ساغلاملىق

قەنتمۇ قاندىكى ماينىڭ يۇقىرىلىقىنى پەيدا قىلىدىكەن

قەنتمۇ قاندىكى ماينىڭ يۇقىرىلىقىنى پەيدا قىلىدىكەن

تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، قاندىكى ياغنىڭ يۇقىرىلىقى قەنت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ يۈرەك، قان-تومۇر كېسەللىك بىمارلىرىنىڭ ئوزۇقلىنىشىنى باشقۇرۇشتا دائىم سەل قارايدىغان نۇقتىسى ئىكەن.

* ترىگلىتىسېرىدقا ئايلىنىش

قەنتنى زىيادە قوبۇللىغاندا، كۆپ مىقداردىكى ترىگلىتسېرىدقا ئايلىنىپ، قاندىكى ياغ ئۆرلەيدۇ. شۇڭا ئۇزاق مەزگىل يۇقىرى قەنتلىك غىزالانغاندا، جىگەر ھۈجەيرلىرىنىڭ ياغ ساقلاش سۈرئىتى ئېشىپ، ياغنىڭ جىگەر ئەتراپىغا توپلىنىشىنى ۋە جىگەرنى ماي قاپلاشنى پەيدا قىلىدۇ.

* ئېنېرگىيە توپلاش

قەنت ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، ئېنېرگىيەگە ئايلىنىدۇ، قالدۇق ئېنېرگىيە ياغ شەكلىدە ساقلىنىدۇ. قاندىكى ترىگلىتسېرىدمۇ ئۆرلەيدۇ.

* ناچار خولېتسېرىننىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش

ساخاروزا، فرۇكتورا، شېكەر قىيامى، كىراخمالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرخىل ساخارىدلار بۇزۇلغان خولېتسېرىننىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

* غىزالىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش

تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېگەندىن كېيىن، قان قەنتى تېز سۈرئەتتە ئۆرلەپ، تۆۋەن قان قەنتىگە قارىتا ئىنكاس پەيدا بولۇپ، ۋاقىتلىق ئاچلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ، كىشىلەردە قورساق تېخى تويمىدى دېگەندەك خاتا قاراش شەكىللەندۈرۈپ، داۋاملىق غىزالىنىشقا سەۋەب بولىدۇ-دە، ئاقىۋەتتە سېمىزلىك، قاندىكى ماي ئۆرلەشتەك ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ.

* ياغنىڭ پارچىلىنىشىنى تورمۇزلاش

قان قەنتىنىڭ ئۆرلىشى ئىنسۇلىنلىق قان كېسىلىنى پەيدا قىلىپ، ئىنسۇلىنغا قارشى تۇرغۇچى فاكتور ھاسىل قىلىپ، ياغنىڭ پارچىلىنىشىنى تورمۇزلاپ، قاندىكى ياغ كىسلاتاسى ۋە ترىگلىتسېرىدنىڭ قويۇقلۇقىنى ئاشۇرىدۇ.

قەنتمۇ قاندىكى ماينىڭ يۇقىرىلىقىنى پەيدا قىلىدىكەن

ئەمەلىيەتتە تۆۋەن ياغلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق قاندىكى ماينى ئازايتىشنى زىيادە تەكىتلەشمۇ خولېستېرىننىڭ قوبۇل قىلىنىشىنىڭ يېتەرسىزلېكىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. گۆش تۈرىدىكىلەرنىڭ قوبۇللىنىشىنى ئازايتىپ، كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى كۆپ ئىستېمال قىلىشمۇ قاندىكى ماينى ترىگلىتسېرىد ئايلاندۇرۇپ، تىزگىنلەشكە پايدىسىزدۇر. گۆشسىز يېمەكلىكلەر پەيدا قىلغان تۆۋەن ئاقسىللىق قان كېسىلى ئاقسىلنى كېمەيتىپ، ياغنىڭ نورمال توشۇلۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، قاندىكى ياغنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا قاندىكى ياغنى تىزگىنلەشتە، ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا، ئوزۇقلىنىش مىقدارىنى تىزگىنلەشكە، قەنتنىڭ قوبۇللىنىشىنى ئازايتىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى