ساغلاملىق

ئەيدىز كېسىلى بولۇپ قالسىڭىز تۇغقانلىرىڭىزدىن يوشۇرامسىز؟

يېقىندا شاڭخەيدە يۈز بەرگەن بىر دېلو قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. ئ‍ېرى ئەيدىز كېسىلىنى يوشۇردى، ھامىلىدار ئايالى ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلدى. ھەق-تەلەپ قانۇن كودېكسى ۋە ئالاقىدار قانۇن يۈرگۈزۈش ئىزاھاتىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا قارىتا توي تۇرمۇشىنى بىكار قىلىش ھۆكۈمىنى چىقاردى.

ئەيدىز كېسىلى بولۇپ قالسىڭىز تۇغقانلىرىڭىزدىن يوشۇرامسىز؟

ئەيدىز كېسىلى بولۇپ قالسىڭىز تۇغقانلىرىڭىزدىن يوشۇرامسىز؟

بىمارنىڭ شەخسىيەت ھوقۇقى، جورىسىنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى، ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتكە تاقابىل تۇرۇش ھوقۇقى قاتارلىقلار بار. لېكىن رېئاللىق شۇكى، يوشۇرۇش ياكى راستچىل بولۇش ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ چوڭ تۈگۈن بولۇپ كەلدى.

«يېڭى خەلق كەچلىك گېزىتى» مۇخبىرى يېقىندا شاڭخەيدىكى بىردىنبىر ئەيدىزگە دىياگنوز قويۇپ داۋالايدىغان داۋالاش ئاپاراتى بولغان «شاڭخەي شەھەرلىك ئاممىۋى سەھىيە كېلىنكا مەركىزى»گە يېتىپ كەلدى. يۇقۇملىنىش ۋە ئىممۇنىتېت بۆلۈمى دىياگنوزخانىسىدا، مۇخبىر سۆھبەت ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىشكە ئۇرۇندى.

ئەيدىز كېسىلى بولۇپ قالسىڭىز تۇغقانلىرىڭىزدىن يوشۇرامسىز؟

ئەڭ قورقۇنۇچلۇق بولغىنى يېقىنلىرىنىڭ «ۋاز كېچىشى»

56 ياشلىق ياڭ شيۇچىن بۇ يەردە بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلمايلا يىغلاپ كەتتى، ياڭ شيۇچىن گۈللۈك چاپان كىيگەن، كۆز سىزىقى چەكتۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا HIV بىلەن يۇقۇملاندى دەپ دىياگنوز قويۇلغىلى بەش يىل بولغانىكەن، يەۋاتقىنى دۆلەت ھەقسىز تەمىنلىگەن ۋىروسقا قارشى دورىلار ئىكەن. دوختۇر شېن يىنجۇڭ مۇنداق دېدى: «دورا يېيىش ۋاقتى جايىدا بولغان ئادەمنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىمۇ ئادەتتە ناھايىتى ياخشى بولىدۇ، ۋىرۇس ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنغاندىن كېيىن باشقىلارغا يۇقۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ».

شۇنداق بولسىمۇ، ياڭ شيۇچىن يەنىلا قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئېرىدىن قەتئىي يوشۇردى. لېكىن ئۇمۇ يوشۇرۇشنىڭ توغرا ئەمەسلېكىنى بىلەتتى، شۇنىڭ بىلەن چوڭقۇر قايغۇردى ۋە ئۆزىنى ئەيىبلىدى. ئۇ قايتا-قايتا :«مەن نېمىنى خاتا قىلدىم؟ نېمە ئۈچۈن بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالىمەن؟» دەپ سورايتتى.

ياڭ شيۇچىن يىغلاپ ئۈنى پۈتۈپ كەتتى، ئۇ ئۆزىچە «ئەيدىز كېسىلى مەينەت كېسەل، جاننى ئالىدۇ» دەپ قارايتتى. بۇ يىللاردا، ئۇ پەقەت ئۆزى يالغۇز بۇنداق ئازابقا بەرداشلىق بېرىۋاتاتتى. دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان تەقدىردىمۇ ئېرىنىڭ يوقلاپ كېلىشىگە قوشۇلماي، يەنە ئۇنى ئالداپ «يېقىن دوستۇم بىلەن ساياھەتكە كەتتىم» دېگەن.

-ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان ئادەم يوق، لېكىن بەزى ئىشلارنى ئۆزىڭىز يالغۇز كۆتۈرەلمەيسىز.- دېدى شېن يىنجۇڭ دوختۇر. -سىز ئۆزىڭىزنى قوبۇل قىلىشىڭىز كېرەك، ئەگەر ئائىلىڭىزدىكىلەر سىز بىلەن تەڭ ئۈستىگە ئالالىسا، بەلكىم ئۇنچە جاپالىق ياشىماسلىقىڭىز مۇمكىن.

ئەيدىز كېسىلى بولۇپ قالسىڭىز تۇغقانلىرىڭىزدىن يوشۇرامسىز؟

ياڭ شيۇچىننى ئۇزىتىپ قويغاندىن كېيىن، شېن يىنجۇڭ 20 ياشلىق كېلىشكەن يىگىت ۋاڭ نىڭنى ئېسىگە ئالدى. ئۇ ئۆپكە سپورا باكتېرىيىسى ۋە ئۆپكە ياللۇغى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا ياتمىسا بولمايدىغان بولۇپ، ئەھۋالى ناھايىتى خەتەرلىك ئىدى. بۇ ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش ۋە ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق كېسەللىك سەۋەبلىرىنىڭ بىرى. HIV ئاساسلىق ھۇجۇم قىلىدىغىنى ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم CD4 + T لىمفا ھۈجەيرىسى، ۋىرۇس CD4 + T لىمفا ھۈجەيرىسىنى كۆپلەپ بۇزۇپ تاشلاپ، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت مۇداپىئە، ئىممۇنىتېت كۆزىتىش ۋە ئىممۇنىتېت مۇداپىئە ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئاسانلا ھەر خىل ئۆسمە بىلەن يۇقۇملىنىدۇ.

شېن يىنجۇڭ ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ: «ئەڭ ياخشىسى يەنىلا ئۆيدىكىلەرگە دەڭ، ئۇلار كېلىپ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالسۇن» دېدى. ۋاڭ نىڭ بىلەن ئانىسى ئالاقىلاشمىغىلى ئۇزۇن يىل بولغان بولۇپ، مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس. شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنە غەيرەتكە كېلىپ ئانىسىغا تېلېفون قىلدى.

ئ‍انىسى ناھايىتى تېزلا پويىزغا ئولتۇرۇپ شاڭخەيگە كېلىپ، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇش دېگەندەك ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ۋاڭ نىڭ خىجىل بولۇپ سۈكۈتتە تۇرۇشنى تاللىدى، ئانىسى ۋاڭ نىڭنى باغرىغا باستى. كېيىن ئانا-بالا ئىككىسى قايتىپ كەتتى، شۇنداق قىلىپ ۋەيران بولغان ئائىلە مۇناسىۋىتىمۇ ئەسلىگە كەلدى.

-قېرىنداشلىق مېھرىنى ئۈزۈۋېتىش ناھايىتى تەس، بىمارنىڭ ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى ئۆيدىكىلەرنىڭ چۈشىنىشى ۋە غەمخورلۇقى. – دېدى شېن يىنجۇڭ دوختۇر.

شېن يىنجوڭ شەھەرلىك ئاممىۋى سەھىيە مەركىزىدە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى بولغىلى ئون نەچچە يىل بولدى. ئەيدىز كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ كۆپىنچىسى 20-30 ياشلاردىكى بالىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەمجىنىسلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت سەۋەبىدىن يۇقۇملانغانلار. ئۇلار قىز-يىگىت كۆرۈشۈپ توي قىلىش، بالىلىق بولۇشنى رەت قىلىدۇ، ئ‍ۇلار ئ‍ۈچۈن باشقىلارنىڭ كەمسىتىشىدىن ئەنسىرەشكە قارىغاندا، ئاتا-ئانىسىغا يۈز كېلەلمەسلىك ئەڭ چوڭ ئازابقا ئايلىنىدۇ.

بۇلتۇر 1-دېكابىر دۇنيا ئەيدىز كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، شاڭخەيدە دوكلات قىلىنغان يۇقۇملانغۇچى ئەرلەر %91.4 نى ئىگىلىگەن. دوكلاتتا بايقالغان HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئىچىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقالغانلار %97 نى ئىگىلىگەن، ھەمجىنىس ئەرلەرنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىش يولى %62.4 ىنى ئىگىلىگەن. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا نۇرغۇن ھەمجىنىسلار ۋىرۇسنىڭ ئۆز بەدىنىگە كىرىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ، يەنە نۇرغۇن يۇقۇملانغۇچىلار يوشۇرۇشنى تاللايدۇ.

بەزى يۇقۇملانغۇچىلار «ھايات قالغاندىن ئۆلگەن ياخشى» دەيدىغان پوزىتسىيەدە بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ھالقىپ ئۆتۈش-ئۆتەلمەسلىكتە نۇرغۇن ئامىللار بار. شېن يىنجۇڭ داۋالاش ۋە تەشۋىق-تەربىيە ئېلىپ بېرىپلا قالماي، يەنە ھېسسىيات جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ دائىم بىمارلارغا «داۋالىنىڭلار، تۇغقانلىرىڭلارغا يوقلاڭلار، ھەمراھىڭلارغا ئېيتىڭلار، بىرلىكتە يۈزلىنىڭلار» دەپ نەسىھەت قىلاتتى. ساغلام تۇرمۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ھەرىكەتنى تۈزىتىش ۋە پىسخىكىنى تەڭشەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى ئەيدىز كېسىلى كونترول قىلغىلى ۋە ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان كېسەللىك بولۇپ، بىمارلار چوقۇم ئاكتىپ روھىي ھالەتنى ساقلاپ داۋالاشقا ياخشى ماسلىشىپ بېرىشى كېرەك.

10 نەچچە يىل بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا، داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا ھازىر زور ئىلگىرلەش بولدى. تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئەيدىز كېسەللېكىنى ئىلمىي تونۇپ يەتتى، بىمارلار تەدرىجى ئۆزىگە توغرا قارايدىغان بولدى، داۋالاشقا بېقىنىشچانلىقىمۇ ئاشتى. شېن يىنجۇڭ ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئويىنى ئوبدان بىلەتتى، ھەمدە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇلارغا ياردەم بېرىپ، ئىلمىي داۋالاش ئارقىلىق تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈردى. ئۇ كەسپىي دوختۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن، گەرچە كۆز ئالدىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر «ئەگرى يول» غا مېڭىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ياشاش ھوقۇقىغا ئىگە دەپ قارىدى.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى