ساغلاملىق

كەچۈرۈڭ، مەن ئەيدىز بىمارى (8): ساۋاقداشلار يىغىلىشىدا تۇنجى مۇھەببىتىنى ئۇچرىتىش

مېنىڭ ئىسمىم جۇ خۇيخۇي(ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)، بۇ يىل 36 ياش، ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغىلى يېرىم يىل بولدى. ھازىر CD4 ھۈجەيرىسىنىڭ سانى 655cell/ul بولۇپ، ۋىرۇس توشۇش مىقدارى 4.70E+01copies/mL بولسىمۇ، سالامەتلىكىم ھەر ھالدا ياخشى، تۇرمۇشۇمدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. دوختۇر مېنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىمنى ناھايىتى ياخشى كونترول قىلندى دېسىمۇ، لېكىن كۆڭلۈمدە بىر تۈگۈن بار بولۇپ، ئۇنى ئىزچىل ھەل قىلالمىدىم.

كەچۈرۈڭ، مەن ئەيدىز بىمارى (8): ساۋاقداشلار يىغىلىشىدا تۇنجى مۇھەببىتىنى ئۇچرىتىش

2020-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى مەن پېشقەدەم سىنىپ باشلىقىنىڭ تەكلىپى بىلەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلېكىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش ساۋاقداشلار يىغىلىشىغا قاتناشتىم. ئەسلىدە بارغۇم يوق ئىدى، لېكىن ئۇ چاغدا ئېرىم بىلەن ئۇرۇشۇپ قىلىپ، قىيداپ ساۋاقداشلار يىغىلىشىغا قاتناشتىم. لېكىن مەن يىغىلىشتا تۇنجى مۇھەببىتىمگە ئۇچراپ قېلىشىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن، چۈنكى مەن ئۇنى كەلمەيدۇ دەپ ئويلاپتىمەن. گەرچە مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇرغان بولساممۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ماڭا چاپلىشىۋېلىپ سالام قىلدى. نېمىلا دېگەن بىلەن توپتوغرا 20 يىل كۆرۈشۈپ باقمىدىم، شۇڭا ئۇنىڭغا پەقەت ئەدەپ بىلەن جاۋاب قايتۇردۇم. كېيىن ئۇنىڭ ئاجرىشىپ كەتكەنلېكىنى بىلدىم، چۈنكى بۇرۇنقى ئايالى بىرەر ئىشقا يولۇققاندا ئۇنىڭ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ياخشى كۆرمەيدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇرۇنقى ئايالى باغرى تاشلىق قىلىپ بىردىنبىر قىزىنىمۇ ئېلىپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ھېسداشلىق قىلدىم، تونۇش تەقدىر كەچۈرمىشلىرى بىزدە ئورتاق ھېسسىيات پەيدا قىلدى.

كەچۈرۈڭ، مەن ئەيدىز بىمارى (8): ساۋاقداشلار يىغىلىشىدا تۇنجى مۇھەببىتىنى ئۇچرىتىش

5-ئاينىڭ 22-كۈنى بەدىنىم قىزىپ، قىزىتمام 37.4 گرادۇستىن ئىزچىل يانمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇلىقىمنىڭ كەينىدە لىمفا ئىششىقى پەيدا بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىنانىڭ ئاستىدىكى شىپاخانىدا بىر ھەپتە ئاسما ئوكۇل سالدۇرساممۇ، ئەھۋالدا ياخشىلىنىش بولمىدى. ئىككىنچى ھەپتىسى بەدىنىم قىچىشىشقا باشلاپ، بىلىكىمگە نۇرغۇن قىزىل ئەسۋە چىقىپ كەتتى. مەن ياش ۋاقتىمدا دانىخورەك چىقىپ باقمىغان، نەتىجىدە يۈزۈمدىمۇ تېرە مېيى ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلدى. ئامالسىز دوختۇرخانىدا ياتتىم، لېكىن دوختۇرخانىدا ياتقىنىمغا ئەمدىلا ئۈچ كۈن بولغان بولسىمۇ، بارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى ياخشى بولۇپ كەتتى.

كەچۈرۈڭ، مەن ئەيدىز بىمارى (8): ساۋاقداشلار يىغىلىشىدا تۇنجى مۇھەببىتىنى ئۇچرىتىش

6-ئاينىڭ 15-كۈنى مەن يېقىن دوستۇم بىلەن بەدەن چېنىقتۇرۇۋاتقان ئىدىم. تۇيۇقسىز كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، 6-ئاينىڭ 6-كۈنى تەكشۈرۈشكە يوللانغان قېنىمدا HIV مۇسبەت چىققانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ماڭا تېزدىن كىملىكىمنى ئېلىپ بېرىپ تىزىملىتىپ دورا ئېلىۋېلىشىمنى ئېيتتى، شۇ چاغدىلا چوڭ ئىش يۈز بەرگەنلېكىنى بىلدىم.

كەچۈرۈڭ، مەن ئەيدىز بىمارى (8): ساۋاقداشلار يىغىلىشىدا تۇنجى مۇھەببىتىنى ئۇچرىتىش

ئەسلىدە قورقۇپ تۇرغان كۆلەڭگە ئىچىدە، ئېرىمنىڭ ئازراق تەسەللىسىگە ئېرىشەلەيمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم. لېكىن ئۇ ماڭا ئاجرىشىش كېلىشىمنامىسىنى سۇنۇپ ئىمزا قويۇشۇمنى ئېيتتى. ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈنلېكىنى سورىسام، ئۇمۇ دېمىدى، شۇ چاغدا مەن ئۇنىڭ چوقۇم مېنى خاتا چۈشىنىپ قالغانلىقىنى بىلدىم. ساۋاقداشلار يىغىلىشى مەزگىلىدە بىر كۈتۈلمىگەن ئىشنى مەن ئىزچىل دېمىدىم، مېنىڭ تۇنجى مۇھەببىتىم كۆپچىلىككە ئالما ئاقلاپ بەرگەندە بارمىقىنى كېسىۋالغان ئىدى. ئەينى چاغدا مەن ئۇنىڭغا ئەڭ يېقىن ئىدىم، شۇڭا ئۇنىڭ قولىنى مەن تېڭىپ قويغان، قان قولۇمغا يۇقۇپ قالغانىدى. ئۇ چاغدا مەن ئۇنچە كۆپ ئويلاپ كەتمىگەن، ئەسلىدە قان بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىشمۇ ئەيدىز كېسىلىنى تارقىتىدىغان بىر خىل ئاساسلىق يول ئىكەن. مەن ئېرىمنىڭ ھازىرقى زامان ساۋاتسىزى ئىكەنلىكىدىن، ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى بىلمەيدىغانلىقىدىن ئاغرىندىم. نەتىجىدە ئۇ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى، شۇڭا مەن يەنىلا ئاجرىشىش كېلىشىمنامىسىگە ئىمزا قويدۇم.

كەچۈرۈڭ، مەن ئەيدىز بىمارى (8): ساۋاقداشلار يىغىلىشىدا تۇنجى مۇھەببىتىنى ئۇچرىتىش

ئاخىرىدا مەن يەنە بارلىق ئەر-خوتۇنلارغا ئەيدىزنىڭ تارقىلىش يوللىرىنىڭ كۆپ خىل ئىكەنلىكىنى، بىرەر ئىشقا يولۇققاندا ياخشى مەسلىھەتلىشىپ، يوقىلاڭ ئىشلارنى ئويلاپ يۈرمەسلىكنى، ئەر-خوتۇننىڭ كۆڭلى ئازار يەپ قالسا، ئادەمنىڭ كۆڭلىمۇ سوۋۇپ كېتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ قويماقچىمەن. ئەجىبا ئەيدىز يۇقتۇرۋېلش مېنىڭ ساداقەتسىزلىكىمدىنمۇ؟

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى