ساغلاملىق

بالىلارنى رېنتىگېن نۇرىدا كۆپ تەكشۈرتمەسلىك كېرەك

بالىلارنى رېنتىگېن نۇرىدا كۆپ تەكشۈرتمەسلىك كېرەك
ئادەتتە بوۋاقلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى بىر قەدەر تۆۋەن بولغاچقا ، دائىم زۇكامداش ، قىزىش ، يۆتىلىشتەك ئەھۋاللار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ . بۇنداق ۋاقىتتا ئىمكانقەدەر بوۋاقلارنى رېنتىگېن نۇرى ئارقىلىق تەكشۈرتمەسلىك لازىم. تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا ، ھەر بىر قېتىم رېنتىگېن نۇرى ئارقىلىق تەكشۈرتكەندە، نۇر زەررىچىلىرىنىڭ بالىلارغا بولغان ئەكس تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولىدىكەن. بالىلارنى رېنتىگېن نۇرىدا تەكشۈرتۈش كۆپ بولۇپ كەتسە، ئۇلارنىڭ ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن. بالىلار كېسەللىكلىرىگە ئادەتتىكى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىقمۇ دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا بالىلارنى رېنتىگېنغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلېكىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

شىنجاڭ تۈمەن يىل بىئو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى