ساغلاملىق

قىش پەسلىدە سىزنىڭمۇ مۇنداق ناچار ئادەتلىرىڭىز بارمۇ؟

قىش پەسلىدە سىزنىڭمۇ مۇنداق ناچار ئادەتلىرىڭىز بارمۇ؟

1. ھاراق ئىچىش ئارقىلىق سوغۇققا قارشى تۇرۇش

كۆپىنچە كىشىلەر قىش كۈنلىرى ئازراق ئاق ھاراق ئىچىش ئارقىلىق بەدىنىنى ئىسسىتىشنى ياقتۇرىدۇ.

ئەمەلىيەتتە ھاراق سوغۇقنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ.

ئادەم بەدىنىنىڭ ئېنېرگىيەسى ئادەتتە مۇسكۇلنىڭ ھەرىكىتىدىن ھاسىل بولىدۇ. بەدەن ھەرىكەتلەنگەندە ئاندىن ئىسسىيدۇ. ھاراق ئىچىشتىن پەيدا بولغان ئىسسىقلىق ۋاقتلىقتۇر. ئەكسىچە، قان-تومۇر ئىسپىرتنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغاندا، ۋاقتىدا قىسقىرالماي، قاننىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىشىنى ۋاقتىدا توسالماي، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىسسىقلىق تارىتىشى تېخىمۇ كۆپىيىپ، تېخىمۇ مۇزلاشتەك ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.

قىش پەسلىدە سىزنىڭمۇ مۇنداق ناچار ئادەتلىرىڭىز بارمۇ؟

2. زىيادە قېلىن كېيىنىش

بەزىلەر ھاۋا قانچە سوغۇق بولسا شۇنچە قېلىن كېيىنمىسە ئاسانلا سوغۇق ئۆتۈپ قالىدۇ دەپ ئويلاپ، قاتمۇقات كېيىنىۋالىدۇ.

ئەمەلىيەتتە بۇنداق كېيىنىش كىشىنى تېخىمۇ توڭلىتىۋېتىدۇ.

كىيىمنىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش دەرىجىسى كىيىمنىڭ ئىچىدىكى ھاۋا قاتلىمىنىڭ قېلىنلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. قاتمۇقات كېيىنىش ئەمەلىيەتتە بەلگىلىك دەرىجىدە كىيىمنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھاۋانىڭ ئايلىنىشىنى ئاشۇرۇپ، ئىسسىقلىق ساقلاش رولىنى ئوينىيالمايدۇ. شۇڭا توغرا كېيىنىش ئۇسۇلىنى تاللاش تولىمۇ مۇھىم. يەنى: ئەڭ ئىچىگە تەر سۈمۈرىدىغان، ھاۋا ئۆتكۈزۈشچان؛ ئوتتۇرىغا ئىسسىقلىق ساقلايدىغان مەسىلەن پوپايكا، مامۇق چاپان دېگەندەك پاخپىيىپ تۇرىدىغان، يەڭگىل؛ ئەڭ سىرتقى قەۋەتكە شامالدىن توسىدىغان يەنى خۇرۇم چاپان، يۇقىرى زىچلىق رەختتە تىكىلگەن چاپان كىيىش مۇۋاپىق.

قىش پەسلىدە سىزنىڭمۇ مۇنداق ناچار ئادەتلىرىڭىز بارمۇ؟

3. باشنى يوتقانغا پۈركۈپ ئۇخلاش

قىش پەسلىدە تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولغاچقا، كۆپىنچە كىشىلەر كېچىسى بېشىنى يوتقانغا پۈركۈپ ئۇخلاشنى ياقتۇرىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، بۇ ئاسانلا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ۋە بەدەننىڭ ھارغىنلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئەھۋالىنى پەيدا قىلىدۇ. كىشى نەپەسلەنگەندە چىقىرىدىغان كاربون تۆت ئوكسىدنى يەنە قايتا سۈمۈرۈپ، چوڭ مېڭىگە ئوكسىگېن يېتىشمەي، ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش، ئۇيقۇ سۈپىتى تۆۋەنلەشتەك ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىپ، ئويغانغاندا ئاسانلا ماغدۇرسىزلىنىش ۋە باش قېيىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قىش پەسلىدە سىزنىڭمۇ مۇنداق ناچار ئادەتلىرىڭىز بارمۇ؟

4. كالپۇك يالاش

قىشتا ھاۋا قۇرغاق بولغاچقا، كالپۇك ئاسانلا يېرىلىدۇ، كۆپ قىسىم كىشىلەر ئاڭسىز ھالدا كالپۇكىنى يالاپ نەملەيدۇ.

ئەمەلىيەتتە قانچە كۆپ يالىغانسېرى شۇنچە قۇرغاقلىشىپ يېرىلىدۇ. شۆلگەي ساپ سۇ ئەمەس، تەركىبىدە كراخمال ئېنزىمىدەك ماددىلار بولۇپ، كالپۇكنى يالىغاندا خۇددى بىر قەۋەت بوتقا سۈرگەندەك بولۇپ، سۇ پارلانغاندىن كېيىن تېخىمۇ قۇرغاقلىشىدۇ. شۇڭا ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاپ، كالپۇك سىلىقلاش مېيى سۈرۈش ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدۇر.

قىش پەسلىدە سىزنىڭمۇ مۇنداق ناچار ئادەتلىرىڭىز بارمۇ؟

5. توك ئەدىيالنى ئېچىپ ئۇخلاش

ئەمەلىيەتتە ئۇخلىغاندا توك ئەدىيال ئېچىپ ئۇخلاش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. چۈنكى ئۇ تېرىنى قۇرغاقلاشتۇرىدۇ، سۇنى يوقىتىپ تېرىنى قىچىشتۇىدۇ، تۆۋەن ئىسسىقلىقتىكى تېرە كۆيۈپ زەخمىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، توك ئەدىيال بەدەننى كۆندۈرۈپ قويغاچقا، ئۆزلۈكىدىن ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ. شۇڭا، ئۇخلاشتىن بۇرۇن توك ئەدىيالنى ئېچىپ ئورۇن يېتەرلىك ئىسسىغاندا ئۆچۈرۈپ ئاندىن ئۇخلىسا بولىدۇ.

قىش پەسلىدە سىزنىڭمۇ مۇنداق ناچار ئادەتلىرىڭىز بارمۇ؟

6. ئىشىك-دېرىزىلەرنى ھىم ئېتىۋېلىش

قىش كۈنلىرى ئىشىك-دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش قېتىم سانىڭىز ئازلامدۇ؟ ئۆيىڭىزنىڭ سوۋۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەمسىز؟

بىراق قەرەللىك ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرمىسىڭىز ئاسانلا باكتېرىيە كېسەللىكلىرىنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەم بەدىنى مېتابولىزم جەريانىدا 500دىن ئارتۇق خىمىيەلىك ماددا ھاسىل قىلىدۇ، ھاۋادا نۇرغۇنلىغان باكتېرىيە، چاڭ-توزان، ۋىرۇس قاتارلىقلار بولۇپ، ھىم مۇھىتتا بۇ زىيانلىق ماددىلارنىڭ تارقىلىشى تېزلىشىدۇ. شۇڭا قىشتا ھاۋا ھەرقانچە سوغۇق بولسىمۇ، ئىشىك-دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى