ساغلاملىق

ئاشقازان ياللۇغى

ئاشقازان ياللۇغى
   ئاشقازان ياللۇغى- غىدىقلىنىش ۋە زەخمىلىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان، كىلىنىكىدا دائىم ئاشقازان سۇيۇقلىقى مىقدارى ئۆزگىرىش، ئېشتىھاسى تۆۋەنلەش، يۇقىرى قورساق ساھەسى يېقىمسىزلىنىپ ئاغرىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان سوزۇلما خاراكتىرلىك كېسەللىك بولۇپ، تېبابىتىمىزدە ئاشقازان ياللۇغى دېيلىدۇ.
1-رېتسىپ:
سەندەل، تۆگە تاپىنى ئۇنى، تاجىگۇل قاتارلىقلارنى سوقۇپ، قايناق سۇدا يۇغۇرۇپ، سېرتتىن چىپىشقا بىرىلىدۇ.
2-رېتسىپ:
كۆك يانتاق چىچىكىدىن بىر ئوچۇم ئىلىپ، چايلىق سوقۇپ ئىچىشكە بولىدۇ.
3-رېتسىپ:
ئىككى تارغاق سۆڭەك ئوتتۇرىسىغا لوڭقا قويۇشقا بولىدۇ.
4-رېتسىپ:
ئارپابادىيان بىر چىمدىم، لاچىندانە بىر چىمدىم، قارا چاي بىر چىمدىم، بۇلارنى سوقۇپ، چايلىق قىلىپ ئىچىشكە بىرىلىدۇ.
5-رېتسىپ:
100 دانە ياڭاق مېغىزىنى قورۇپ پىشۇرۇپ، سوقۇپ، بىر پىيالە ئاق شېكەر، بىر قوشۇق ھەسەل سۈيىنى كۆيدۈرۈلگەن چىلاننىڭ ئەتلىك قىسمى بىلەن بىللە ئېزىپ، خېمىر ھالەتكە كەلتۈررۈپ يېيشكە بولىدۇ.
6-رېتسىپ:
خىيارشەنبەر، قۇرىتىلغان ئېتئۈزۈمى، تەمرى ھىندى، قىزىل گۈل قاتارلىقلارنىڭ قايننىتىلمىسىغا قوشۇپ بىرىلسە، ياللۇغنىڭ كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدېنى ئالىدۇ.
7-رېتسىپ:
ئۈزۈم دەرىخى شىخنىڭ كۆيدۈرۈلگەن گۈلى، ئىزخىر، سۇمبۇل قاتارلىقلارنى سىركىدە يۇغۇرۇپ، ئاشقازان ساھاسىگە تىڭىلىدۇ.
8-رېتسىپ:
زۇفا قاينىتىلمىسىغا خىيارشەنبەر ئېتىنى قوشۇپ ئېچكۈزىلسە، ئاشقازاننى بوشىتىدۇ.
9-رېتسىپ:
ئەنجۈر سۈيىگە خىيارشەنبەرنى قوشۇپ ئۈچ كۈن ئېستىمال قىلسا، ناھايىتى ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
10-رېتسىپ:
بىھى شەربىتى ياساپ ئېستىمال قىلسا ئۈنۈمى ياخشى.

شىنجاڭ تۈمەن يىل بىئو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى