ساغلاملىق

كۆزدە پاشا ئۇچقاندەك بولۇشنى داۋالاش كېرەكمۇ؟

كۆزگە پاشا ئۇچقاندەك كۆرۈنۈش ھادىسىسى كىلىنىكىدا كۆپ ئۇچرايدۇ، ئۇ كۆز ئالدىدا كۆز ئالمىسىغا ئەگىشىپ ئايلىنىدىغان كىچىك قارا كۆلەڭگىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ شەكلى يۇمىلاق، ئېللىپىس شەكىللىك، چېكىت شەكىللىك ۋە سىزىق شەكىللىك بولۇپ، پاشىغا بەك ئوخشايدۇ، شۇڭا ئوبرازلىق قىلىپ «ئۇچار پاشا كېسىلى» دەپ ئاتالغان. ئاق ياكى يورۇق ئارقا كۆرۈنۈشكە دىققەت قىلغاندا، «ئۇچار پاشا»نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تېخىمۇ ئاسان بايقىغىلى بولىدۇ.

كۆزدە پاشا ئۇچقاندەك بولۇشنى داۋالاش كېرەكمۇ؟

نۇرغۇن بىمارلاردا «ئۇچار پاشا» كېسىلى توغرىسىدا گاڭگىراش بولىدۇ:
بۇ زادى بىر خىل كېسەلمۇ؟ قانداق داۋالاش كېرەك؟

كۆزدە پاشا ئۇچقاندەك بولۇشنى داۋالاش كېرەكمۇ؟

«ئۇچار پاشا» كېسىلىنى ھەقىقىي چۈشىنىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن كۆز قارىچۇقىدىكى بىر ئالاھىدە قۇرۇلما − ئەينەك تەنچىنى چۈشىنىش كېرەك. ئەينەك تەنچە ئەينەك ئەمەس، ئۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى سۇ بولۇپ، تەخمىنەن %99نى ئىگىلەيدۇ. ئۇ ئادەمنىڭ كۆزىدىكى ئەينەككە ئوخشاش رەڭسىز، سۈزۈك پىلاستىد بولۇپ، كۆز گۆھىرى بىلەن كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان، ئۇ ئەينەكسىمان تەنچە بوشلۇقىغا تولغان بولۇپ، نۇر ئۆتكۈزۈش، كۆز ئالمىسىنى شەكىلگە كەلتۈرۈش، كۆز ئىچىدىكى توقۇلمىلارنى تۇراقلاشتۇرۇش قاتارلىق روللارغا ئىگە.

كۆزدە پاشا ئۇچقاندەك بولۇشنى داۋالاش كېرەكمۇ؟

فىزىئولوگىيىلىك چېكىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغان «ئۇچار پاشا» كېسىلى، كېسەلگە تەۋە ئەمەس
ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، خۇددى ئادەمدە ئاق چاچ پەيدا بولغانغا ئوخشاش، ئەينەك تەنچىسىدىمۇ «قېرىش» يۈز بېرىدۇ، يەنى ئەينەك تەنچىدە سۇيۇقلىنىش ۋە ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئەينەك تەنچە بوشلۇقىدا دۇغلاشقان نەرسىلەرنى پەيدا قىلىدۇ، بىز بۇنى ئەينەك تەنچە دۇغلىشىش دەپ ئاتايمىز. بۇ دۇغ سىرتقى مۇھىتتىكى نۇرلار تەرىپىدىن كۆرۈش تور پەردىسىگە چۈشۈرۈلسە، كىشىلەر كۆز ئالدىدا لەيلەپ يۈرگەن قارا كۆلەڭگىنى، يەنى بىز دەۋاتقان« ئۇچار پاشا كېسىلى»نى سېزەلەيدۇ.
تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە 40 ~ 21 ياش ئارىلىقىدىكىلەردە %5، 60 ~ 40 ياش ئارىلىقىدىكىلەردە %40كە، 60 ياشتىكېلەردە %80كە يېتىدىكەن. ئېغىر دەرىجىدىكى يىراقنى كۆرەلمەيدىغانلارنىڭ كۆزى نورمال كۆرىدىغانلارغا قارىغاندا، ئەينەك تەنچە تېخىمۇ بالدۇر، تېخىمۇ يۇقىرى نىسبەتتە سۇيۇقلىنىپ، «ئۇچار پاشا» ھادىسىسى تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلىدۇ. شۇڭا كۆپ ساندىكى بۇ خىل «ئ‍ۇچار پاشا» بىر خىل كېسەللىك ئەمەس، بەلكى نورمال فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئالاھىدە داۋالاشنىڭ ھاجىتى يوق.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ«ئۇچار پاشا» ئىزچىل ياكى مەڭگۈ مەۋجۇت ئەمەس، ئەينەك تەنچىلەردىكى دۇغ نەرسىلەر كۆرۈش تور پەردىسىدە ئېنىق تەسۋىر پەيدا بولمىغاندا، ئۇلار پۈتۈنلەي يوقاپ كېتىدۇ ياكى تۇتۇقلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، ئەگەر كۆز ئالدىمىزدا بۇ تۈردىكى «ئ‍ۇچار پاشا» پەيدا بولسا، بەك جىددىيلىشىپ كەتمەي، «تىنچ بىللە ئۆتۈش» پىرىنسىپىنى قوللىنىش كېرەك، بۇ «ئ‍ۇچار پاشا»نىڭ كۆپىنچىسى ئاستا ـ ئاستا ماسلىشىپ كېتەلەيدۇ، خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. ئەگەر كۆز ئالدىدا تۇيۇقسىز نۇرغۇن «ئۇچار پاشا» پەيدا بولسا ياكى قىسقا مۇددەت ئىچىدە «ئۇچار پاشا» كۈندىن – كۈنگە ئېغىرلاشسا، چوقۇم ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

 

 

كۆزدە پاشا ئۇچقاندەك بولۇشنى داۋالاش كېرەكمۇ؟

ئەمما بىز بارلىق «ئۇچار پاشا»لارغا ئ‍ۆتۈپ كېتىدىغاندەك مۇئامىلە قىلامدۇق؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! «ئۇچار پاشا»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۈپ سەۋەب ئەينەك تەنچىدە دۇغ ماددىلارنىڭ پەيدا بولۇشى بولۇپ، دۇغ ماددىلارنىڭ پەيدا بولۇشىدا يەنە نۇرغۇن پاتولوگىيەلىك ئېھتىماللىقلار بار، مەسىلەن: كۆرۈش تور پەردىسى يېرىقى، ئەينەك تەنچە ياللۇغى، ئەينەك تەنچە قاناش قاتارلىقلار.
ئەگەر كۆز ئالدىدا تۇيۇقسىز كۆپ مىقداردا «ئۇچار پاشا» پەيدا بولسا ياكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە «ئۇچار پاشا» بارغانسېرى ئېغىرلاشسا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا روشەن نۇر چاقناش سېزىمى ياكى كۆرۈش دائىرىسى كەمتۈك بولسا، چوقۇم بۇنىڭغا ئېتىبار بېرىپ، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈش كېرەك، ئەگەر كۆرۈش تور پەردىسىدە ھەقىقەتەن يېرىقچىلار پەيدا بولغان بولسا، ئۇنداقتا كۆرۈش تور پەردىسىنى لازېر نۇرىدا قاتۇرۇپ داۋالاش ئارقىلىق يېرىقچىلارنى ئېتىپ، كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ ئاجراپ كېتىش نىسبىتىنى ئازايتىدۇ.

 

كۆزدە پاشا ئۇچقاندەك بولۇشنى داۋالاش كېرەكمۇ؟

 

كۆرۈش تور پەردىسى يېرىقى

 

 

 

كۆزدە پاشا ئۇچقاندەك بولۇشنى داۋالاش كېرەكمۇ؟

ئەينەك تەنچىگە قان چۈشۈش
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ نورمال بولۇشى كېيىن ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمىگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. «ئۇچار پاشا» تۇيۇقسىز كۆپىيىپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، يەنە دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

كۆزدە پاشا ئۇچقاندەك بولۇشنى داۋالاش كېرەكمۇ؟

سەمىمىي ئەسكەرتىش: «ئۇچار پاشا» كېسەللىكى يۈز بەرگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، بولۇپمۇ چاقناش سېزىمى قوشۇلۇپ كەلگەن ئەھۋالدا، جىددىي ھەرىكەت قىلماسلىق تەكلىپى بېرىلىدۇ، چۈنكى جىددىي ھەرىكەت قىلغاندا ئەينەك تەنچە كېيىن ئاجراپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كۆرۈش تور پەردىسى يىرتىلىپ كېتىش، كۆرۈش تور پەردىسى ئاجراپ كېتىش قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولۇپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ. ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى