ساغلاملىق

چىراي ئاسراشتىكى ئاددىي رېتسىپلار

چىراي ئاسراشتىكى ئاددىي رېتسىپلار
    يۇمغاقسۈتنى قاينىتىپ، تىرىپىنى سۈزۈۋېتىپ، ھەر كۈنى بۇنىڭ بىلەن يۈزىنى يۇيۇپ بەرسە سەپكۈننى چۈشۈرىدۇ.
   ھەسەلدىن بىر قوشۇق ئېلىپ ئۇنىڭغا ئۈچ قوشۇق سۇ ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىپ ھەر  كۈنى يۈزىگە سۈركەپ، ھەسەل تېرىگە سىڭىپ كەتكۈچە تەخمىنەن 10 مىنوت ئەتراپىدا ئۇۋىلاپ بەرسە، تېرە پارقىراق ۋە يۇمران بولىدۇ.
   كالا سۈتىنى يۈز ۋە قولغا سۈرتۈپ بەرسە، تېرە پارقىراق ۋە يۇمران بولىدۇ.
   ئاخشىمى ياڭاق مېغىزىنى يۇمشاق ئېزىپ، يۈزگە چېپىپ بەرسە، يۈزدىكى سەپكۈن ۋە  داغنى يوقىتىدۇ.
   تەرخەمەكنى ئوتتۇرىسىدىن ئىكى پارچە قىلىپ كۈندە 15 مىنوت ئەتراپىدا يۈزگە سۈرتۈپ بېرىشنى بىر ئاي ئەتراپىدا داۋاملاشتۇرسا يۈزدىكى سەپكۈن يوقىلىدۇ.
   تۇخۇم ئېقىدا رىشالە قىلىپ، يۈزگە چاپسا يۈز تېرىسىنى سىلىقلاشتۇرۇپ پارقىرىتىدۇ.
   بادام مېغىزىنى كۆيدۈرۈپ قاش ۋە كىرپىككە سۈرمە قىلىپ تارتسا تۈك بەزلىرىگە قۇۋۋەت بېرىپ قاش- كىرپىكلەرنى ئۆستۈرىدۇ ۋە قارايتىدۇ.
   يۈز يۇيىدىغان سۇغا بىر قانچە تېمىم ئاچچىقسۇنى قۇشۇۋەتسە، يۈزنى سېلىقلاشتۇرىدۇ ۋە ئاقارتىدۇ.

شىنجاڭ تۈمەن يىل بىئو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى