ساغلاملىق

ھەر خىل بۇرۇن كېسەللىكلىرىنى داۋالاش

ھەر خىل بۇرۇن كېسەللىكلىرىنى داۋالاش
ئەگەر سول بۇرنىڭىز پۈتۈپ قالسا،ئوڭ تەرىپىڭىزنى بېسىپ يېتىپ،ئوڭ قۇلىڭىز بىلەن ئوڭ ئارقا بۇينىڭىزنى تۇتۇپ،ئالىقىنىڭىزنى قۇلاق يۇمشىقىغا يېقىن قىلىپ،بېشىڭىزنى تىرەپ،يۇزىڭىزنى ئوڭ تەرەپكە قىلىپ،جەينەك بۇغۇمىڭىزنى ئوڭدىن يۇقىرىغا سۇرۇپ‹قانچە يىراققا سۇرسىڭىز شۇنچە ياخشى›،بۇھەرىكەتنى يېرىم مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملاشتۇرسىڭىز بۇرنىڭىز ئېچىلىپ كېتىدۇ.
30گرام يۇمغاقسۇتنى 10 گرام سولۇ‹ئۇندۇرمە ئارپا ۋە بۇغداي›شېكىرى بىلەن يېرىم قاچا گۇرۇچ سۇيىنى تەكشى ئارلاشتۇرۇپ قازانغا سېلىپ دۇملەپ،شېكىرى ئېرىگەندىن كېيىن ئىچسە،شامال تېگىپ زۇكامدىغان بۇرنىدىن سۇ ئېقىش قاتارلىقلارغا شىپا بۇلىدۇ.
بۇغداي كېپىكىدىن مۇۋاپىق ئېلىپ،مەلۇم مىقداردىكى ئاچچىقسۇ بىلەن قاينىتىپ مەلھەم تەييارلاپ،يەرلىك ئورۇنغا چاچسا بۇرۇن ياللۇغىغا شىپا بۇلىدۇ.
سېرىقچېچەك ئۇرۇقى ياكى مايسىنىڭ قاينىتىلغان سۇيىنى ئىستىمال قىلسا،بۇرۇن كېسەلللىكىگە شىپا بۇلىدۇ.
600 مىللىلىتىر سىركىگە ئۆلچەملىك تەييارلانغان پۇلات تالقىنىدىن 100 گرامنى 1 ئاي چىلاپ،سۇزۇپ ئېلىۋېتىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە،بۇرۇن قىچىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
خۇلىنجاننى سوقۇپ تاسقاپ پۇرسا،ئاۋاز بۇغۇلۇش،ئاۋاز غاراڭ-غۇرۇڭ بۇلۇش،دىماغ پۇتۇش قاتارللقلارغا مەنپەئەت  قىلىدۇ.
سىياداننى قاينىتىپ ھۇرىدا بۇرۇن ئىچىنى ھۇردىسا ياكى ئۆمۇچۈكنى تۇتۇپ ئۇنى چۇغ ئۈستىگە تاشلاپ ئۇنىڭ ئىسى بىلەن بۇرۇن ئىچىنى ئىسلىسا،بۇرۇن ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھەمشىباھار ئۇرۇقى،كاسىنە ئۇرۇقى،ئىسپىغۇل،ئىت ئۇزۇمى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ،تىرىپلىرىنى سۇزۇۋېتىپ،سۇيىدەيەرلىك ئورۇنىنى يۇسا،بۇرۇن ئۇچى قىزىرىپ ئىشىشىپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
بۇرۇن پۇتۇپ قالغاندا باش پىيازنىڭ 1 پارچە ياپىراقچىسىنى سىقىپ سۇيىنى بۇرنىغا تېمىتسا،دەرھال ئېچىلىدۇ.
ئىسىسىق سۇغا بىر نەچچە تېمىم تۇز سېلىپ بۇرنىنى چايقاپ بەرسە،بۇرۇن پۇتۇپ قېلىشنى ساقايتقىلى بۇلىدۇ.
كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن داكىنى ئىلمان سۇغا چىلاپ،داكا بىلەن قۇلاق قىسىمنى ئوراپ بېرىشنى ھەر كۈنى 2~3 قېتىمدىن 4~5 كۈن داۋاملاشتۇرسا،ئاستا خاراكتىرلىك بۇرۇن ياللۇغى ساقىيىدۇ.
پىيازنى پاكىز يۇيۇپ،تۇغراپ قىيما قىلىپ،بۇنىڭغا پاختىنى چىلاپ،پاختىنى بۇرۇن تۇشۇكىگە ئالماشتۇرۇپ تىقىپ بەرسە،تېز ۋە ئاستا خاراكتىرلىك بۇرۇن ياللۇغىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
قۇغۇن شاپىقىنى پاكىز يۇيۇپ قۇرۇتۇپ،سوقۇپ ئۇۋاق ھالەتكە كەلتۈرۈپ،ھەركۈنى 3قېتىم جاراھەت ئۇرنىغا سۇرتۇپ بېرىلسە،ئاستا خاراكتىرلىك بۇرۇن ياللۇغىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.
ئانار گۇلى،ئانار پۇستى،مۇزا،گۈل يېغى قاتارلىقلاردىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ،گۈل يېغىدىن باشقا دۇرىلارنى يۇمشاق سوقۇپ تاسقاپ،ھەممە دۇرىلارنى تەكشى ئارلاشتۇرۇپ سىركە بىلەن زىماد تەييارلاپ،يەرلىك ئۇرۇنغا چاچسا بۇ ئۇرۇندىكى ھەر خىل جاراھەتلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

شىنجاڭ تۈمەن يىل بىئو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى