ساغلاملىق

ئاياللار ئادەت كەلگەندە چېچىنى يۇيسا بولامدۇ؟

چوڭلار دائىم «ئاياللارغا ئادەت كەلگەندە چېچىنى يۇيسا بولمايدۇ» دەيدۇ، بۇ نۇرغۇن ئاياللارنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ، بۇ ۋاقىتتا چاچنى يۇيسا سالامەتلىككە تەسىر يېتىشىدىن قورقىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئادەت كەلگەندە چاچ يۇيۇشقا بولىدۇ، چۈنكى ئەگەر بەك ئۇزاق ۋاقىت چاچ يۇيمىغاندا ئادەم بىئارام بولىدۇ، كەيپىياتىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. كەيپىيات ياخشى بولمىسا ئادەتمۇ ياخشى كەلمەيدۇ، لېكىن ئادەت كەلگەندە چاچنى يۇيۇشتا يەنىلا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار بار. پەقەت كۆپچىلىك بەزى ئىنچىكە ھالقىلارغا دىققەت قىلسىلا، ھەيز كەلگەندە چاچ يۇيۇش مەسىلە ھېسابلانمايدۇ.

ئاياللار ئادەت كەلگەندە چېچىنى يۇيسا بولامدۇ؟

ھەيز ئاياللارنىڭ نورمال فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارى بولۇپ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنى قان ئارقىلىق چىقىرىۋېتىدۇ. ئەگەر بالىياتقۇدا قان لەختىسى پەيدا بولۇپ، چىقىش ئېغىزى توسۇلۇپ قالسا، ئادەت ئاغرىتىپ كېلىدۇ. بۇمۇ ياشانغانلار ئېيتقان «ئادەت مەزگىلىدە چاچ يۇيماسلىق كېرەك» دىيىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبتۇر. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر بۇ ۋاقىتتا ئىمكانقەدەر ئىسسىق سۇدا يۇيۇش، يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ۋاقتىدا قۇرۇتۇش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، ئاياللار ئادەت كەلگەندە داس بوشلۇقى قان تولۇش ھالىتىدە تۇرغاچقا، بەدەننىڭ باشقا جايلىرىغا ئېقىپ بارىدىغان قان ئازراق بولىدۇ، بولۇپمۇ باش قىسىمىغا شۇنداق. بۇ ۋاقىتتا ئەگەر باش تېرىسىگە سوغۇق سۇ تەگسە، باش تېرىسىدىكى قان تومۇرلار تارىيىپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا قان تېخىمۇ ئازىيىپ ۋە راۋان بولماي، قان ئايلىنىش ياخشى بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئادەت مەزگىلىدىكى ئاياللار چوقۇم ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىشى، سوغۇق سۇدا چاچ يۇيماسلىقى كېرەك. ئەگەر راستلا چاچ يۇيۇشقا توغرا كەلگەندە بېشىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە چاچ قۇرۇتقۇچ بىلەن قۇرۇتۇۋېلىشى كېرەك.

ئاياللار ئادەت كەلگەندە چېچىنى يۇيسا بولامدۇ؟

ئۇنىڭدىن باشقا ئاياللار ئادەت كەلگەندە چاچ يۇيغاندا تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك:

1.چاچ يۇيۇش قېتىم سانى بەك كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، بىر ھەپتىدە ئۈچ-تۆت قېتىم بولسىلا بولىدۇ.

2.ئەگەر مېڭىنى كۆپرەك ئىشلىتىدىغان ياكى سىرتتا خىزمەت قىلىدىغانلار بولسا، چاچ يۇيۇش قېتىم سانىنى مۇۋاپىق كۆپەيتسە بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا چاچنى دائىم تاراپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

3.چاچ يۇيۇشتا ئامال بار چۈشتە ياكى چۈشتىن كېيىننى تاللاش، كەچتە چاچ يۇيۇشتىن ساقلىنىش، باشنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ئەڭ ياخشىسى دەرھال سۈرتۈپ قۇرۇتۇش ياكى چاچ قۇرۇتقۇچ بىلەن قۇرۇتۇۋېلىشى كېرەك.

4.چاچنى ھەركۈنى يۇيماسلىق كېرەك، چاچ يۇيۇش قېتىم سانى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، چاچ زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سالامەتلىككە پايدىسىز.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى