ساغلاملىق

ئۆپكە راكى ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن دائىم كۆرۈلىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلەر

مەيلى ئېلىمىزدە بولسۇن ياكى يەر شارى مىقياسىدا بولسۇن، ئۆپكە راكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، دەسلەپكى ئۆپكە راكىنى ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئۈزۈل ـ كېسىل ساقايتقىلى بولىدۇ؛ ئوتتۇرا، ئاخىرقى مەزگىلدىكى ئۆپكە راكىغا نىسبەتەن ئۆسمىنىڭ چوڭ ـ كىچىكلىكى، بىمارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق داۋالاش لايىھەسى تۈزۈش كېرەك. ئۇنداقتا ئۆپكە راكى بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئوپېراتسىيە تاماملانغاندىن كېيىن، قانداق ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك؟

ئۆپكە راكى ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن دائىم كۆرۈلىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلەر

1. ئوپېراتسىيەدىن كېيىن يەل قېچىش
ئۆپكە راكى ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن يەل قېچىش كۆكرەك تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى. ئۆپكىدىن يەل قېچىشنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى: كۆكرەك چىڭقىلىش، كۆكرەك ئاغرىش، نەپەس تېزلىشىش، غىدىقلىنىش مەنبەلىك يۆتەلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كۆكرەك بوشلۇقى چاپلىشىپ قېلىش ئوپېراتسىيەدىن كېيىن يەل قېچىشنى پەيدا قىلىدىغان ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان سەۋەب، بۇنىڭ سەۋەبى كۆكرەك بوشلۇقى چاپلىشىپ قېلىش ئۆپكە سىرتقى يۈزىنىڭ زەخىملىنىش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋېتىدۇ، رېمونت قىلىنغان تەقدىردىمۇ يەل قېچىشتىن پۈتۈنلەي ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئەرلەر، تاماكا چېكىش تارىخى بار، ئۆپكە ئىقتىدارى بىر قەدەر ناچار، يېشى 65 ياشتىن ئاشقان بىمارلارنىڭ ئوپېراتسىيەدىن كېيىن يەل قېچىش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

ئۆپكە راكى ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن دائىم كۆرۈلىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلەر

2. ۋېنا قان نوكچىسى كەپلەشمىسى
ۋېنا قان نوكچىسى كەپلەشمىسى ئۆپكە راكى ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىنكى ئىنتايىن خەتەرلىك بىر خىل ئەگەشمە كېسەللىك بولۇپ، ئۇنىڭ كىلىنىكىلىق ئىپادىسى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل بولىدۇ:
پۇت ئىششىش: پۇت ئىششىش ۋېنا قان نوكچىسى كەپلەشمىسىنىڭ ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالامىتى بولۇپ، بەزىدە تېرە قىزىرىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن غەيرىي ئويمان خاراكتېرلىك سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ. ئىششىق ئېغىر بولغاندا، تېرىدە سۇلۇق قاپارتما پەيدا بولىدۇ.
ئاغرىش ۋە باسقاندا ئاغرىش: قان نوكچىسى ۋېنا ئىچىدە ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسى پەيدا قىلسا، قان نوكچىسى توسۇلۇپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان تۆۋەنكى مۈچە ۋېناسىنىڭ قايتما ئېقىمى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاغرىقنىڭ پۇت قىسمىدا داۋاملىشىش خاراكتېرلىك ئاغرىق پەيدا بولىدۇ، ئۆرە تۇرغاندا ئاغرىق ئېغىرلىشىدۇ. بېسىلغاندا ئاغرىش ئاساسلىقى ۋېنا قان نوكچىسى ياللۇغ پەيدا قىلىدىغان ئورۇن بىلەن چەكلىنىدۇ.

★ۋېنا قان نوكچىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا پايدىلىنىشقا بولىدىغان بىر قانچە خىل نۇقتىلار:
بالدۇرراق يەرگە چۈشۈپ ھەرىكەت قىلىش. ئوپېراتسىيەدىن كېيىن بالدۇرراق يەرگە چۈشۈپ ھەرىكەت قىلغاندا، قان نوكچىسى شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ھەمدە قان نوكچىسى شەكىللىنىش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ؛
پۇت ھەرىكىتى. تەشەببۇسكار بىلەن پۇتنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ياكى پۇتنى ئىگىز كۆتۈرۈش، پۇتتىكى چوڭقۇر ۋېنا قان نوكچىسى شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.
بىمارنىڭ سۇسىزلىنىش ئەھۋالىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش؛
دوختۇرلار بىلەن ياخشى پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دورا ئارقىلىق ۋېنا قان نوكچىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛

 

3. قان تومۇر تاسادىپىيلىقى
يۈرەك، مېڭە قان تومۇر ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن تۆۋەن قان بېسىمى، يۈرەك رىتىمى تەرتىپسىزلىنىش، يۈرەك زەئىپلىشىش قاتارلىقلار كۆرۈلۈش. ياشانغان بىمارلارغا نىسبەتەن ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇن يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسا، يۈرەك ئىقتىدارى تۆۋەن بولسا، دوختۇرغا ئالدىن ئۇقتۇرۇپ قويۇش، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك كۆرسەتكۈچلەرنى كۆزىتىش كېرەك.

4. ئوپېراتسىيەدىن كېيىن كۆكرەك ئىچى قاناش
ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى 24 سائەت ئىچىدە كۆكرەك ئ‍ىچى قاناش كۆپ يۈز بېرىدۇ، بۇ ئوپېراتسىيەسىدە قان ئۈزۈل ـ كېسىل ئۈزۈلمەسلىك ياكى بوغقان قان تومۇرنىڭ تىكىش يىپى چۈشۈپ كېتىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى