ساغلاملىق

بالىلار تۇيۇقسىز كېكەچلەپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟

ئىككى ياشلىق دىڭ داڭ يېقىندىن بۇيان گەپ قىلغاندا دائىم كېكەچلەيدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويدى، ئاتا-ئانىسى بالىنىڭ كېيىن ئۆزگەرتەلمەسلىكىدىن ئەنسىرىدى.

دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەندىن كېيىن، دوختۇر بالىنىڭ ئىلگىرى بۇنداق ئەمەسلېكىنى، يېقىندا تۇيۇقسىز كېكەچلەشكە باشلىغانلىقىنى بىلىپ، تەكشۈرۈشتىن كېيىن دىڭ داڭنىڭ ئاتا-ئانىسىغا جىددىيلىشىپ كەتمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بالىلار تۇيۇقسىز كېكەچلەپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟

بالىلار ئىككى ياشقا كىرگەندە، چوڭ مېڭىسىنىڭ تەپەككۇر قىلىش سۈرئىتى تېزلىشىدۇ، ئەمما تىل قابىلىيىتى تېخى يېتىشىپ بولالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن سۆزلەش سۈرئىتى تەپەككۇر سۈرئىتىگە يېتىشەلمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

بالىلاردا كېكەچلىك كۆرۈلگەن ھامان، ئاتا ـ ئانىلار تۈزەتمەسلىكى ياكى گېپىنى بۆلۈۋەتمەسلىكى كېرەك.

جازالاش ياكى تەنقىدلەش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ بۇ مەسىلىنى تۈزىتىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق بولغاندا بالىغا تەسىرى ياخشى بولماي، كېيىن تېخىمۇ كېكەچ بولۇپ كېتىدۇ، ھەتتا ھەقىقىي كېكەچلىككە ئايلىنىپ قالىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئاتا ـ ئانىلارمۇ بالىلار ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇنلارنى تالىشىپ دېمەسلىكى ياكى بالىلارغا ئەگىشىپ كېكەچلەپ مەسخىرە قىلماسلىقى كېرەك، بۇنداق بولغاندا بالىلارنىڭ ئىپادىلىشىگە پايدىسىز، ئۇلارمۇ گەپ تالىشىشقا باشلايدۇ، يەنە بەزى سەزگۈر، ئاجىز بالىلار مۇشۇ سەۋەبتىن ئۆزىنى كەمسىتىدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

ئاتا ـ ئانىلارنىڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىشىنى، سەۋرچانلىق بىلەن ھەمراھ بولۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز، ئادەتتە يېرىم يىل ئەتراپىدا ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ياخشىلىنىدۇ.

ئەگەر يەنە ياخشىلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىسە، بالىنى ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك.

 

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى