ساغلاملىق

بۆرەك كېسىلنىڭ سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلگە ئايلىنىپ قېلشىدىن ھەزەر ئەيلەڭ

بۆرەك كېسىلىنىڭ سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىگە ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن زۆرۈر.

نۆۋەتتە مۇۋاپىق بولمىغان يېمەك-ئىچمەك ۋە ناچار تۇرمۇش ئادىتى كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئىككىلەمچى ساغلاملىق ھالىتىدە تۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرۋاتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئەزالارمۇ تەدرىجىي تەسىرگە ئۇچراپ مەسىلە كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بۆرەك تەسىرگە ئۇچراش ئەھۋاللىرى بىر قەدەر كۆپ. ئەلىۋەتتە كۆپ ساندىكى كىشىلەردە سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى كۆرۈلگەنىدە تەدبىر قوللىنىپ كونترول قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكنى بىلىدۇ، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن كېسەللىكنىڭ ئېغىرلىشىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. يەنە نۇرغۇن كىشىلەر ئەندىشە قىلىپ نۇرغۇن تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ، بۇ تەدبىرلەر ئىچىدە تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتا كەم بولسا بولمايدۇ.

بۆرەك كېسىلنىڭ سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلگە ئايلىنىپ قېلشىدىن ھەزەر ئەيلەڭ

قايسى تەدبىرلەر بۆرەك كېسىلىنىڭ سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىگە ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؟

1. قان شېكىرىنى ياخشى كونترول قىلىش كېرەك.

ئەگەر قان شېكىرى يۇقىرى بولسا، بۆرەكتە كېسەللىك ئۆزگىرىش پەيدا بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ، قان شېكىرى يۇقىرى بولغاندىكى ئەگەشمە كېسەللىكلەر ئىچىدە دىيابېت كېسىلى، بۆرەك كېسىلى دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىر خىلى، شۇڭا قان شېكىرىنى قەرەللىك كۆزىتىپ، قان شېكىرىنى نورمال دائىرىدە كونترول قىلىش كېرەك. يېمەك-ئىچمەك بىلەن تەڭشەش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق قان شېكىرىنىڭ داۋالغۇشىنى زىيادە يۇقىرى قىلىۋەتمەي، بۆرەككە تەسىر قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

2. يۇقىرى قان بېسىمنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

بۆرەك ئىقتىدارى تۆۋەنلىگەنلىكتىن بۆرەكتىكى بېسىمنىڭ يۇقىرىلىشمۇ يۇقىرى قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا قەرەللىك تەكشۈرتۈش بىلەن بىرگە، ئادەتتە تۇز تەركىبى تۆۋەن يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش، تۇزنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش، قان بېسىمىنىڭ داۋالغۇشىنى بايقىغان ھامان ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىش كېرەك.

بۆرەك كېسىلنىڭ سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلگە ئايلىنىپ قېلشىدىن ھەزەر ئەيلەڭ

3. تاماكا تاشلاش

4. سۈيدۈكنىڭ نورمالسىزلىقىغا دىققەت قىلىش

قايسى تەدبىرلەر ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلىنى كونترول قىلالايدۇ؟

بۆرەك كېسىلى قوزغالغاندا بىر قەدەر يوشۇرۇن بولغاچقا، بەزى بىمارلار كېسەللىك ئوتتۇرا، ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگەندە ئاندىن بايقاپ، ئەڭ ياخشى داۋالاش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويۇپ، بۆرەكنى سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش باسقۇچىغا كىرگۈزۋېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىمار ئادەتتە سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك كېسەللىكىگە نىسبەتەن ئاز-تولا چۈشەنچىگە ئىگە بولسا ھەمدە دەسلەپكى مەزگىلى پەيدا بولغاندا ۋاقتىدا بايقاشقا يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرەلىسە، ساقىيىش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا بۆرەك كېسىلى بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كېسەللىكنى قانچە بالدۇر بايقىغانسېرى شۇنچە ياخشى بولىدۇ.

بۆرەك كېسىلنىڭ سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلگە ئايلىنىپ قېلشىدىن ھەزەر ئەيلەڭ

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى