ساغلاملىق

بويون ئومورىتقا كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

بۇيۇن ئۇمۇرىتقا كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
بويون ئومورىتقا كېسەللىكى بىرخىل ئاستا خارەكتىرلىك چىكىنىش تىپتىكى كېسەللىك ئاناناسپ ، كېسەللىك جەريانى بىرقەدەر ئۇزۇن ، بىمارغا نىسپەتەن تۇرمۇش ، ئۇگۇنۇش ، خىزمەت قاتارلىق پائالىيەتلىرىگە قۇلايسىزلىق ئىلىپ كىلىدۇ. شۇڭلاشقا بىمارلار ۋاختىدا داۋالىنىش بىلەن بىرگە توۋەندىكى بىرقانچە تەرەپلەرگە دىققەت قىلىپ بىرىشى كېرەك.
1)  كۈندىلىك تۇرمۇشتا بويوننىڭ نورمالنى ھەركەت ھالىتىنى ساقلىشى ، ئۇخلاشتا موۋاپىق ياستۇقنى تاللىشى  ، يەنى بەك ئىگىز ۋە بەك پەس بولماسلىغى ، ئادەتتە ياستۇق ئىگىزلىكى 10 سانتىمىتىر بولسا موۋاپىق . شۇنداقلا بويوننىڭ قاتتىق قايرىلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
2)  ئۇزۇن مۇددەت بويوننى ئىگىپ خىزمەت قىلغۇچىلار ،بىر سائەت ئەتراپىدا خىزمەت قىلغاندىن كېيىن موۋاپىق تۇردە بويوننى ھەركەتلەندۇرۇپ ، بويۇن مۇسكۇلى ، تارامۇشلارنىڭ چارچىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
3)    دائىم بەدەننى ئىللىق ساقلاش، سوغوق ئوتوپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
4)  تاماق ۋە يىمەك-ئىچمەك جەھەتتە دىققەت قىلىش كېرەك. يەنى قان ئايلىنىشنى سۇسلاشتۇرغۇچى ، يەل پەيدا قىلغۇچى ، قورولغان ، قۇۋەتلىك غەلىز غىزالاردىن ۋاختىنچە پەرھىز قىلىپ ، سىڭىشلىك ، لەتىف غىزالار بىلەن ئوزوقلىنىش كېرەك.

شىنجاڭ تۈمەن يىل بىئو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى