تەبىئەت

ئەنگلىيەلىكلەر نېمىشقا ئوماق تىيىنلارغا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يېگۈزىدۇ؟

كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سىرتتىن كەلگەن تۈرلەرنىڭ شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيىلىك سىستېمىسىغا غايەت زور زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. «قانداق قىلغاندا تۈرلەرنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟» دېگەن بۇ تېما ھازىر كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى مۇھىم تەتقىقات تېمىسى ھېسابلىنىدۇ.

ئەلۋەتتە، بۇنداق ئەھۋال تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان ئەنگىلىيەدىمۇ مەۋجۇت بولۇپ، ھازىر ئەنگلىيىلىك ئالىملار قانداق قىلغاندا، بۇ دۆلەتتىكى كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان ئوماق «تاجاۋۇز قىلىپ كىرگۈچى» كۈلرەڭ تىيىننى «قان تۆكمەي بىر تەرەپ قىلىش» مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ.

ئەنگلىيەلىكلەر نېمىشقا ئوماق تىيىنلارغا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يېگۈزىدۇ؟

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، كۈلرەڭ تىيىن ئوماق شۇنداقلا ھېچكىمگە زىيان يەتكۈزمەيدىغان بىر خىل ھايۋان ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا كۆپىنچە كىشىلەر: «كۈلرەڭ تىيىن سىرتتىن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن تۈر بولسا نېمە بوپتۇ؟ ئۇ باشقا جانلىقلارغا زىيانكەشلىك قىلمايدىغان تۇرسا، كۆپ بولسا قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى يەپ قويىدۇ خالاس» دەپ قارايدۇ. لېكىن، ئەمەلىيەتتە بۇ ئوماق كۈلرەڭ تىيىنلارنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىغا بولغان زىيىنىنى ئىنتايىن ئېغىر دېيىشكە بولىدۇ.

بۇ ئىشنى چۈشىنىش ئۈچۈن، گەپنى يەنىلا كۈلرەڭ تىيىننىڭ ئەنگلىيەدە پەيدا بولغان ۋاقتىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. 19-ئەسىرگە كەلگەندە بىر توپ ئەنگىلىيىلىكلەر ئامېرىكىدىن ئوماق كۈلرەڭ تىيىنلارنى ئېلىپ دۆلىتىگە قايتقان. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بىر نەچچىسىنى ئۆزلىرىنىڭ قورۇقىدا ئەرمەك ھايۋان قىلىپ باققان ۋە قالغان بىر نەچچىسىنى ھايۋانلار باغچىسىغا كۆرگەزمە قىلىشقا بەرگەن.

تىيىنچاقلار قارىماققا ناھايىتى ئوماق، شۇنداقلا باشقا زىيىنى يوق بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان ھوشيارلىق دەرىجىسىمۇ ئانچە يۇقىرى ئەمەس بولغان، نەتىجىدە بۇ تىينلار بىر قانچىسى قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ، كىشىلەر ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىگەن. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن دەل مۇشۇ كىچىككىنە تىيىنلار ئەنگلىيەنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىغا غايەت زور زىيان ئېلىپ كەلگەن.

ئەنگلىيەلىكلەر نېمىشقا ئوماق تىيىنلارغا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يېگۈزىدۇ؟

بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاۋۋال زىيانكەشلىككە ئۇچرىغىنى بولسا، دەل ئەنگلىيەدىكى يەرلىك تىيىنلار بولغان. بۇرۇندىنلا بۇ زېمىنىدا ياشاپ كەلگەن قىزىل تىيىنلارنىڭ كۈنلىرى، كۈلرەڭ تىيىندىن ئىبارەت بۇ «شىرەم تۇغقىنى»نىڭ يوقلاپ كېلىشى بىلەن تەڭلا ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. نېمىشقا بۇنداق دەيمىز؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋۋال ئۇلارنىڭ بەدەن سېلىشتۇرمىسىنى كۆرۈپ باقايلى:

ئەنگلىيەلىكلەر نېمىشقا ئوماق تىيىنلارغا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يېگۈزىدۇ؟

بۇ ئىنسانلار بىلەن بىر نەچچە خىل تىيىننىڭ بەدەن سېلىشتۇرمىسى بولۇپ، رەسىمدىكى كۈلرەڭ تىيىن (Gray Squirrel) ۋە قىزىل تىيىن (Red Squirrel)نىڭ سېلىشتۇرمىسى. بۇ رەسىم ئارقىلىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئوخشاش بىر خىل بايلىق مەنبەسى (قاتتىق پوستلۇق مېۋە)نى تالىشىدىغان ئىككى خىل تىيىن بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۈلرەڭ تىيىن قىزىل تىيىنغا ئۇچراپ قالسا، پۈتۈنلەي تۈگەشكىنى شۇ، بۇ ئىككەيلەننىڭ جۇغىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئەسلىدىنلا «بىر ئېغىرلىق دەرىجىسى» دە ئەمەس. چۈشىنىشلىك قىلىپ ئېيتقاندا، كۈلرەڭ تىيىن بىلەن قىزىل تىيىنىڭ كۈچىنى سېلىشتۇرۇش، خۇددى «سۇ بويىدا» فىلىمىدىكى قوپال ۋە بەستلىك كەلگەن گۈلدار شەيىخ لۇ جىشېن بىلەن «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» فىلىمىدىكى نازۇك لىن دەييۈنى سېلىشتۇرغانغا ئوخشاشلا بىر ئىش، شۇڭا كۈچ سېلىشتۇرمىسى جەھەتتە كۈلرەڭ تىيىن مۇتلەق ئەۋزەللىكىگە ئىگە.

ئەنگلىيەلىكلەر نېمىشقا ئوماق تىيىنلارغا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يېگۈزىدۇ؟

تېخىمۇ چاتاق يېرى شۇكى، كۈلرەڭ تىيىن قىزىل تىيىنغا قارىغاندا كۈچلۈك بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭ يەنە بىر خىل «بىيوخىمىيەلىك قورالى» بار. يەنى كۈلرەڭ تىيىننىڭ تېنىدە «تىيىن چېچىكى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ۋىرۇس بار بولۇپ، قىزىل تىيىن بۇ خىل ۋىرۇس بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن 15 كۈن ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ. كۈلرەڭ تىيىن بولسا ۋىرۇس ئېلىپ يۈرگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بەدىنىدە بۇ ۋىرۇسقا قارىتا تۇغما ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى بار بولىدۇ.

ئەنگلىيەلىكلەر نېمىشقا ئوماق تىيىنلارغا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يېگۈزىدۇ؟

«تىيىن چېچىكى» تەگكەن قىزىل تىيىن

مۇشۇ ئىككى سەۋەب تۈپەيلىدىن، كۈلرەڭ تىيىن دالىغا قېچىپ چىققاندىن كېيىن، ئاستا-ئاستا قىزىل تىيىننىڭ ياشاش ماكانىنى ئىگىلەشكە باشلىغان. يۈز نەچچە يىللىق كۆپىيىشتىن كېيىن، ھازىر ئەنگلىيەدىكى كۈلرەڭ تىيىنلارنىڭ سانى 3 مىليونغا يەتكەن، ئەمما قىزىل تىيىننىڭ سانى 150 مىڭغىمۇ يەتمەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. كۈلرەڭ تىيىن قىزىل تىيىننىڭ ئازلاپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغاندىن باشقا، يەنە ئەنگلىيەنىڭ تەبىئىي مۇھىتىغىمۇ ناھايىتى زور زىيان يەتكۈزگەن.

ئەنگلىيەلىكلەر نېمىشقا ئوماق تىيىنلارغا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يېگۈزىدۇ؟

ھەر يىلى يازدىكى جورا ئىزدەش مەزگىلىدە، ئەركەك كۈلرەڭ تىيىنلار دەرەخ قوۋزىقىنى غاجىلاپ، ئاۋاز چىقىرىش ئارقىلىق چىشى تىيىننى جەلىپ قىلىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن كۆپلىگەن دەل-دەرەخلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئەنگلىيەدىكى ئورمانچىلار يۇقىرى سۈپەتلىك دەرەخلەرنى ئۆستۈرۈشكە ئەسلا جۈرئەت قىلالمايدۇ، شۇڭا ئەنگلىيەنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ياغاچ ماتېرىياللىرى پەقەت ئىمپورتقىلا تايىنىدۇ. بۇ بۇ خىل ئەھۋال سۈپەتلىك ياغاچ ماتېرىياللارنىڭ باھاسىنى يۇقىرىلىتىۋېتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە يېڭى تۈرلەر (ياغاچ ماتېرىيالىدىكى قۇرت تۇخۇمى)نىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ئەنگلىيەلىكلەر نېمىشقا ئوماق تىيىنلارغا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يېگۈزىدۇ؟

يالىڭاچلانغان دەرەخ

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، كۈلرەڭ تىيىن بىر خىل ئوزۇق تاللىمايدىغان ھايۋان بولۇش سۈپىتى بىلەن، بەزىدە قۇش تۇخۇمى ياكى قۇش بالىلىرىنىمۇ يەپ قويىدۇ. ئستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، كۈلرەڭ تىيىن باشچىلىقىدىكى سىرتتىن كەلگەن ھەر خىل تۈرلەر، ھەر يىلى ئەنگلىيە ئىقتىسادىنى 1 مىليارد 800 مىليون فوندستېرلىڭ زىيانغا ئۇچرىتىدىكەن. كۆپچىلىك كۈلرەڭ تىيىننىڭ زىيىنىنى ئەمدى چۈشىنىپ يەتكەنسىلەر؟ (بىراق كۈلرەڭ تىيىن ئاساسەن دېگۈدەك ئادەمگە ھۇجۇم قىلمايدۇ، شۇنداقلا غالجىرلىق كېسىلىنى يۇقتۇرۇش نىسبىتى يوق دېيەرلىك)

ئەنگلىيەلىكلەر نېمىشقا ئوماق تىيىنلارغا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يېگۈزىدۇ؟

بىر ئامال قىلىپ كۈلرەڭ تىيىننى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىمۇ نۇرغۇن ئاماللارنى ئويلاپ كۆرگەن. مەسىلەن، 1937- يىلى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە: «ئەگەر كىم كۈلرەڭ تىيىننىڭ ئۆز ھويلىسىدا بىر نەرسە يەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، تېلېفون ئۇرۇپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئۇقتۇرۇش قىلمىسا، ئۇ چاغدا بۇ ئادەمگە بەش فوندستېرلىڭدىن 295 فوندستېرلىڭغىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ» دەپ بەلگىلىمە چىقارغان.

ئەلۋەتتە، مۇھىت مىنىستىرلىقى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەزەلدىن پاش قىلىش تېلېفونى قوبۇل قىلىپ باقمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سانى 3 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن كۈلرەڭ تىيىنلار مەسىلىسى، بىر پاش قىلىش تېلېفونى ئارقىلىقلا ھەل بولىدىغان مەسىلە ئەمەس. شۇڭا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئەڭ ئاخىرىدا بۇ بەلگىلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.

ئەنگلىيەلىكلەر نېمىشقا ئوماق تىيىنلارغا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يېگۈزىدۇ؟

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئەنگلىيەدە بىر «قىزىل تىيىن ئىتتىپاقى» قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار بىر تۈركۈم ئوۋچىلار (پېنسىيەگە چىققان ساقچىلار، ئوۋچىلىق ھەۋەسكارلىرى، مۇھىت قوغدىغۇچىلىرى) نى ياللاش ئارقىلىق مەخسۇس كۈلرەڭ تىيىنلارنى ئوۋلىغان.ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، قىزىل تىيىن ئىتتىپاقىدىكىلەر تەخمىنەن 30 مىڭدىن ئارتۇق كۈلرەڭ تىيىننى ئۆلتۈرگەن، شۇنداقلا بىر قىسىم قىزىل تىيىنلارنىڭ كۆپىيىشىگە ياردەم بەرگەن.

ئەنگلىيەلىكلەر نېمىشقا ئوماق تىيىنلارغا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يېگۈزىدۇ؟

ئەمما بۇ خىل ئۇسۇل ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بىكار قىلىنغان بولۇپ، ئۇنى بىكار قىلىشنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي، چۈنكى كۈلرەڭ تىيىن بەك ئوماق… بۇ سەۋەب ئاڭلىماققا بىرئاز يۈزەكى بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئاساسى بار. بۇ كۈلرەڭ تىيىنلار ھەر كۈنى ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ گۈللۈكىدە ئوماق قىلىقلارنى قىلىپ ئۇلارنى خۇشال قىلىدۇ.

ئەنگلىيەلىكلەر نېمىشقا ئوماق تىيىنلارغا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يېگۈزىدۇ؟

ئۇنىڭ ئۈستىگە سېرىك ئارتىسلىرىدەك چاققان چەبدەس ھەرىكەتلەرنى ئىشلىيەلەيدۇ.

ئەنگلىيەلىكلەر نېمىشقا ئوماق تىيىنلارغا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يېگۈزىدۇ؟

بۇنداق ئوماق «قوشنىسى» تەبىئىيلا كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىدۇ. كۈلرەڭ تىيننى يوقىتىش ھەرىكىتى باشلانغاندىن كېيىن، كۈلرەڭ تىيىننىڭ كەلمىگەنلېكىنى كۆرگەن بالا ئاپىسىدىن سورايدۇ:

ـــ ئاپا تىيىنغا نېمە بوپتۇ؟

ـــ ئۇ ئۆلدى…

ـــ تىيىن نېمە خاتالىق ئۆتكۈزگەن؟

ـــ ئۇ ئەنگلىيەدە تۇغۇلماسلىقى كېرەك ئىدى…

بۇ خىل ئەھۋال ئەمدىلا چوڭ بولۇۋاتقان بالىلارغا ئىنتايىن ناچار تەسىر بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر تەرەپتىن، ھايۋانلارغا ياردەم بېرىش تەشكىلاتىدىكىلەرمۇ، بەزىبىر پىسخىكىسى بىنورمال كىشىلەرنىڭ قىزىل تىيىن ئىتتىپاقىنىڭ نامىدىن پايدىلىنىپ، كىچىك تىيىنلارنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن ئەنسىرىگەن. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئاھالىلەر ۋە ھايۋانلارنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ مۇراجىئەت قىلىشى بىلەن، ئاخىرقى ھېسابتا تىيىن ئوۋلاش ھەرىكىتىمۇ بىكار قىلىنغان.

ئەنگلىيەلىكلەر نېمىشقا ئوماق تىيىنلارغا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يېگۈزىدۇ؟

ئۇنداقتا كۈلرەڭ تىيىننىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان يەنە قانداق ئامال بار؟ مانا ئەمدى ماقالىنىڭ ئەڭ دەسلەپىدە تىلغا ئېلىنغان «قان تۆكمەي بىر تەرەپ قىلىش» ئۇسۇلىغا قايتىپ كەلدۇق، يەنى ئۇ بولسىمۇ تىيىنغا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يېگۈزۈش …

بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا ھازىرقى كۈلرەڭ تىيىنلارنىڭ ياشاش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا ئەنگلىيە خەلقىنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلغا بۇلغان قوبۇل قىلىش دەرىجىسىمۇ خېلى يۇقىرى بولىدۇ. ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا، ئەمەلىيەتتە بۇ سەرگەردان مۈشۈك ۋە ئىتلارنى تۇغماس قىلىۋەتكەنگە ئوخشاش بىر ئىش بولۇپ، پەقەت بىرى ئوپېراتسىيە قىلىش بىلەن، يەنە بىرى دورا يېگۈزۈش بىلەن تاماملىنىدۇ خالاس.

ئەلۋەتتە، بۇ يەردىكى قىيىن مەسىلىنىڭ بىرى دەل دورىنى تىيىنغا قانداق «يېگۈزۈش» بولۇپ، تىيىنلارنىڭ كۆپىيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئالىملار بەش يىللىق پىلان تۈزۈپ، ئالدىنقى ئىككى يىلدا ئالاھىدە تۈرلەرنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدىغان بىر خىل يېمەكلىك ئۆيىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان.

ئەنگلىيەلىكلەر نېمىشقا ئوماق تىيىنلارغا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يېگۈزىدۇ؟

بۇ خىل يېمەكلىك ئۆيى ئوزۇق ئىزدەپ كەلگەن تىيىنلارنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان بولۇپ، جۇغى كىچىكرەك بولغان قىزىل تىيىن بولۇپ قالسا، ئىشىك سىرتىدا توسۇلۇپ قالىدۇ. تېنى بىر قەدەر چوڭ كۈلرەڭ تىيىنلار (بەزىدە تېنى چوڭ قىزىل تىيىنلارمۇ كىرىپ قېلىشى مۇمكىن) بولسا، بىمالال ھالدا كىچك ئۆيگە كىرىپ، كۈلرەڭ تىينلارنى جەلىپ قىلىدىغان نەرسىلەر ئارىلاشتۇرۇلغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى يەيدۇ.

ئەنگلىيەلىكلەر نېمىشقا ئوماق تىيىنلارغا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يېگۈزىدۇ؟

بۇ يىل يەنى بەش يىللىق پىلاننىڭ ئۈچىنچى يىلىدا، ئالىملار ئۈچ خىل ئوخشاش بولمىغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى سىناۋاتىدۇ. تۆتىنچى ۋە بەشىنچى يىلىغا كەلگەندە، ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى كۈلرەڭ تىيىنلار كۆپ جايلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

ئەنگلىيەلىكلەر نېمىشقا ئوماق تىيىنلارغا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يېگۈزىدۇ؟

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئالىملار ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، تېخىمۇ ئىنسانپەرۋەر ئۇسۇل بىلەن كۈلرەڭ تىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىماقچى بولغان. مەسىلەن، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى پەقەت چىشى كۈلرەڭ تىيىنلا تۇغىدىغان دورا قىلىپ ئۆزگەرتىش دېگەندەك. ( ئاياللار دۆلىتىگە ئوخشاش دېمەكچىدە بۇ يەردە)

گەرچە يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن بۇ ئۇسۇل قارىماققا كىچىك بالىلارنىڭ قىلىقىدەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدىن ئىنسانلارنىڭ ھايۋانلارغا بولغان مۇئامىلىسىنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئەسلىدىنلا ھايۋانلارنىڭ خاتالىقى ئەمەس.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى