سىزدىمۇ بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ ئالامىتى كۆرۈلۈپتىمۇ؟
جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ خىزمەت ۋە ئۆگىنىش بېسىمى ئارتىپ كەتتى. ھازىرقى نۇرغۇن خىزمەتلەر يانفون ۋە كومپيوتېرنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ. لېكىن، ئۇزۇن مۇددەت يانفون ۋە كومپيوتېر ئىشلەتكەنلەرنىڭ بويۇن ئومۇرتقىسىدا ئوڭايلا كېسەللىك كۆرۈلىدۇ. شۇڭا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بويۇن ئومۇرتقىسى كېسەللېكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ناھايىتى تېز ئۆرلەۋاتىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىدىن خەۋەرسىز ھالدا يۈرۈپ، پەقەت بوينى ئاغرىغاندىن كېيىن ئاندىن بويۇن ئومۇرتقىسىدىن مەسىلە چىققانلىقىنى ھېس قىلىشىدۇ.
كىشىلەر پەقەت بويۇن ئاغرىقىنىڭ بويۇن ئومۇرتقىسى كېسەللېكىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ تۈزۈلۈشىنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ ۋە كۆپ خىل بولۇپ، بويۇن ئومۇرتقىمىزدا مەسىلە كۆرۈلگەنلېكىنىڭ نۇرغۇن ئىپادىلىنىش شەكىللىرى بار. قارىماققا بويۇن ئومۇرتقىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغان بەزى جايلاردا نورمالسىزلىق كۆرۈلۈشى بەلكىم بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلى پەيدا بولغانلىقتىن بولۇشى مۇمكىن، ئادەتتە بەدەندە بۇ تۆت خىل كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلسە، بەلكىم بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، ساغلاملىقىمىزغا تەھدىت ئېلىپ كېلىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك.
1. دۈمبە مۇزلاش
ئەگەر ئادەتتىكى تۇرمۇشتا دۈمبىڭىزنى ھەمىشە سوغۇق ھېس قىلىپ، ئازراقلا سوغۇق ئۆتۈپ قالسا دۈمبىڭىز قېتىشىپ بىئارام بولسىڭىز بويۇن ئومۇرتقىڭىزدا مەسىلە كۆرلگەنلىكنىڭ ئىپادىسى. چۈنكى بويۇن ۋە دۈمبە قىسمى بەدەندىكى مۇزەككەر ئەڭ كۆپ جاي بولۇپ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا دۈمبە ئاسان مۇزلىمايدۇ.
2. باش قېيىش
ئەگەر تۇرمۇشتا دائىم بېشىڭىز قايغاندەك ھېس قىلسىڭىز، بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى سىزنى ئىزدەپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل باش قېيىش، بولۇپمۇ تۇيۇقسىز كەينىڭىزگە قايتقاندا مېڭىڭىزنىڭ سەگەك ئەمەسلېكىنى ئېغىر بولغاندا ھەتتا ئايلىنىپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلسىڭىز شۇنداقلا تېزلا ئەسلىڭىزگە قايتسىڭىز، بۇ بويۇن ئومۇرتقىسى ئۆسۈپ ئومۇرتقا ئارتېرىيەسىنى بېسىۋالغانلىقىنىڭ، شۇنداقلا مېڭىگە قان يېتىشمەي باش قېيىش سېزىمى پەيدا بولغانلىقنىڭ ئالامىتى. بۇ خىل ئەھۋالدا يەنە باش قېيىش بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆڭلى ئېلىشىش، باش ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
3. يۇتۇش قىيىنلىشىش
بويۇن ئومۇرتقىسى كېسەللېكىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بىر نەرسە يۇتقاندا، ھەمىشە گېلىڭىزغا بىر نەرسە تۇرۇپ قېلىپ، ھەر قانچە يۇتۇپمۇ يۇتالمايدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلىسىز. بەزى بىمارلاردا يەنە ئاۋازى پۈتۈپ قېلىش، دېمى سىقىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. نېمە ئۈچۈن يۇتۇش قىيىنلىشىدۇ؟ بۇ ئاساسلىقى بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىچكى ئەزا نېرۋا ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشىدىن قىزىلئۆڭگەچ ئەتراپىدا پەيدا بولغان بەزى ئىنكاسلاردىن بولىدۇ. سۆڭەك ئۆسۈكچىسى ئۆسۈپ ئەتراپتىكى قىزىلئۆڭگەچنى غىدىقلىغاچقا يۇتۇش قىيىنلىشىدۇ.
4) كۆرۈش سىزىقى غۇۋالىشىش
بويۇن ئومۇرتقىسى كېسەللىكى ئىچكى ئەزا نېرۋا ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، قاننىڭ نورمال ئايلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئومۇرتقا نېگىز ئارتېرىيەسىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىشىدە نورمالسىزلىق پەيدا قىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن بىمارنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى كۆرۈش سېزىمى مەركىزىگە قان يېتىشمەي كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، بەزىدە يەنە كۆز ئىششىپ ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، ئەگەر تۇيۇقسىز كۆرۈش سىزىقى غۇۋالىشىپ كەتسە، بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، بۇ چاغدا نوقۇل ھالدا كۆزىدىن چاتاق چىقتى دەپ قارىماسلىق كېرەك.
يۇقىرىقى تۆت خىل ئەھۋال بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلىدە كۆرۈلىدىغان بىر قىسىم مەسىلىلەر بولۇپ، ئەگەر بۇ مەسىلىلەر بايقالسا چوقۇم ۋاقتىدا داۋالاش كېرەك. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بىر قاتار كېسەللىك ئاسارىتى قېلىپ، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.