ساغلاملىق

ئادەم ئۆلسە راك ھۈجەيرىلىرى ياشىيالامدۇ؟

ئادەم بەدىنى ھەر خىل ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلىدۇ، بىزنىڭ تېرە، مۇسكۇل، ئىچكى ئەزالىرىمىز، ھەتتا چوڭ مېڭىمىزمۇ ھەر خىل ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلىدۇ، ئادەم بەدىنىنى تەشكىل قىلىدىغان ھۈجەيرىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 40 تىرىليوندىن ئاشىدۇ.

ئادەم ئۆلسە راك ھۈجەيرىلىرى ياشىيالامدۇ؟

ئادەم بەدىنىنى تەشكىل قىلىدىغان بۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ ھاياتلىق دەۋرىيلىكى ئوخشاش بولمايدۇ، مەسىلەن: ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆمرى ئىنتايىن قىسقا بولۇپ، ئادەتتە پەقەت نەچچە سائەتلا ياشايدۇ، ئۈچەي يولى ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاياتلىق دەۋرىيلىكى تەخمىنەن 70 نەچچە سائەت بولىدۇ، شۇڭا ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئۈچەي يولى ئاۋۋال سېسىپ كېتىدۇ. بەزى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆمرى ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆمرى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، مەسىلەن نېرۋا ھۈجەيرىلىرى. كۆپ ساندىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆمرى ئادەمنىڭ ئۆمرى بىلەن تەڭلىشەلمەيدۇ، بىراق ياخشى يېرى ھۈجەيرە پارچىلىنىدۇ، بىر تۈركۈم ھۈجەيرىلەر قېرىپ ئۆلگەندىن كېيىن، يېڭىدىن پارچىلانغان ھۈجەيرىلەر ئۇلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرىدۇ، شۇڭا ئادەم بەدىنىنىڭ فۇنكسىيەسى ھۈجەيرىنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ. بىراق ھۈجەيرىلەرنىڭ بۆلۈنۈشىمۇ چەكسىز بولمايدۇ، ئاخىرقى چەككە يەتكەندىن كېيىن ھۈجەيرىلەر داۋاملىق بۆلۈنۈشكە ئامالسىز قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئادەم بەدىنى تەدرىجىي قېرىيدۇ ۋە ئۆلىدۇ.

ئادەم ئۆلسە راك ھۈجەيرىلىرى ياشىيالامدۇ؟

ئەمما، ئادەم بەدىنىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان بىر خىل ھۈجەيرە مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇ دەل بىز دەۋاتقان راك ھۈجەيرىسىدۇر. راك ھۈجەيرىلىرى نورمال ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆزگىرىشىدىن پەيدا بولىدۇ، ھۈجەيرىلەرنىڭ راكقا ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، ئادەم ھەمىشە زىيادە قىزىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلسا، بۇ يېمەكلىكلەر قىزىلئ‍ۆڭگەچ ھۈجەيرىلىرىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قىزىلئ‍ۆڭگەچ ھۈجەيرىلىرى قايتا ـ قايتا زەخىملىنىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆزگىرىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، ئاخىرى نورمال ھۈجەيرىلەر ياشاش ئۈچۈن راك ھۈجەيرىلىرىگە ئۆزگىرىدۇ، ئادەتتىكى ھۈجەيرىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى خېلىلا كۈچلۈك بولىدۇ، ئۇنىڭ كۈچلۈكلۈكى ئاساسلىقى مەڭگۈلۈك ھايات دېگەن ئىككى خەتتە ئىپادىلىنىدۇ.

ئادەم ئۆلسە راك ھۈجەيرىلىرى ياشىيالامدۇ؟

ئادەم بەدىنىدىكى ھەر قانداق نورمال توقۇلما ھۈجەيرىلىرى مەڭگۈلۈك بولمايدۇ، گەرچە ھۈجەيرىلەر پارچىلانسىمۇ، ئەمما پارچىلىنىش قېتىم سانى چەكلىك بولىدۇ، بىراق راك ھۈجەيرىلىرى ئوخشىمايدۇ، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ بۆلۈنۈش قېتىم سانىغا چەك قويۇلمايدۇ، يەككە راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاياتلىق دەۋرىيلىكى ئۇزۇن بولمايدۇ، لېكىن يېڭى ھۈجەيرىلەر چەكسىز بۆلۈنۈپ چىقىدۇ، شۇڭا راك ھۈجەيرىلىرى ھەقىقىي مەنىدىكى مەڭگۈلۈك ھۈجەيرە ھېسابلىنىدۇ.
راك ھۈجەيرىلىرى مەڭگۈلۈك بولىدۇ، مانا بۇ راك كېسىلىنىڭ ھەقىقىي قورقۇنچلۇق يېرى. ئۇنداقتا ئادەم ئۆلسە راك ھۈجەيرىلىرى داۋاملىق ياشىيالامدۇ؟ راك ھۈجەيرىلىرى گەرچە مەڭگۈ ھايات بولسىمۇ، لېكىن قانداقلا شارائىت بولسا ياشاۋەرمەيدۇ، ھەممىمىزگە مەلۇم راك كېسىلى يۇقمايدۇ، چۈنكى راك ھۈجەيرىلىرى مۇستەقىل ھاياتلىق شەكلى ئەمەس، ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ، ئۇ ئۆسۈش ئۈچۈن ئادەم بەدىنىنىڭ ئېنېرگىيە تەمىنلىشىگە موھتاج، يەنى ئادەم بەدىنىدىكى ياشاشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان مۇھىتقا تايىنىپ ياشايدۇ.
ئادەم بەدىنىدىكى تېمپېراتۇرا، كىسلاتا ـ ئىشقارلىق دەرىجىسى راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان پارنىكتۇر، راك ھۈجەيرىلىرىنى ئادەم بەدىنىدىن ئالغان تەقدىردىمۇ، چوقۇم ئالاھىدە يېتىشتۈرۈش ئاساسى بولمىسا ياشاشقا ماس كېلىدىغان مۇھىتتىن ئايرىلىپ قالغان ھامان ھېچقانداق ياشاش ئىمكانىيىتى بولمايدۇ.

ئادەم ئۆلسە راك ھۈجەيرىلىرى ياشىيالامدۇ؟

ئادەم بەدىنىدىكى قان ئايلىنىش ئاخىرلاشقاندا، ئادەم بەدىنىدىكى بارلىق ھۈجەيرىلەر بېقىلىشتىن مەھرۇم بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تەبىئىيلا راك ھۈجەيرىلىرىمۇ بار. باقىدىغان نەرسە بولمىسا ھېچقانداق ھۈجەيرە داۋاملىق ياشىيالمايدۇ، راك ھۈجەيرىلىرىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. ئەگەر ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن، بەدەندە يەنە قانداق نەرسىلەر تىرىك بولىدۇ دېيىلسە، ئۇنداقتا باكتېرىيە بولۇشى مۇمكىن. ئادەم ئۆلگەندە راك ھۈجەيرىلىرىمۇ باشقا ھۈجەيرىلەرگە ئوخشاش ئاخىرىدا باكتېرىيەگە سۈمۈرۈلۈپ ھەزىم قىلىنىپ يوقايدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى