تەبىئەت

ئىنسانلارنىڭ قۇمغا بولغان ئېھتىياجى يېقىلغۇدىن كۆپ بولماقتا

يەر شارىدا نوپۇسنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي بايلىققا بولغان ئېھتىياجى بارغانسېرى ئاشماقتا، بۈگۈنكى كۈندە يەر شارىدا تەخمىنەن 7 مىليارد 600 مىليون نوپۇس بار بولۇپ 2050-يىلىغا بارغاندا 9 مىليارد 800 مىليونغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن، شۇڭا بارغانسىرى يەر شارى بايلىقىنىڭ كەمچىل بولۇشى بىر مۇھىم جىددى مەسىلە بولۇپ قالىدۇ، بىز تۇرمۇشىمىزدا ھەر ۋاقىت دېگۈدەك تەبىئىي بايلىقلاردىن ئايرىلالمايمىز.

قۇم بولسا يەر شارىدا ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان تەبىئىي بايلىق، ئۇنى دەريا ئەتراپىدىن ناھايىتى ئاسانلا يىغىۋالغىلى بولىدۇ، لېكىن ھازىرقى ئەمەلىيەت بىزگە يەر شارىدىكى «قۇم»نىڭ تېز سۈرئەتتە ئازىيىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھەمدە يوقاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەرمەكتە.

ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدىغان دەريا قۇمى بارغانسېرى ئازلاپ كەتسە، ئۇنداقتا باھاسى قانداق بولىدۇ؟

ئىنسانلارنىڭ قۇمغا بولغان ئېھتىياجى يېقىلغۇدىن كۆپ بولماقتا

دەريا قۇمى پۈتۈنلەي دېگۈدەك بىناغا ئىشلىتىلىدۇ، ئۆي قۇرۇلۇشى، يول قۇرۇلۇشى قاتارلىقلاردا ئۇ كەم بولسا بولمايدۇ. شۇڭا دەريا قۇمى قۇرۇلۇشتىكى ئەڭ ھالقىلىق خام ئەشيا ھېسابلىنىدۇ. بىراق، دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر ئىلىم-پەن ئورگىنى يەر شارىدا زادى قانچىلىك قۇم بار، قانچىلىك ئادەم ئىشلىتەلەيدۇ، دېگەننى ئېنىق ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ. لېكىن دەريا قۇمى بايلىقىنىڭ كەمچىل بولۇش ئەھۋالى راستتىنلا مەۋجۇت. ئەنگلىيە «تەبىئەت» ژۇرنىلى بىر پارچە ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ھازىرقى قۇم ۋە شېغىللارنى قېزىش سۈرئىتى تەبىئىي ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتىدىن ئېشىپ كەتتى، شۇڭا قۇمنىڭ ئېھتىياجىغا دىققەت قىلىش كېرەك، دېگەن. بۇ دەريا قۇمى ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجنى قامدىيالمىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ قۇمغا بولغان ئېھتىياجى يېقىلغۇدىن كۆپ بولماقتا

بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن دۇنيانىڭ قۇم، شېغىللارغا بولغان ئېھتىياجى يېقىلغۇدىن كۆپ بولدى، ئەلۋەتتە بۇلار ئاساسلىقى يەنىلا نوپۇسنىڭ كۆپىيىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن، ئۆي سېلىش، تاشيول ياساش قاتارلىقلار.

ئىنسانلارنىڭ قۇمغا بولغان ئېھتىياجى يېقىلغۇدىن كۆپ بولماقتا

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، پۈتۈن دۇنيا ھەر يىلى تەخمىنەن 32 مىليارد توننىدىن 50 مىليارد توننىغىچە قۇم ئىشلىتىدىكەن، يەنى پۈتۈن يەر شارىنىڭ يىللىق سەرپىياتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 50 مىليارد توننىغا يېتىدىكەن. بۇ ئاساسلىقى سېمونت، ئەينەك ۋە ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا بارغاندا، دەريا قۇمى بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولماي قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. 2006-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە بولغان 10 يىل جەريانىدا، سىنگاپور ئىستاتىستىكا قىلغان ئېكسپورت سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كامبودژا 80 مىليون توننا قۇم ئىمپورت قىلغان، لېكىن ئۇلارنىڭ دۆلەتنىڭ ئېكسپورت مىقدارى %4گە يەتمىگەن، بۇ ئىمپورت قىلىش ئۆز دۆلىتىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇڭا دەريا قۇمى قىس بولۇش نورمال ئەھۋال، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە نۇرغۇن نامەلۇم سانلىق مەلۇمات بار، شۇڭا بەلكىم بۇ ئېھتىياج تېخىمۇ چوڭ بولۇشى مۇمكىن.

ئىنسانلارنىڭ قۇمغا بولغان ئېھتىياجى يېقىلغۇدىن كۆپ بولماقتا

شۇڭا ھەممە يەردە دەريا قۇمى ئازلاپ كەتسە، بۇ مۇقەررەر ھالدا يەر شارى خاراكتېرلىك دەريا قۇمى باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ بازاردىكى بىر ئۆزگىرىش، ئەلۋەتتە قانداق تاقابىل تۇرۇش كەلگۈسىدىكى ئىش.

دەرۋەقە، دەريا قۇمى يەر شارى يۈزىنىڭ ئاران %1ىنىلا ئىگىلەيدۇ، لېكىن قۇملۇق يەر شارىدىكى قۇرۇقلۇق يۈزىنىڭ %20ىنى ئىگىلەيدۇ، ئەگەر قۇملۇقتىكى قۇملاردىن پايدىلانغاندا، دەريا قۇمى بۇنداق كەمچىل ھالەتنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، نېمە ئۈچۈن قۇملۇق قۇمىنى دەريا قۇمىنىڭ ئورنىغا دەسسەتكىلى بولمايدۇ؟

ئىنسانلارنىڭ قۇمغا بولغان ئېھتىياجى يېقىلغۇدىن كۆپ بولماقتا

بىرىنچىدىن، قۇملۇق كۆپ، لېكىن قۇملۇقتىكى قۇم بەك سىلىق بولغاچقا، ئۇنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، ئەمما سانائەتتە ئىشلىتىدىغان قۇملارنىڭ كۆپىنچىسى قىرلىق قۇم بولۇپ، پەقەت دەريا قۇمى ئارقىلىقلا بۇ ئېھتىياجنى قاندۇرغىلى بولىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ.

ئىككىنچىدىن، قۇملۇقتىكى قۇملار ئاسانلا خىمىيەلىك رېئاكسىيە پەيدا قىلىدۇ، چۈنكى قۇملۇقتىكى قۇملارنىڭ ئىشقار مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئەگەر قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلسە، ناھايىتى ئاسانلا باشقا ماتېرىياللار بىلەن خىمىيەلىك رېئاكسىيە يۈز بېرىدۇ، مەسىلەن، پولات چىۋىق. بۇنداق بولغاندا پۈتكۈل قۇرۇلۇش ئىنتايىن تۇراقسىز بولىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ قۇمغا بولغان ئېھتىياجى يېقىلغۇدىن كۆپ بولماقتا

ئۈچىنچىدىن، قۇملۇقتىكى قۇم تەركىبىدە زور مىقداردا زىيانلىق ماددىلار بار. قۇملۇقتىكى قۇملارنىڭ كۆپىنچىسى يىمىرىلىشنىڭ مەھسۇلى، شۇڭا ئۇنى مەجبۇرىي ھالدا ئىشلەتكەندە كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ قۇمغا بولغان ئېھتىياجى يېقىلغۇدىن كۆپ بولماقتا

ئەلۋەتتە تۇرمۇشتا، بىز بەلكىم قۇملۇقتىكى قۇملارنى ئىشلىتىدىغان بەزى جايلارنى كۆرگەن بولۇشىمىز مۇمكىن، ئەمما ئۇلار ھەرگىز بۇ قۇملارنى بىۋاسىتە ئىشلەتمەيدۇ، شۇڭا بۇ قۇملارنى بىۋاسىتە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىشكە بولىدىغان تېخنىكا ھازىرچە يوق.

ئىنسانلارنىڭ قۇمغا بولغان ئېھتىياجى يېقىلغۇدىن كۆپ بولماقتا

دەريا قۇمىنىڭ يوقاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار قايسىلار؟

ئىنسانلارنىڭ دەريا قۇمىغا بولغان ئېھتىياجى ئاشقاندىن سىرت، يەنە دەريا قۇمىغا بولغان نازارەتچىلىك كەمچىل. ئەمەلىيەتتە كۆپ قىسىم رايونلاردا دەريا قۇمى قېزىلىدۇ، ئىلمىي ئۇسۇلدا قېزىش قاتتىق تەلەپ قويۇلمىغان، خالىغانچە قېزىش سەۋەبىدىن دەريا قۇمى تەكشى بولماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلگەن، ئەگەر بۇ رايون دەريا قۇمىنى قوغداشتا ئۈنۈملۈك مۇداپىئە تەدبىر قوللانمىغان بولسا تۇيۇقسىز ياغقان قاتتىق يامغۇر ئېقىتىپ كېتىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ قۇمغا بولغان ئېھتىياجى يېقىلغۇدىن كۆپ بولماقتا

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كەمچىل بولغاندا، ئاسانلا دەريا قۇمى باھاسىنىڭ داۋالغۇشىنى، بازارنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەگەر باھا چۈشۈپ كەتسە، سېتىۋالغۇچىلارنىڭمۇ تاللاش ھوقۇقى بولىدۇ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر يىغىۋالىدۇ، بۇنداق بولغاندا دەريا قۇمىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشنى تېزلىشىدۇ، شۇڭا دەريا قۇمىدىن پايدىلىنىشنىڭ ئەمەلىيەتتە بەلگىلىك ئىلمىيلىكى كەمچىل بولىدۇ. بىراق بۇ خىل ماددىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھەقىقەتەن تەس، نېمىلا دېگەن دەريا قۇمى مەركەزلەشمىگەن، تارقاق، شۇڭا يولغا قويۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىمۇ زور.

ئىنسانلارنىڭ قۇمغا بولغان ئېھتىياجى يېقىلغۇدىن كۆپ بولماقتا

دەريا قۇمى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا، ئەمەلىيەتتە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرمۇ يېڭى ئۇسۇلنى قوللاندى، مەسىلەن ئۆي قۇرۇلۇشتا «پولات قۇرۇلمىلىق ئۆي» نى يولغا قويدى، بۇ بەلكىم دەريا قۇمى ئىشلىتىشىنى ئازايتقانلىق بولۇشى مۇمكىن، بىراق بىز يەنىلا پۈتۈنلەي يىلتىزىدىن دەريا قۇمى ئىشلىتىشنى كونترول قىلىنىشنى ئۈمىد قىلىمىز، پۈتۈن يەر شارىدىكى كىشىلەر ئورتاق تىرىشىپ، مۇشۇنداق قىلغاندىلا تەبىئىي ھالدا ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ، بولمىسا ئاخىرىدا يەنىلا دەريا قۇمى كەمچىللېكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى