ساغلاملىق

بۇ ئادەتلەرنى ئىككى ئاي داۋاملاشتۇرسىڭىز 10 جىڭ ئورۇقلايسىز

ئورۇقلاشنىڭ ئاسان يولى يوق، پەقەت سىز ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلشىڭىز كېرەك. سېمىزلەر بىر چىشلەمدىن بىر چىشلەمدىن يىگەندە سەمىريدۇ، شۇڭا بەدىنىدىكى ئارتۇقچە گۆشلەرنى ئاز-ئازدىن قىسقارتىشى كېرەك، ھەرگىزمۇ بەزى چەكتىن ئاشقان ئورۇقلاش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق سالامەتلىكىڭىزگە زىيان يەتكۈزۈپ، ئورۇقلاش يولىدىن بارغانسېرى يىراقلاپ كەتمەسلىكىڭىز كېرەك.

بۇ ئادەتلەرنى ئىككى ئاي داۋاملاشتۇرسىڭىز 10 جىڭ ئورۇقلايسىز

ئورۇقلاش مەزگىلىدە تاماقتىن زىيادە ئۆزىنى تۇتۇش، ئورۇقلاش دورىسى يېيىش، زورلاپ تەر ئاققۇزۇپ ئورۇقلاش قاتارلىق ۋاستىلەردىن يىراق تۇرۇش كېرەك. بۇ بىر قانچە ئورۇقلاش سىرىنى ئۆگىنىپ ئىككى ئاي داۋاملاشتۇرسىڭىز، بەدەن ئېغىرلىقىڭىز 10 جىڭ تۆۋەنلەيدۇ.

1. ياخشى بولغان ئەلا سۈپەتلىك ناشتىلىق.

بۇ ئادەتلەرنى ئىككى ئاي داۋاملاشتۇرسىڭىز 10 جىڭ ئورۇقلايسىز

«ئورۇقلاش مەزگىلىدە ناشتا قىلماسلىق كېرەك، بىر ۋاق تاماقنى ئاز يېگەندە ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ» دېگەنلىك ئەمىليەتتە تۈپتىن خاتا كۆز قاراش. بىر ئاخشاملىق ئۇيقۇدا بەدەننىڭ ئىقتىدارى كەمچىل بولىدۇ، مېتابولىزم سەۋىيىسى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ، پەقەت ۋاقتىدا ناشتا قىلغاندىلا ئاندىن بەدەن مېتابولىزمىنى ئېچىپ، بەدەننى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەرىكەتلەندۈرگىلى، قان تومۇرلارنى جانلانشۇرغىلى بولىدۇ.

ئەگەر سىز ناشتىنى قولدىن بېرىپ قويسىڭىز ئەتىگەندىلا قورسىقىڭىز ئېچىپ كېتىدۇ، چۈشلۈك تاماقنىمۇ زىيادە كۆپ يەۋالىسىز، ئاندىن ئاشقازان ئۈچەيلىرىڭىزدە ئاسانلا كېسەل پەيدا بولۇپ قالىدۇ، بۇ ئاسان ئورۇقلاشقا پايدىسىز. قانۇنىيەتلىك ناشتا قىلىدىغانلارنىڭ بەدەندىكى مىتابولىزىملارنىڭ جانلىقلىقى يۇقىرى بولىدۇ، چۈشلۈك تاماق يېيىش مىقدارىمۇ كونترول قىلىنىدۇ، سىزنىڭ ئورۇقلاش سۈرئىتىڭىز ناشتا قىلمايدىغانلارنىڭكىدىن تۆۋەن بولمايدۇ.

ئەلا سۈپەتلىك ئەتىگەنلىك تاماقتا ئاقسىل تولۇقلاش كېرەك، مەسىلەن سۈت، سۇدا پىشۇرۇلغان تۇخۇمغا ئازراق قارا ئاشلىق ئۇمىچى بىلەن كۆكتات ئارىلاشتۇرۇپ يىيىش دېگەندەك.

2. ئۇخلاشتىن ئۈچ سائەت بۇرۇن تاماق يېمەسلىك كېرەك.

بۇ ئادەتلەرنى ئىككى ئاي داۋاملاشتۇرسىڭىز 10 جىڭ ئورۇقلايسىز

ئورۇقلاش مەزگىلىدە، سىز كەچتە ئاز يەپ يەنە بالدۇر يەپ، بەك مايلىق بولۇپ كېتىشتىن ساقلانسڭىز، ئاندىن بەدەن سىستېمىڭىزنىڭ ئايلىنىش يۈكىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.

تەكلىپ: كەچلىك تاماق سائەت 20 دىن بۇرۇن تۈگەيدۇ، كەچ سائەت 23 تە ئۇخلايسىز دېسەك، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا بۇ ئۈچ سائەتلىك بوش ۋاقىتتا سىز باشقا يېمەكلىكلەرنى يېمەڭ، بۇنداق بولغاندا بەدەن ئارام ئالالايدۇ، ئىككىنچى كۈنى ئاندىن تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلىنىدۇ، مېتابولىزم سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، بەدەننىڭ ماي كۆيدۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

3. ھەر كۈنى بىر سائەت بەدەن چېنىقتۇرۇش

بۇ ئادەتلەرنى ئىككى ئاي داۋاملاشتۇرسىڭىز 10 جىڭ ئورۇقلايسىز

يەنە مۇۋاپىق بولغان چېنىقىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىڭىز كېرەك، چېنىققاندا بەدەننى كۈچەيتىپ، بەدەننىڭ قېرىش سۈرئىتىگە قارشى تۇرۇپ، بەدەن قۇۋۋىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. شۇڭا ھەر كۈنى بىر سائەت بەدەن چېنىقتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، كۈچ مەشىقىنى ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت بىلەن بىرلەشتۈرگەندە، بەدەننىڭ ماي كۆيدۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي يەنە مۇسكۇللارنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، بەدەننىڭ چىڭلىق دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ، ئورۇقلىغاندىن كېيىن بەدەن شەكلى تېخىمۇ چىرايلىق كۆرۈنىدۇ.

4. ھەر كۈنى 10 ئىستاكان سۇ ئىچىش

بۇ ئادەتلەرنى ئىككى ئاي داۋاملاشتۇرسىڭىز 10 جىڭ ئورۇقلايسىز

سۇنى كۆپ ئىچىش بەدەندىكى سۇ مىقدارىنى تولۇقلاپ، ئاچلىق سېزىمىنىڭ پەيدا بولۇشىنى چەكلەيدۇ. ئادەتتە ئىچىملىكنى تاشلىۋېتىپ ھەر كۈنى 2L دىن يۇقىرى سۇنى يېتەرلىك ئىچىپ، ئۇزاق ۋاقىت داۋاملاشتۇرغاندا كېرەكسىز ماددىلارنىڭ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى، شۇنداقلا بەدەننىڭ ئايلىنىشىنى تېزلىتىپ ياغنىڭ مېتابولىزم دەۋرىيلېكىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى 10 ئىستاكان سۇ ئىچىدىغانلارنىڭ ئورۇقلاش سۈرئىتى ھەر كۈنى پەقەت 3-4 ئىستاكان سۇ ئىچىدىغانلارغا قارىغاندا تېخىمۇ تېز بولدىكەن.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى