ساغلاملىق

سۈڭەك شالاڭشىش كىسىلى

سۈڭەك شالاڭشىشى كىسىلى ياشانغانلاردا كۆپ كۈرىلىدۇ.كالتىسى ماددىسى كەملەش ياكى باشقا سەۋەبلەردىن سۆڭەكنىڭ قاتتىقلىشش دەرىجىسى تۆۋەنلەپ كېتىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.
ياقىدىغان يېمەك- ئىچمەكلەر
1. كالتىسى تەركىبى كۆپ يېمەكلىكلەر: كالا سۈتى، سۈت پاراشۇكى، تۇخۇ تۇخۇمى، پۇرچاق ۋە ئۇنىڭىدىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر، قوي گۈشى شورپىسى، بېلىق، راك، بەسەي، كەرەپشە، مايلىق بەسەي، كۈدە سوقا چىلان قاتارلىقلاردا كالتىسى ماددىسى كۆپ بولۇپ، كۆپ ئىستىمال قىلىپ بېرىش لازىم.
2. ۋىتامىن D نى تۇلۇقلاپ تۇرۇش ۋە دائىم ئاپتاپقا قاقلىنىپ تۇرۇش: ۋىتامىنDقۇياش نۇرى تەركىبىدىكى ئولتۇرا بىنەپشە نۇر چۈشكەندىن كېيىن كالتىسىنىڭ چۆكۈپ سۈڭەكلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم ماددا، ۋىتامىن Dنى ئىچىپ بەرسە، ئۈچەينىڭ كالتىسىنى سۈمۈرىشىنى تىزلىتىدۇ ھەم ئۇنى چۆكتۈرۈپ سۆڭەكلەشتۈرۈپ، سۈڭەكنى مۇستەھكەملەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، شۇنىڭ ئۈچۈن سۈڭەك شالاڭشىشى كىسىلىگە گىرىپتار بولغان كېسەللەر دائىم ۋىتامىن D نى ئىستىمال قىلىپ بېرىشى ۋە ئاپتاپقا قاقلىنىپ تۇرۇشى لازىم.
3. فىتورنى مۇۋاپىق مىقداردا تۇللۇقلاپ تۇرۇش: ئىچىملىك سۇنىڭ تەركىبىدە ئىنتايىن ئاز مىقداردا فىتور بىرىكمىلىرى بۇلىدۇ، ئۇ سۈڭەك شالاڭشىشى كىسىلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشقا ياردەم قىلىدۇ.
4. مانگان تەركىبلىك يېمەكلىكلەر: پىدىگەن، يىسى پۇرچاق، سېرىق پۇرچاق، كاۋا، قوناق، تۇرۇپ قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە مانگان بۇلىدۇ.
ياقمايدىغان يېمەك ئىچمەكلەر
1. قەنت: قەنت كۆپ ئىستىمال قىلىنسا كالتىسىنىڭ سۈمۈرلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ۋاستىلىك ھالدا سۆڭەك شالاڭلىشش كىسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ. شۇڭا، قەنتنى كۆپ ئىستىمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇش لازىم.
2. ئاقسىل: ئاقسىل ھەددىن ئارتۇق قۇبۇل قىلىنسا، كالتىسىنىڭ كىمىيپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. تۇز: تۇز ھەدىدىن ئارتۇق ئىستىمال قىلىنسا، كالتىسىنىڭ كىمىيىشىنى ئاشۇرۇپ، سۆڭەك شالاڭشىشى كىسىلىنىڭ ئالامەتلىرىنى ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ.
4. قەھۋە: قەھۋەنى كۆپ ئىچىدىغانلارنىڭ كالتىسى يۇقۇتىشى قەھۋە ئىچمەيدىغانلارغا قارىغاندا كۆپ بۇلىدۇ

شىنجاڭ تۈمەن يىل بىئو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى