ساغلاملىق

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇرۇن ياللۇغىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىڭ قانداق زىيىنى بار؟

ئاياللاردا بۇرۇن ياللۇغى بولسا ئاكتىپلىق بىلەن داۋالاپ ساقايتىش كېرەك، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئۇزۇن مۇددەت ئېغىر دەرىجىدە بۇرۇن پۈتۈپ قالسا، ھامىلىغا ئوكسىگېن يېتىشمەسلېكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىسىز بولىدۇ. بۇرۇن ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىمارلار تۆۋەندىكىلەرگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك:

1. بۇرۇن ياللۇغى زىققىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكەندە، نەپەسلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، قاندىكى ئوكسىگېننىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى تۆۋەنلەيدۇ، باشقا توقۇلما ۋە ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى ۋە مېتابولىزمىغا تەسىر يېتىدۇ، باش ئاغرىش، باش قېيىش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، كۆكرەك ئاغرىش، كۆكرەك سىقىلىش، روھى چۈشكۈنلۈك قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، ھەتتا ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى، ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى، زىققا قاتارلىق ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ.

2. پۇراش سېزىمى توسقۇنلۇققا ئۇچراش.

بۇرۇن ياللۇغىدا ۋاقتىدا داۋالانماي، پۇراش شىللىق پەردىسىگە تەسىر كۆرسەتكەندە، پۇراش سېزىمى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ھېچقانداق پۇراقنى پۇرىيالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇرۇن ياللۇغىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىڭ قانداق زىيىنى بار؟

3. پۈتۈن بەدەنلىك كېسەللىك.

ئۇزاق مۇددەت تەكرار قوزغىلىدىغان بۇرۇن ياللۇغىنى ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا، ياللۇغ قوشنا ئەزا، توقۇلمىلارغا كېڭىيىدۇ ھەمدە ماڭلاي سۆڭەك يىلىك ياللۇغى، چاناق سۆڭەك دىۋارى ياللۇغى ۋە سۆڭەك پەردە ياللۇغى، چاناق دىۋارى سۆڭەك پەردىسى ئاستى يىرىڭلىق ئىششىقى، چاناق ئىچى ھەرە كۆنىكىسىمان توقۇلما ياللۇغى، شارسىمان ئارقا كۆرۈش نېرۋا ياللۇغى، مېڭە قاتتىق پەردىسى سىرتى يىرىڭلىق ئىششىقى، مېڭە قاتتىق پەردە ئاستى يىرىڭلىق ئىششىقى، مېڭە يىرىڭلىق ئىششىقى، بۇلۇت كاۋىكى قان نوكچىسى مەنبەلىك ۋېنا ياللۇغى قاتارلىق كۆپ خىل ئېغىر جىددىي كېسەللىكلەر ئەگىشىپ قوزغىلىدۇ.

4. ئۇزۇن يىللىق بۇرۇن ياللۇغى ئادەمنىڭ چىرايىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئەگەر سىزدە ئاستا-ئاستا بۇرۇن مايماق كېتىش، ئۈستۈنكى كالپۇك سىرتقا ئۆرۈلۈش ۋە ئۈستۈنكى چىش سىرتقا پۇلتىيىپ چىقىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە ھەمدە ئۇزاق مۇددەت بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، ماڭقا كۆپ كېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئۇزۇن مۇددەت داۋالاپ ساقايمىغان بۇرۇن ياللۇغىدىن ئېھتىيات قىلىشىڭىز كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى