ساغلاملىق

ئاياللاردا كالتسىي يېتىشمەسلىكنىڭ تۆت خىل ئىپادىسى بولىدۇ

ئاياللاردا كالتسىي يېتىشمەسلىكنىڭ تۆت خىل ئىپادىسى بولىدۇ

بىلەمسىز؟ ئادەم بەدىنىدىكى %99 كالتسىي سۆڭەك ۋە چىشتا ساقلىنىدۇ. ئەگەر كالتسىي كەم بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلسە، بەدەندە شۇنىڭغا ئەگىشىپ نۇرغۇن كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ.

سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېرىمدىن ئارتۇق ئايال 20 ياشتىن ئاشقاندا قوبۇل قىلغان كالتسىينىڭ مىقدارى ئۆلچەمگە يەتمىگەن، 30 ياشقا كىرگەندىن كېيىن، سۆڭەكتىكى كالتسىينىڭ ئېقىپ كېتىش مىقدارى تەدرىجىي ئېشىپ، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدىكەن، يەنە تۆۋەندىكى ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ:

ئاياللاردا كالتسىي يېتىشمەسلىكنىڭ تۆت خىل ئىپادىسى بولىدۇ

1. پەي تارتىشىش: ئەگەر بەدەندە كالتسىي كەم بولسا، ئاسانلا پەي تارتىشىپ قېلىش ياكى بەدەننىڭ باشقا قىسىملىرىدا پەي تارتىشىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈنكى، كالتسىي ئىيونى مۇسكۇللارنىڭ قىسقىرىشىغا ياردەم بېرىدۇ، ئەگەر قان تەركىبىدىكى كالتسىي ئىيونىنىڭ مىقدارى بەك تۆۋەن بولسا، مۇسكۇل ئاسانلا روھلىنىپ تارتىشىپ قالىدۇ-دە، پەي تارتىشىپ قالىدۇ.

2. تېرە قىچىشىش: ئۇزۇن مۇددەت كالتسىي كەم بولسا، تېرىنىڭ قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەپ، زىيادە سەزگۈرلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تېرە قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. چارچاش، ماغدۇرسىزلىنىش: ئۇزاق مۇددەت كالتسىي كەم بولۇش ئاسانلا ئادەم بەدىنىنىڭ ماغدۇرسىزلىنىش، ئىچى تىتىلداش، زېھنىنى يىغالماسلىق، ئاسان چارچاش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى: سۆڭەك ئاسان سۇنۇش، بوي ئىگىزلىكى قىسقىراپ كېتىش، دۈمچەك بولۇپ قېلىش، سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش، چىش ئاغرىش، چاچ چۈشۈش، بەل ۋە دۈمبىلەر تېلىپ ئاغرىش، يول يۈرۈش قولايسىز بولۇش قاتارلىقلار ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.

ئاياللاردا كالتسىي يېتىشمەسلىكنىڭ تۆت خىل ئىپادىسى بولىدۇ

تۆۋەندىكى بەش خىل يېمەكلىك ئاياللارنىڭ كالتسىي تولۇقلىشىغا ئەڭ ماس كېلىدۇ:

1. راك قاسرىقى: راك قاسرىقى تەركىبىدە ۋىتامىن D مول بولۇپ، ۋىتامىن D ئاشقازان ئۈچەينىڭ كالتسىينى سۈمۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇڭا كالتسىي كەمچىل ئاياللارنىڭ بىر كۈندە ئاز دېگەندە 50 گىرام ئىستېمال قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئادەم بەدىنىنىڭ كالتسىينى قوبۇل قىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىدۇ.

2. قارا كۈنجۈت: تەركىبىدىكى كالتسىي مىقدارى سۈتكە قارىغاندا سەككىز ھەسسە يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن تېخىمۇ ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ.

3. قېتىق: بۇمۇ ناھايىتى ياخشى كالتسىي مەنبەسى بولۇپ، ئوزۇقلۇقى مول بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىشىنى غىدىقلاپ، ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

4. پىشلاق: تەركىبىدە مول كالتسىي بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كالتسىيلار ناھايىتى ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ.

5. لامنارىيە: ئىگىلىنىشىچە، ھەر 100 گرام قۇرۇق لامنارىيە تەركىبىدىكى كالتسىي مىقدارى 625 مىللىگرامغا يېتىدىغان بولۇپ، بىر ئىستاكان سۈتنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. شۇڭا، دوستلار ئادەتتە لامنارىيە، لامنارىيە قوۋۇرغا شورپىسى قاتارلىقلارنى كۆپرەك يەپ بەرسە كالتسىي تولۇقلىغىلى بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى