بويۇن ئومورىتقا سۆڭەك ئۆسۈش
بويۇن ئومورىتقا سۆڭەك ئۆسۈش
تونوش :
سۆڭەك ئۆسۈش كېسەللىكى ، سۆڭەك ئۆسۈكچىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىلگىرى كىشىلەر ‹‹سۆڭەك ئۆسۈكچىسىنى ›› رىماتىزىمدىن بولغان سۆڭەك ئاغرىشنىڭ بىرخىل ئالامىتى دەپ قاراپ كەلگەن ، داۋالاش ئۈنۈمىمۇ كۆرۈنەرلىك بولمىغان . ھازىر ‹‹سۆڭەك ئۆسۈش›› دەپ توغرا تونوپ كەلمەكتە . ھازىرقى زامان زامانىۋى مىدىتسىنا پەن تىخنىكىسىنىڭ ئۇزلىكسىز يۇقۇرى كۆتۈرلىشى بىلەن ، كىشىلەر رىنتىگىن CR، CT،MRI قاتارلىق ئىلغار ئۇسكۈنلەر ئارقىلىق سۆڭەك ئوسكەن ئورۇن ۋە ئۆسۈش دەرىجىسىنى ناھايىتى ئاسان ۋە ئىنىق ھالدا بىلەلەيدۇ . بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇيغۇر تىبابەتچىلېكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ سۆڭەك ئۆسۈش كېسەللىكىگە بولغان تونوشى ، داۋالاش ئۇنۇمى جەھەتتە ناھايىتى يۇقۇرى ئۇنۇمگە ئىرىشىپ كەلمەكتە.
بويۇن ئومورىتقا سۆڭەك ئۆسۈش كېسەللىكى بولسا ، بويون ئومورىتقا ئوزگىرىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان بىر خىل چىكىنىش خاراكتىرلىك كېسەللىك ئاناناسپ، تىخىمۇ ئىنىق قىلىپ دىگەندە، بويون ئومورىتقا ئارلىق تەخسىسى ، ئومورىتقا بوغومى ، كومورچەك تارامۇش ، مۇسكۇل ،سېرىق ئەت، قاتارلىقلارنىڭكى چىكىنىش خاراكتىرلىك ئوزگىرشىدىن يۇلۇن،نىرۋا،قان تومۇر قاتارلىىقلارنىڭ بۇزۇلىشى بىلەن مەسلەن : بېسىش ، غىدىقلاش ، تەڭپۇڭلىغىنى يوقىتىش ، غەيرى تەبىى خىلىتلارنىڭ ئاناناسپمۇ غەيرى تەبىې سەۋدانىڭ تەسىر قىلىشى بىلەن كېلىپ چىققان بىر قاتار كىلنىك ئالامىتنىڭ يىغىندىسى، بويون ئومورىتقا سۆڭەك ئۆسۈش دەپ ئاتىلىدۇ.
تۇرى ۋە ئالامىتى :
سۆڭەك ئوسكەن ئورون ، قان – تومور ۋە نىرىپلارنىڭ بىسىمغا ئۇچراش دەرىجىسى ، ئالامىتىگە ئاساسەن بويون ئومورىتقا سۆڭەك ئۆسۈش كېسەللىكى 7 تۇرگە ئاناناسنىدۇ ، كىلنىك ئالامىتىمو ئوخشاش بولمايدۇ.
1) بويون تىپلىق:
كوپ خىل بويون ئومورىتقا كېسەللېكىنىڭ ئالدىنقى ئىپادىسى ئاناناسپ ، كوپ خىل سەۋەپتىن يىنىك دەرىجىدە سىرىتقى زەخمە ، بويون مۇسكۇللىرى چارچاش مەسلەن ، ئۇخلاش ھالىتى نورمال بولماسلىق ، ياستۇقنى بەك ئىگىز قويوپ يىتىش ، ئۇزۇن مۇددەت بىشىنى ئىگىپ خىزمەت قىلىش قاتارلىقلاردىن بويۇن مۇسكۇلى قېرىش كېلىپ چىقىدۇ. ئاساسلىق ئالامىتى بولسا: بويۇن ئەتراپى ئىچىشىپ ئاغرىش ، ھەركەت يىنىك دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچراش ،كوپ خىل ئەھۋال ئاستىدا داۋاملىق ئىچىشىپ ياكى تىلىپ ئاغرىش ، بشنى ھەركەتلەندۇرگەندە ئاغرىش ئېغىرلاش ، بەزىدە ئاغرىش غول تەرەپكە تارقىلىش . بويون قىسمى قىتىش ،ھەركەت قىلغاندا ئاۋاز چىقىش ، بەزىدە تاسمسىمان شەكىلدە قاتتىقلىق بىلنىدۇ ، باشنى ئاغرىق تەرەپكە ئەگكەندە بويون ھەركىتى توسقونلوققا ئۇچرايدۇ. بويون مۇسكۇلى بېسلىپ ئاغرىيدۇ. ئوزى ئەينەككە قاراپ تەكشۇرگەندە كورونەرلىك ئىششىش ، قىزىرىش ئالامىتى كورولمەيدۇ. ئوزى تەكشۇرگەندە دائىم بىر تەرەپتە ئاغرىش ئورنىنى تاپالايدۇ .
2) نېرىپ تىپلىق :
سۆڭەك ئوسوكچىسى نېرىپنى باسقانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئاساسلىق ئالامىتى: بويۇن ،مورە ، غول ، ساھاسىدە ئاغرىش ، ئىچىشىش ، چىڭقىلىش ، سانجىلىپ ئاغرىش ، قىززىپ ئاغرىش ، بويون ھەركىتى توسقونلۇققا ئۇچراش ، يۇقۇرقى موچە كۈچسىز ئاناناسش ، سىقىراش ، تۇتۇش كۈچى توۋەنلەش ، مۇسكۇل يىگلەش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ.
3) يۇلۇن تىپلىق :
سۆڭەك ئوسوكچىسى يۇلۇننى باسقانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئاساسلىق ئالامىتى: يۇقۇر توۋەن موچىلەر سىقىراش ، مۇسكۇل كۈچسىز ئاناناسش ، راۋان ماڭالماسلىق ، ئاسان يىقىلىپ كىتىش ، ھەتتا كىچىك تەرەت راۋان بولماسلىق،چوڭ-كىچىك تەرەتتە قىيىنلىشىش ، قەۋزىيەت ، يۇقۇر – توۋەن موچىلەر پالەچلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كورولىدۇ.
4) ئومورىتقا ئارتىريەسى تىپلىق.
سۆڭەك ئوسوكچىسى ئومورىتقا ئارتىريەسىنى باسقانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى : باش ئاغرىش ، كوڭلى ئىلىشىش ، قۇسۇش ، قۇلاق غوڭولداش ، قاتارلىق ئالامەتلەر كورولىدۇ. كوپىنچە ھالدا ، ۋاقىتلىق ياكى بويون بىرخىل شەكىلدە بولىدۇ، بويون شۇخىل ھالەتتىن ئوزگەرگەندە بىر ئاز ياخشىلىنىدۇ ياكى كىلنىك ئالامىتى يوقولىدۇ.
5) سىمپاتىك نىرۋا تىپلىق:
يۇرەك چالاڭغۇراش ، يۇتۇش قىيىنلىشىش ، نەپەس سىقىلىش ، قان بېسىم يۇقۇرلاش ، كوپ تەرلەش ( دائىرلىك ،بىر ئوروندا يەنى باش ، بويون ، يۇقۇر-توۋەن موچىنىڭ يىراق قىسمىدا ياكى يېرىم بەدەندە كورىلىدۇ)
6) يۇتقۇنچاق تىپلىق:
بويون ئومورىتقا ئالدى تەرپىدىكى سۆڭەك ئوسوكچىسى يۇتقۇنچاقنىڭ كەينى تەرپىنى بېسىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. كىلنىكىدا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ . ئاساسلىق ئالامىتى : بويون قىسىمى ئاغرىش، قول سىقىراش ، يۇتقۇنچاقتا غەيرى سىزىم ئاناناسش ، يۇتۇش قىيىنلىشىش ، بەلغەم تۇرۇپ قېلىش سىزىمى ئاناناسش بىلەن بىرگە نىرۋا ئاجىزلىق، كەم سوزلوك ، ئىشتىھاسىزلىق ، ئۇيقۇسىزلىق ، باش ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ. ئالامىتىنىڭ ئىغىر يەڭگىل ئاناناسشى سۆڭەك ئوسوكچىسىنىڭ چوڭ – كىچىك ئاناناسشى ، ئورنى ، شەكىلى ، بىلەن موناسىۋەتلىك.
7) ئارلاشما تىپلىق:
يۇقۇردىكى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تىپىدىكى كىلنىك ئالامەتلەرنىڭ قوشولوپ كىلىشى ئارلاشما تىپلىق بويون ئومورىتقا كېسەللىكى دىيلىدۇ.
يۇقۇرقى ھەرقايسى تىپ، ئاناتومىيەسى جەھەتتىن زىچ باغلىنىشلىق ، بىرلا ۋاقىتتا كېسەللىكنىڭ غىدىقىلىنىشى ياكى بېسىلىشى بىرلا ۋاقىتتا كورولىشى بىر قەدەر كوپ ئۇچرايدۇ.
شىنجاڭ تۈمەن يىل بىئو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تورىدىن ئېلىندى