ساغلاملىق

27 ياشلىق راك كېسىلى بىمارى: ئۆزۈمنى قانداق قىلىپ راك كېسىلىگە گىرىپتار قىلدىم؟ (تەۋسىيە تېما)

تەھرىر ئىلاۋىسى: بۇ 27 ياشلىق بىر ياشنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، توردا يازغان قايتا ئويلىنىشلىرى بولۇپ، ئۆزىنىڭ راك كېسىلىگە قانداق گىرىپتار بولغانلىقىنى بايان قىلغان. بىز بۇ ماقالىنىڭ كۆپچىلىككە ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

مەن ماۋزۇغا كۈچەپ گەپ ساتىدىغانلاردىن ئەمەس، پەقەتلا پاكىت بىلەن گەپ قىلىمەن. بۇ يىل 27 ياشقا كىردىم، جىددىي خاراكتېرلىك T لىمفا ھۈجەيرىلىك ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، ئادەتتە قان راكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

مەن گىرىپتار بولغان بۇ كېسەلنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى يۈز مىڭدە 0.67 نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. كېسەل قوزغىلىپ ئادەتتە ئۈچ ئاي ئىچىدىلا «تەييار بولۇشۇم» مۇمكىن، كىلىنىكىدىكى ئۆمۈر كۆرۈش ۋاقتىممۇ بىر يىل ئەتراپىدا بولىدۇ. مەن توردىن تەكشۈرگەن ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ئارتىس شۈ تىڭ، چېڭدۇدىكى ئەڭ كېلىشكەن قاتناش ساقچىسى چىن سىخەن قاتارلىقلارمۇ مۇشۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، سىلەر مېنىڭ بۇ كېسىلىمنىڭ قانچىلىك خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى چوقۇم چۈشىنىشىڭلار كېرەك!

كېسەلگە گىرىپتار بولغان بۇ مەزگىلىمدە، راك كېسىلى دېگەن بۇ مەرەزنىڭ بارغانسېرى ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماڭا ئوخشاش ياشلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. ياشلىق باھارىڭىز ئۇرغۇپ تۇرغاندا، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ چاچلىرى ئاقارغاندا ۋە شۇنداقلا سىزنىڭ ۋاپادارلىق كۆرسىتىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرغاندا، ئۇلاردىنمۇ بالدۇر كېتىپ قېلىشتەك بۇ خىل ئازابنى مېنىڭچە ناھايىتى ئاز ساندىكى ئادەملەرلا ھەقىقىي ھېس قىلالايدۇ. بىر بىمار بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆزۈمنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلار ئارقىلىق، پەقەتلا كۆپچىلىكنىڭ دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئۆزۈمنى قانداق قىلىپ راك كېسىلىگە گىرىپتار قىلىۋالدىم؟

دىياگنوز قويۇلغاندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە مەن ئىزچىل بىر مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىۋاتىمەن، مەن نېمىشقا بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالىمەن؟ باشقىلاردىن ئاغرىنىشنىڭ ئورنى يوق، پەقەتلا «ئۆزۈم تاپقان بالاغا، نەگە باراي دەۋاغا» دېيەلەيمەن. تۈرلۈك ئالامەتلەر ۋە پولاتتەك پاكىتلار ماڭا شۇنى ھېس قىلدۇردىكى، ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ھورۇنلىقىمدىن بولغان!

ھازىرقى زامان مېدىتسىناسى ھەر بىر ئادەمنىڭ بەدىنىدە راك گېنى بارلىقىنى، كېسەلنىڭ قوزغىلىش-قوزغالماسلىقىنىڭ ئەسلىدىكى راك گېنىنىڭ قوزغىلىش ياكى قوزغالماسلىقىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. مېنىڭچە مېنىڭ ھورۇنلۇقۇم، بەدىنىمدىكى راك گېنىنىڭ قوزغىلىشىنى تەبىئىي شارائىتقا ئىگە قىلىپ، ئاخىرىدا بۇ قانلىق قىلىچنى مېنىڭ بېشىمدا ئويناتتى.

1.بېسىم ئېغىر بولۇش، تەشۋىشلىنىشتىن ئۇيقۇسىزلىققىچە

مەن ئۆزۈمگە بەك قاتتىق تەلەپ قويىدىغان ئادەم، دائىم ئۆزۈمگە بەكلا بېسىم قىلىمەن، ھەمىشە تەشۋىشلىنىمەن، كېچە-كېچىلەپ ئۇخلىيالمايمەن.

2. تاماق يېيىشتە ئاساسەن سىرتنىڭ تامىقىغا تايىنىش

ئۇيقۇمنىڭ ناچار بولۇشى مېنىڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ناشتا قىلماسلىقىمنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن گۇاڭجۇدا خىزمەت قىلدىم، بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ تۇرمۇش بېسىمىمۇ ئېغىر، تاماقنى ئاساسەن سىرتتىن سېتىۋېلىپ يەيتىم.

3. دائىم كەچ ئۇخلاش، ئۇيقۇسىزلىق، تۈنەش

كەچ بولغاندا ئاران تەستە ئازراق ۋاقىت چىقارغانلىقىم ئۈچۈن، بۇ قىسقىغىنە خۇشال مىنۇتلارنى ئاسانلىقچە ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالىمىغاچقا تەبىئىيلا كەچ ئۇخلايتىم، دائىم تۈنەيتىم. تاماقنى ۋاقتى قارايىدا ياخشى يېيىشكە، چېنىقىشقا، ياخشى ئارام ئېلىشقا ۋاقىت يوق، پەقەت يانفونۇمغا قاراپ يەنە ئازراق ئولتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن بۇلارنڭ ھەممىسىدىن ۋاز كېچەتتىم.

مېنىڭچە بۇلارنى سىزمۇ ياخشى چۈشىنىسىز. چۈنكى ھازىرقى جەمئىيەتتىكى راكنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغان ياشلارنىڭ ئىچىدە ياشلاردىن قانچىسى ھورۇنلۇق سەۋەبلىك كېچىلەپ تۈنىمىگەن؟ ئويۇن ئوينىمىغان؟ قالايمىقان يەپ-ئىچمىگەن؟ ئاقىۋەتتە ئۇلار بۇنىڭ جازاسى ئۈچۈن ئولتۇرسا ئۆرە تۇرالمايدىغان، ياتسا ئولتۇرالمايدىغان، لىفىتقا تايىنىپ، پەلەمپەيدىن چىقىشقا كۆزى يەتمەيدىغان بىر تۈرلۈك لامزەللىلەرگە ئايلىنىپ، راكقا گىرىپتار بولۇش باسقۇچىغا بارغانسېرى يېقىنلاپ ماڭدى.

راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، بۇ كېسەل ماڭا ئۈچ ئىشنى ئۆگەتتى!

بىرىنچى ئىش: چوقۇم قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك ئىكەن! چۈنكى ئاغرىپ قالسىڭىزلا يانچۇقىڭىزنىڭ قانداق قىلىپ نەچچە سائەت ئىچىدە قۇرۇقدىلىپ قالغانلىقىنى پەقەت تۆلىگۈدەك پۇلىڭىز قالمىغان ئاشۇ دەقىقىدە ئاندىن ھېس قىلىپ قالىسىز.

مەن ھەر قېتىم دوختۇرخانىدا ياتقاندا، دوختۇرخانىغا كىرىپ تەكشۈرتۈش ئېلىپ بارىمەن. (تۆۋەندىكى خىراجەتلەر ئاساسەن تەخمىنەن ئېلىندى، چۈنكى ھەر بىر دوختۇرخانىنىڭ كونكىرىت ھېساباتلىرى ئوخشىمايدۇ).

چوڭ-كىچىك تەرەت تەكشۈرۈش، ھەرقايسىسى 20 نەچچە يۈەن؛ يەتتە-سەككىز نەيچە قاننى خىمىيەلىك تەكشۈرۈش، ھەر بىرى 20 نەچچە يۈەن؛ بەش تۈر يۈز نەچچە يۈەن؛ Bتىپلىق ئۇلتىرا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش سىستېمىسىغىلا 200 يۈەندىن كۆپرەك كېتىدۇ، پۇلى ئاساسلىقى تەكشۈرۈش مەزمۇنىغا قاراپ بېكىتىلىدۇ؛ يۈرەك تەكشۈرۈشكە 70 نەچچە يۈەن؛ CT دا بىر يېتىپ قوپساملا 500نەچچە يۈەن؛ ئاق قان كېسىلىدە دائىم قان ئېلىپ تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ئەگەردە قان رايى تۆۋەن بولسا، تېخىمۇ كۆپ تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا دورىسىغىلا 20 نەچچە يۈەن كېتىدۇ.

ئەگەر ئاق قان ھۈجەيرىسى سانى ئاز بولسا، يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاق قان ھۈجەيرىسىنى ئۆرلىتىدىغان ئوخشاش بولمىغان يىڭنە ئىشلىتىدۇ. ئېسىمدە قېلىشىچە ھەر بىر قېتىملىقى 150 يۈەن، مۇشۇنداقتىن بىر كۈندە ئىككى ئۈچنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە دەرھال ئۆرلىمەيدىغان بولغاچقا، ئۇدا نەچچە كۈن، تاكى نورمال ھالەتكە كەلتۈرگىچە داۋام ئېتىدۇ.

ئەگەر قان پىلاستىنكىسى سانى ئاز بولسا، يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئوكۇل ئۇرىدۇ، (بۇنىڭ باھاسىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن)، بەك تۆۋەن بولسا يەنە تېخى قان سالىدۇ، ئادەتتە بىر خالتىسى 1500 يۈەندىن ئاشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭغا بىر نەچچە كۈن كېتىدۇ، چۈنكى پۇل بولغان بىلەن ماس كېلىدىغان قان مەنبەسى تېپىلىشىمۇ ناتايىن. نۇرغۇن كىشىلەر قان تېپىلماي تۇرۇپلا بۇ دۇنيادىن خوشلىشىدۇ.

ئەگەر قىزىل قان ھۈجەيرىسى ئاز بولسا، قان سېلىپ تولۇقلاش ئۈچۈن 600 يۈەندىن ئارتۇق پۇل كېتىدۇ. ئەگەر قىزىپ قالسا، يۇقۇملىنىش يۈز بەرسە، پۇلنى تېخىمۇ كۆپ خەجلەپ، ھەر خىل تەكشۈرۈشلەرنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئانتىبىئوتىك دورىلارنى ئىشلىتىش كېرەك، (دۆلىتىمىزدە ئىشلىتىۋاتقىنى ئىمپورت قىلىنغىنى)، ئىشقىلىپ ھەر خىل دورىلارنى ئىشلىتىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەچچە كۈن ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. قىزىتمىنى قايتۇرمىغاندا كېيىنكى داۋالاشقا تەسىر يېتىدۇ. ئەگەر يەنە باشقا مەسىلە بولسا، باشقا خىراجەتنىمۇ ئايرىم ھېسابلايدۇ…. ئىشقىلىپ ھەممىسى پۇل. مەن سىزگە پەقەت ئادەتتىكى كۆرگەنلىرىمنى دەپ بەردىم، قانچە پۇل بولغانلىقىنى ھېسابلاپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئويلاپ بېقىڭ، سىز ھازىر ساغلام بەدەنگە ئىگە بولۇپ، قانچىلىك پۇلنى تېجەپ قاپسىز؟

شۇڭا بۇ يەردە سىلەرگە شۇنى ئەسكەرتىپ قويايكى، ئەگەر مۇمكىن بولسا، سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىڭلار. ئەگەر جەمەت كېسەللىك تارىخىڭىز بولسا، روھىڭىزنى چۈشكۈنلەشتۈرمەي قورقماي بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىڭ.

ئىككىنچى ئىش: ئاغرىپ قالمىسىڭىز بۇ تەكشۈرۈشلەرنىڭ قانچىلىك قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيسىز!

ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پەقەت پۇل مەسىلىسىلا ئەمەس، نۇرغۇن تەكشۈرۈشلەر ئادەمنى بەكلا قىينايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، سىز بۇ تەكشۈرۈشلەرنىڭ قانچىلىك قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىز.

قان ئېلىش. بىر قېتىملىق قان ئېلىش ھېچقانچە ئىش بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن نۇرغۇن قېتىملىق قان ئېلىشچۇ؟ ئەگەر بىلىكىمدىكى ئاشۇ نۇرغۇنلىغان يىڭنە ئىزىنى كۆرسىڭىز، مېنى بەلكىم زەھەر چېكىدىغان ئەبلەخ ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن.

ناركوز قىلىش. ناركوز دورىسى ھەقىقەتەن ياخشى نەرسە، ئەگەردە ئۇ بولمىسا سىز تېخىمۇ كۆپ ئاغرىقنى ھېس قىلىسىز. لېكىن ناركوز ئوكۇلى ئۇرسىمۇ بەك ئاغرىيدىغان بولۇپ، تېخى كۆپ ئۇرسا مېڭىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. (دوختۇرغۇ تەسىر قىلمايدۇ دەيدۇ، ئىشقىلىپ مېنىڭ كاللام بارغانسېرى ئىشلىمەيۋاتىدۇ).

سۆڭەكنى تېشىش. مېنىڭچە بۇنى «ئون چوڭ دەھشەتلىك جازا»نىڭ بىرى دەپ ئاتىساق ئارتۇق كەتمەيدۇ. گەرچە ناركوز ئوكۇلى ئۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈن جەرياننى سىز ھېس قىلالايسىز. ئۇ خىل تۇيغۇ خۇددى بىرى سىزنىڭ قولىڭىزغا بۇرما مىخنى كىرگۈزۈۋاتقاندەكلا تۇيۇلىدۇ. ئويلاپ بېقىڭ، بۇرما مىخ گۆشىڭىزنى يۆگەشتۈرۈپ ئاخىرىدا سۆڭىكىڭىزدىن تېشىپ ئۆتۈپ كېتىپ قالسا…..بۇ ھەرگىزمۇ ھېس قىلىپ باقىدىغان ھېسسىيات ئەمەس.

ئەگەردە تېخى ياخشى تېشەلمەيدىغان دوختۇرغا ئۇچراپ قالسىڭىز، بولدى ئۆزىڭىزنى خالىغانچە تېشىپ ئوينىسا بولىدىغان بىر تاختاي قاتارىدا كۆرسىڭىز بولىدۇ. يەنە كېلىپ بەزى دوختۇرلار ئاۋۋال مەشغۇلات جەريانىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ مەن ئەڭ بىزار بولىدىغان ئىش بولۇپ، مېنىڭ پەقەت ھېچ نەرسىنى بىلگۈم يوق.

بەلنى تېشىش. بۇ ئالدىنقىسغا قارىغاندا نىسبەتەن ياخشىراق. تۈگۈلۈپ تۇرسىڭىز، دوختۇر مېڭە يۇلۇن سۇيۇقلۇقىڭىزنى تارتىدۇ ۋە تېمىم سانىنى ساناپ تۇرۇپ، قانچىلىك تارتسا شۇنچىلىك دورىنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرىدۇ. ئاندىن سىز ئالتە سائەت تۈز يېتىشىڭىز كېرەك… يەپ-ئىچىش ۋە چىقىرىشنىڭ ھەممىسى كارىۋاتتىلا بولىدۇ…

خىمىيەلىك داۋالاش. خىمىيەلىك داۋالاش ئادەتتە خىمىيەلىك سۇيۇقلۇقنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەتتە خىمىيەلىك داۋالايدىغان دورىلارنىڭ مىقدارى ناھايىتى ئاز، لېكىن بەكلا زەھەرلىك بولۇپ، بۇنىڭغا تايىنىپ راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ.

بىز دائىم ئۆز ئارا قىزىقچىلىق قىلىپ: «بۈگۈن يەنە فېندا (گازلىق ئىچىملىك) ئىچتىڭىزمۇ؟ دەپ قويىمىز. چۈنكى مېركۇروخروم دەپ ئاتىلىدىغان بىر دورا بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن داۋالىغاندا كىچىك تەرىتىڭىز قىزىل رەڭدە كېلىدۇ.

يەنە خىمىيەلىك داۋالاش دورىلىرىنىڭ تەسىرىدە، قۇسۇشنى توختىتىش ئۈچۈن مەخسۇس دورا ئىشلىتىپ ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى چەكلەيدۇ. بۇ سەۋەبلىك قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، بەزى كىشىلەر توختىماي ياندۇرىدۇ.

نەق مۇشۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقان ۋاقتىمدا ياندىكى كارىۋاتتا ياتقان بىر تاغامنىڭ ياندۇرغان ئاۋازى قۇلۇقۇمغا ئاڭلاندى. ئۇنىڭغا نەچچە كۈن دورا ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن، تولا ياندۇرۇپ، ئىچ-باغرىنىمۇ قوشۇپ چىقىرىۋېتەي دەپ قالغان ئىدى.

خىمىيەلىك داۋالاش بولغان ئىكەن، چاچ چۈشۈشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئەلۋەتتە چاچ بولمىسا چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىغا كېتىدىغان خېلى پۇلنى ھەم كۈچنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. بۇ ھەم مېنىڭ يېڭى ئوبرازىمنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتقان بولۇپ، مەن تاقىرباش بولۇپ قالساممۇ ئەمەلىيەتتە خېلىلا كېلىشكەن ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم.

ئۇنىڭ ئۈستىگە دوختۇرخانىدا تاماقنى ياخشى يېگىلى، ياخشى ئۇخلىغىلى بولمايدۇ، بەزى بىمارلار بىر كېچە ئاغرىقتىن ئىڭراپ چىقىدۇ. شۇڭا، نېمىلا بولسا بولسۇن، ھەرگىز ئاغرىپ قالماڭ، راستلا ئاغرىپ قالسىڭىز قەتئىي بولمايدۇ. چۈنكى ھەم پۇل خەجلەيسىز، ھەم ئازابلىنىسىز…..

سىز ھاياتنى مەنىسىز، تۇرمۇشتىن ئۈمىد يوقتەك ھېس قىلسىڭىز، ئۇنداقتا دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۆسمە ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ ICU (ئېغىر كېسەللەرنى پەرۋىش قىلىش كېسەلخانىسى)سىغا بىر قاراپ بېقىڭ! ھايات ناھايىتى ئاجىز، ھەم ناھايىتى قەيسەر. ئەگەر ماڭا يەنە تاللاش پۇرسىتى بېرىلسە، مەن پەقەت ساغلام بولساملا بولدى، باشقىسىنىڭ لازىمى يوق ئىدى.

مېنىڭ ئەمدى بەك كۆپ گەپ قىلغۇم يوق، پەقەت سىزگە ئەڭ ھورۇن ئادەمنىڭ نەسىھىتىنى بېرەي: «تۈنىمەڭ، ۋاقتىدا تاماق يەڭ، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىڭ!»

1. تۈنىمەسلىك كېرەك

تۈنەشنىڭ زىيىنى ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدۇ، لېكىن يەنە قانچىلىك ئادەم ئىزچىل تۈنەيدۇ؟

تۈنەش ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولىدۇ، مۇھىم گەپنى ئۈچ قېتىم تەكرارلاپ قوياي، تۈنىمەڭ، تۈنىمەڭ، ھەرگىز تۈنىمەڭ!

ئەگەردە مۇمكىن بولسا مەن ياقىڭىزغا چىڭ ئېسىلغىنىمچە مۇشۇ گەپنى بار كۈچۈم بىلەن ئېيتىپ قويغۇم بار، ھەرگىز تۈنىمەڭ!

چۈنكى مېنىڭ ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى تۈنەيدىغانلار ئىدى….

2. تاماقنى ۋاقتىدا يەڭ!

تاماق يېيىش ھەقىقەتەن مۇھىم ئىش! ئەگەر مۇمكىن بولسا، سىز ئۇنى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىش قاتارىدا كۆرۈڭ!

قانچىلىك مۇھىملىقىنى بىلمىسىڭىز، سىزگە بىر مىسال ئېلىپ بېرەي: بىزنىڭ بۇيەردە بىمار بىر نەرسە يېيەلمىسىلا، ئۇنىڭ ھېچقانچە كۈنى قالمىغانلىقى ئاساسىي جەھەتتىن مەلۇم بولىدۇ. شۇڭا، ئۈچ ۋاق تاماقنى ياخشى يەڭ، ئوزۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئاشقازىنىڭىزغا ياخشى قاراڭ!

3. مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىڭ!

ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 30 مىنۇت ھەرىكەت قىلىشقا ۋاقىت چىقماي قالمايدۇ. ئۇزاق ئولتۇرماڭ!!! ئىلگىرى سافادا يېتىپ راھەتلىنىشكە بەكلا ئامراق ئىدىم، لېكىن ئەمدى بىلدىمكى، بۇنداق يېتىش ئەمەلىيەتتە پەقەت ئۆلۈككىلا يارىشىدىكەن.

«ھاياتلىق ھەرىكەتتە» دېگەن بۇ گەپ ئادەم ئالدايدىغان گەپ ئەمەس، سىز ئىزچىل ئولتۇرۇپ، بەدىنىڭىز قېتىپ قالغاندەك ھېس قىلمىدىڭىزمۇ؟ شۇڭا ئۆلگۈڭىز بولمىسىلا خاپا بولماي بىرەر سائەت قوپۇپ ھەرىكەت قىلىپ بەرگەن بولسىڭىز، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي….

مەن سىزنىڭ مىكرو بىلوگ بىلەن دوستلار چەمبىرىكىنى كۆرۈشكە ۋاقتىڭىز بارلىقىنى بىلىمەن، لېكىن ماڭا ئوخشاش ئۆلۈش ئالدىدا تۇرغان بىرىنىڭ گېپىنى بىر ئاڭلاپ قويۇڭ، مەن ئۈچۈن ئەمەس، ئۆزىڭىز ئۈچۈن بولسىمۇ ھەر كۈنى 30 مىنۇت مېڭىپ بېرىڭ! بۇ 30 مىنۇتنى ھەر كۈنلۈك ھەرىكەت ۋاقتىم دەپ بىلىڭ. چۈنكى ئادەم راستتىنلا ھەر كۈنى بىردەم ھەرىكەت قىلىشقا ئىنتايىن ئېھتىياجلىق!

ئاخىرىدا، مەن يەنە نۇرغۇن گەپلەرنى دېيىشكە ئۈلگۈرەلمىدىم، شۇڭا ئامال بار ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ھالقىلىق مەزمۇنلارنى يېزىپ قويدۇم. ھەر بىر جۈملىنى ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، دۇنيادا ماڭا ئوخشاش كېسەل بولۇپ قالغان ئادەمدىن بىرى كەم بولسا، ساغلام ئادەمدىن بىرى كۆپ بولىدۇ، مانا بۇنىڭ ئۆزى ئەڭ زور بەخت!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى