشقان.

خاتىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 1960-يىلى سېنترالىيادا 1435 ئاھالە بولۇپ، 2017- يىلىغا كەلگەندە، پەقەت بەش ئادەملا قالغان.

تۇماندىكى بىر ھايۋاننىڭ جەسىتى

بۇ يەردە مول كۆمۈر كان بايلىقى بار، ئىلگىرى بۇ جايدىكى كىشىلەر ناھايىتى باي بولۇپ، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلاتتى، لېكىن تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى بىلەن ھەممە ئىش ئۆزگەردى.

قانداق ئوت 50 يىل داۋاملىشىدۇ؟ بۇ ئوت يەنە نېمە سەۋەبتىن پەيدا بولىدۇ؟

ھەممىنى كىچىك بازارنىڭ مول بايلىقىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

1842-يىلى ئالېكساندېر رېي (Alexander ray) ئىسىملىك بىر كان ئىنژېنېرىنىڭ بۇ شارائىتى ياخشى جايغا كۆزى چۈشۈپ، ئائىلىسى بويىچە بۇ يەرگە كەلگەن، كەنت، كوچىلارنى پىلانلاشقا باشلىغان. كېيىن تەدرىجىي ھالدا بىر كىچىك بازار شەكىللىنىپ، سېنترالىيا دەپ ئاتالغان.

نۇرغۇن كۆمۈر كان شىركەتلىرىمۇ بۇ يەرگە كېلىپ، نۇرغۇن كۆمۈر كان ئاچقان. كۆمۈرنى جىلغىدىن يۆتكەپ چىقىش ئۈچۈن، 1854-يىلى بۇ يەردە تۇنجى كان مەيدانى تۆمۈريولى ياسالغان.

شۇنىڭدىن ئېتىبارەن سېنترالىيا كۆمۈر كېنى پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدىكى ھەرقايسى چوڭ بازارلارغا سېتىلغان.

مەنپەئەت بار يەردە تالاش-تارتىش بولىدۇ، 1868-يىلى بىر مەيدان بايلىق بۇلاش ئېلىشىشىدا، سېنترالىيادا بىر نەچچە قېتىم قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋە ئوت قويۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، بازارنىڭ قۇرغۇچىسى ئالېكساندېر رېي كىچىك بازاردىكى ئۈچ ئەر تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن.

كىچىك بازاردا بۇ يەر قارغىشقا ئۇچرىغان جاي ئىكەن دېگەن گەپ تارقالغان.

شۇنداق بولسىمۇ، يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەر بۇ مۇنبەت زېمىننى ياقتۇرۇپ قالغان، بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان.

1947-يىلى كان ئىشچىلىرى

فېدېراتسىيە نوپۇسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، سېنترالىيا 1890-يىلى نوپۇس ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن بولۇپ، جەمئىي 2761 ئادەم بار ئىدى.

مول كۆمۈر كان بايلىقى بازارغا غايەت زور بايلىق ئېلىپ كەلگەن، گۈللەنگەن مەزگىلدە بازاردا بەش مېھمانساراي، 27 مەيخانا، ئىككى تىياتىرخانا، بىر بانكا، بىر پوچتىخانا ۋە 14 مىلىچمال دۇكىنى بار ئىدى.

30 نەچچە يىلدىن كېيىن 1929-يىلى ۋال كوچىسىدا كىرىزىس كۆرۈلگەن، شۇ جايدىكى بەش كۆمۈر كان تاقالغان. لېكىن نۇرغۇن قانۇنسىز كان قازغۇچىلار كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتتىن ۋاز كەچمەي، بىر نەچچە كان قۇدۇقىدىن داۋاملىق كان قازغان.

ئۇلار ئاتالمىش «كۆمۈر تۈۋرۈكىنى تىرەپ تۇرۇش ئۇسۇلى»نى قوللىنىپ كۆمۈر قازغان، بۇ نۇرغۇن كان قۇدۇقىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كېيىنكى ئاپەتلەرنىڭ سەۋەبچىسى بولۇپ قالغان.

1962-يىلى 5-ئايدا ئاھالىلەر ئەخلەت كۆيدۈرگەندە، ئويلىمىغان يەردىن ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئوت تېز سۈرئەتتە يەر ئاستىدىكى كۆمۈر كانغا يامرىغان.

كىچىك بازارنىڭ تېمپىراتۇرىسى تېز ئۆرلەپ، زەھەرلىك گاز يەر ئاستىدىن ئېتىلىپ چىققان. نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىزى كۆيۈپ كەتكەن، تەخمىنەن 161 گېكتار يەر كۆيۈپ كەتكەن.

غەلىتە يېرى شۇكى، گەرچە كىشىلەر كۆپ قېتىم ئوت ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن كان قۇدۇقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە ئوت كۈچىنىڭ غايەت زور بولۇشى تۈپەيلىدىن، ئوت تۇتاشقاندىن كېيىن ئۆچۈرۈشكە ئامالسىز قالغان.

بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بۇ قېتىمقى يەر ئاستى ئوت ئاپىتى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت كۆيدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئون نەچچە يىلدا يەتتە مىليون دوللار سەرپ قىلغان، كۆپ قېتىم لايىھە تۈزۈپ، كۈچ تەشكىللەپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان، مەسىلەن: ئۆڭكۈرنىڭ ئېغىزىنى ئېتىش، تاش پارچىلىرىنى تولدۇرۇش، كۆيۈۋاتقان كۆمۈركانلارنى كولاش، خەندەك كولاپ ئوت كەتكەن يەر بىلەن قالغان يەرنى ئايرىۋېتىش، سۇ باشلاپ كان ئازگىلىغا قويۇۋېتىش . . . لېكىن ھەممىسى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بۇ قېتىمقى يەر ئاستى ئوت ئاپىتى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت كۆيدى.

يوقالماس ئوت ئاپىتى توغرىسىدا، كىشىلەر ھەرخىل گەپلەرنى قىلىشقا باشلىدى.

لېكىن مۇتەخەسسىسلەر بۇ ئىشقا كەسپىي چۈشەنچە بەردى، تەبىئىي شەكىللەنگەن كۆمۈر كان كانچىلىقتا «كۆمۈر قاتلىمى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنداق كان تومۇرى پەيدا بولغان كۆمۈر قاتلىمىدا ئوت ئاپىتى ناھايىتى ئاسان يۈز بېرىدۇ.

ھىندىستاننىڭ بىر بازىرىدا 1918-يىلىدىن بۇيان، كۈتۈلمىگەن ئوت ئاپىتى 41 مىليون توننا كۆمۈرنى كۆيدۈرىۋەتتى.

ئاۋسترالىيە يېڭى جەنۇبىي ۋېلىش ئىشتاتىنىڭ ۋېنگېن تېغى ئېتىكىدە، بىر داڭلىق كۆمۈر قاتلىمى 6000 يىل كۆيگەن.

ئوت ئاپىتى داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئوت ئاپىتىنىڭ كىچىك بازارغا بىۋاسىتە تەھدىت سېلىش مەسىلىسىدە ئاھالىلەرنىڭ پىكىر ئىختىلاپى ناھايىتى زور.

1981-يىلى يەرلىك بۇ مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىغان، تود ئىسىملىك 12 ياشلىق بىر ئوغۇل بالا تۇيۇقسىز ئۆيىنىڭ ئارقا ھويلىسىدىن 1.2 مېتىر كەڭلىكتىكى 46 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى چوڭقۇر ئازگالغا چۈشۈپ كەتكەن.

بەختكە يارىشا، ئۇنىڭ نەۋرە ئاكىسى، 14 ياشلىق ئېرىك ئۇنى ئازگالدىن قۇتقۇزۇپ چىققان.

ئالىملار ئۆڭكۈردىن ئېتىلىپ چىققان پار ئۈستىدە سىناق ئېلىپ بېرىپ، تەركىبىدە ئەجەللىك كاربون چالا ئوكسىدى ۋە كاربون Ⅳ ئوكسىد بارلىقىنى بايقىغان.

كىشىلەر ئاندىن بۇ ئاپەتنىڭ قانچىلىك قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان.

بۇ قېتىمقى يەر ئاستى ئوت ئاپىتى ھەر ۋاقىت يەر يۈزىنى يۇتۇۋېتىشى، يەر تۇيۇقسىز گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشى ھەمدە ئۈزلۈكسىز ھالدا قورقۇنچلۇق زەھەرلىك گاز قويۇپ بېرىشى مۇمكىن.

ئەڭ قورقۇنچلۇق بولغىنى، ئالىملار بۇ قېتىمقى يەر ئاستى ئوت ئاپىتىنىڭ 250 يىل داۋاملىشىشى مۇمكىنلېكىنى مۆلچەرلىگەن.

بۇ كىچىك بازار شۇڭا ھالاكەت ئېغىزى دەپ ئاتالغان.

بۇنىڭ ئۈچۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇ يەرگە بارىدىغان «ھالاكەت تاشيولى» دەپ ئاتالغان 61 – نومۇرلۇق تاشيولنى ئۈزۈپ تاشلاپ، بۇ كۆيۈۋاتقان بازارنى سىرت بىلەن ئايرىۋەتكەن.

پېنسىلۋانىيە ئىشتاتى 61-نومۇرلۇق تاشيولنىڭ يول بۆلىكىدە، قويۇق ئىس ۋە يەر يۈزىدىكى يېرىقلارنى كۆرگىلى بولىدۇ.

ياشلار يولغا ھەرخىل نەرسىلەرنى سىزىپ غەزەپ ۋە نارازىلىقىنى ئوت تۇتاشقان يولدىن «چىقاردى».

1983-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 42 مىليون دوللاردىن ئارتۇق پۇل ئاجرىتىپ، كۆچۈرۈش خىزمىتىگە ئىشلەتتى.

كۆپ قىسىم سېنترالىيا ئاھالىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ سېتىۋېلىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى. 1000دىن ئارتۇق ئادەم بۇ بازاردىن كۆچۈپ كەتتى، 500 ئىمارەت چېقىۋېتىلدى.

ئەمما ياشىنىپ قالغان ئاز ساندىكى كىشىلەر قېلىپ داۋاملىق كىچىك بازاردا تۇرۇشنى تاللىدى.

خەتەردىن ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسى

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن كېيىن، سېنترالىيا خەرىتىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. 2002-يىلى پوچتىخانا پوچتا نومۇرىنى بىكار قىلغان.

2010-يىلى سېنترالىيادا پەقەت بەش ئۆي قالدى.

2017 -يىلىغا كەلگەندە، پۈتۈن بازاردا پەقەت بەشلا ئادەم قالدى.

كەم ئۇچرايدىغان بىر نەچچە تۇرالغۇنىڭ بىرى

ھازىر نەزەر سالساق، بۇ رايون خارابىلىككە ئايلاندى، تېخى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قاپلانمىغان يول بۆلەكلىرى ئەگرى-بۈگرى يېرىلغان، يەر ئاستىدىن ئاق ئىس-تۈتەك كۆتۈرۈلگەن.

بىر بازار ئىقتىسادىي تۈۋرۈكىدىن، نوپۇسىدىن ئايرىلىپ قالسا چۆلدەرەپ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالىدۇ.

بۇ يەردىكى كىشىلەر ئوت ئۆچۈرۈپ، زەھەرلىك گازنى يوقىتىپ، يۇرت- ماكانىنى قوغداشنى سىناپ باققان، لېكىن ئاخىرى ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە ئايرىلغان.

نۇرغۇن ساياھەتچىلەر خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ بۇ يەرگە كەلدى، تاغنىڭ ئەكس ساداسى ۋە ئوتنىڭ گۈرۈلدەپ كۆيۈۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، بۇ كىچىك بازارنىڭ ئىلگىرىكى ئاۋاتلىقى ۋە شۆھرىتىنى ھېس قىلدى.

بۇ تەبىئىي ئاپەتمۇ ياكى سۈنئىي ئاپەتمۇ؟

بۇ دۇنيادا 100 نەچچە يىللا ساقلانغان كىچىك بازارنىڭ ئاقىۋىتى ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ ئىچىنى ئېچىندۇرىدۇ.

مەنبە: نۇر تورى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى