تەبىئەت

تاغىل ئاتلار سىزىقچىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ئۇلارنىڭ يوقىلىشىنىڭ بەلگىسى بولۇشى مۇمكىن

تاغىل ئاتلار سىزىقچىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ئۇلارنىڭ يوقىلىشىنىڭ بەلگىسى بولۇشى مۇمكىن

تاغىل ئاتلار بىزگە ئانچە ناتونۇش ئەمەس. بەدىنىدىكى ئاق-قارا ئارىلاش يول-يول سىزىقلار ئۇلارنى پەرقلەندۈرۈشتىكى ئەڭ روشەن بەلگە. بىراق، بەزى ۋاقىتلاردا تاغىل ئاتلارنىڭ بەدىنىدە باشقا رەڭلىك شەكىللەرمۇ، مەسىلەن، چوڭ-چوڭ قارا داغ ياكى سۇس سېرىق رەڭلىك سىزىقچىلارمۇ پەيدا بولۇپ قالىدۇ. 2019-يىلى ئالىملار كېنىيە ماسايمارا تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونىدىن بەدىنىدە يۇمىلاق چېكىت بار تاغىل ئات تايچىقىنى سۈرەتكە تارتتى. ئۇنىڭ قېنىق قوڭۇر رەڭ بەدىنى نۇرغۇن ئاق داغلار بىلەن تولغانىدى.

بۇ خىل غەلىتە ئۆزگىرىش ئادەتتە گېننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىقىپ، قارا پىگمېنت شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىراق، بۇ خىل ھالەت سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئارىسىدا بىرقەدەر ئاز ئۇچرايدۇ. شۇڭا، بىيولوگ بىرېندا لارىسون (Brenda Larison) ئۇگانداغا جايلاشقان مىبۇرۇ كۆلىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى تۈزلەڭلىكتە ياشايدىغان تاغىل ئاتلارنىڭ %5ىدە بىنورمال سىزىقچىلار پەيدا بولغانلىقىنى بايقىغاندا قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن.

تۈزلەڭلىك تاغىل ئېتى ئۈچ خىل تاغىل ئات تۈرى ئىچىدە تەھدىتكە ئۇچراش دەرىجىسى ئەڭ تۆۋەن تۈر. بىراق، 2002-يىلىدىن بۇيان ئۇلارنىڭ سانى %25 ئازايدى. ھازىر بۇ خىل تاغىل ئاتتىن تەخمىنەن 500 مىڭى بار بولۇپ، جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق جايلاردا ياشايدۇ. چىتلاق، يول ۋە ئىنسانلار تەرەققىياتى ياشاش ماكانىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانلىقتىن، تاغىل ئاتلار ئامالسىز كىچىك دائىرىدە ياشاشقا مەجبۇر بولدى، ئۇلارمۇ مىبۇرۇ كۆلىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى تاغىل ئاتلارغا ئوخشاش تۈر توپلىرى ئارىسىدا كۆچۈشكە ئامالسىز قالدى.

تاغىل ئاتلار سىزىقچىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ئۇلارنىڭ يوقىلىشىنىڭ بەلگىسى بولۇشى مۇمكىن

كۆچۈش تۈر توپلىرىغا يېڭى گېنلارنى ئېلىپ كىرىپ، تۈرلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت بولۇشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. گېن يۆتكىلىشىنىڭ كەمچىل بولۇشى يېقىن تۇغقانلار ئارىسىدا كۆپىيىشكە سەۋەبچى بولۇپ، ئاخىرىدا بوغاز بولماسلىق، كېسەل ۋە باشقا گېن كەمتۈكلىكى پەيدا قىلىدۇ.

لارىسون: «سىزىقچىلىرى غەلىتە تاغىل ئاتلارنى كۆزىتىش جەريانىدا مەن بۇنچە كۆپ تاغىل ئاتتا بىنورمال سىزىقچىلار پەيدا بولۇشى يېقىن تۇغقانلار ئارىسىدىكى كۆپىيىش بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىدۇ، دەپ ئويلاپ قالدىم» دېدى.

بۇنىڭ جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن لارىسون خىزمەتداشلىرى بىلەن نامبىيەنىڭ ئېتوشا دۆلەتلىك باغچىسى ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدىكى كىرۇگېر دۆلەتلىك باغچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز رايوندىكى 140 تۈزلەڭلىك تاغىل ئېتىنىڭ گېنىنى ئانالىز قىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى يەتتىسىنىڭ تېرىسىدىكى سىزىقلار بىنورمال ئىدى.

بۇ تەتقىقات نەتىجىسى يېقىندا «مولېكۇلا ئېكىلوگىيەسى» (Molecular Ecology) ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە ياشاش دائىرىسى تار ھەم بىرقەدەر مۇستەقىل تاغىل ئات تۈر توپىنىڭ ئېرسىيەت كۆپ خىللىقىمۇ تۆۋەنرەك ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەنىدى. بىراق، تەتقىقاتلاردىن يەنە بۇ مۇستەقىل تۈر توپىدا سىزىقچىلىرى بىنورمال تاغىل ئاتلارمۇ بولۇش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرىلىقى، گېننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىنى ئېرسىيەت كۆپ خىللىقىنىڭ ئاز بولۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى بايقالدى. لارىسون بۇ تەتقىقات نەتىجىسىدە سىزىقچىلىرىدا بىنورماللىق كۆرۈلگەن يەتتىلا تاغىل ئات كۆزىتىلگەنلىكى، بىراق، نەتىجىنىڭ تۈزلەڭلىك تاغىل ئاتلىرىنىڭ كەلگۈسىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تاغىل ئاتلار سىزىقچىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ئۇلارنىڭ يوقىلىشىنىڭ بەلگىسى بولۇشى مۇمكىن

ئېرسىيەت پەرقى:

بىنورمال سىزىقچىلار تاغىل ئاتلارنى كۈشەندىلىرىنىڭ كۆزىگە تېخىمۇ چېلىقتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، كۆپ قىسىم خاتىرىلەردە بەدىنىدە داغ بار تاغىل ئاتلارنىڭ كۆپىنچىسى يېتىلگەن تاغىل ئاتلار بولماستىن، بەلكى تايچاقلار ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. بىراق، تاغىل ئات جەمەتى سىزىقلىق تاغىل ئات ۋە دېغى بار تاغىل ئاتلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلمىغان. لارىسوننىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدىن تاغىل ئاتلارنىڭ سىزىقىنىڭ ئۇلارنى ھاشارەتلەرنىڭ چېقىشىدىن ساقلايدىغانلىقى بايقالدى.

لارىسون تۈزلەڭلىك تاغىل ئېتىنىڭ گېن ساغلاملىقىغا ئېتىبار بېرىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى. لارىسون ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئىلغار گېن تەرتىپىنى ئۆلچەش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ يېقىن تۇغقانلار ئارىسىدا كۆپەيگەن تاغىل ئاتلارنىڭ پەرقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلغاندىن باشقا، يەنە ئوخشاش بولمىغان ئورۇنلاردىكى تاغىل ئات تۈر توپلىرىنىمۇ تەتقىق قىلدى. نەتىجىدە، گېنى قانچە يېقىن بولغانچە تۈر توپلىرى ئارىسىدىكى گېن مۇناسىۋىتى شۇنچە يىراق بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. بۇ بەلكىم ئاخىرىدا يېڭى تۈزلەڭلىك تاغىل ئېتى كەنجى تۈرى شەكىللىنىشىگە سەۋەبچى بولۇشى مۇمكىن.

قوغداش قىيىن بولۇش

جەنۇبىي ئافرىقا دۆلەتلىك جانلىقلار كۆپ خىللىقى تەتقىقات ئورنىدىكى ياۋايى ھايۋاناتلار ئېرسىيەتشۇناسلىقىنى تەتقىق قىلىدىغان دىزاير دالتون (Desire Dalton) بۇنىڭ ئادەمنى تولىمۇ ئەندىشىگە سالىدىغانلىقى، چۈنكى كۆچۈشنىڭ تاغىل ئاتلارنى قوغدىغۇچىلارنىڭ ئاساسلىق قوغداش تەدبىرلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ بىر تۈر توپىدىكى يەككە تاغىل ئاتلارنى باشقا تۈر توپلىرىغا يۆتكەپ كۆپەيتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ناۋادا تۈر توپلىرى ئارىسىدىكى گېن پەرقى بەك چوڭ بولسا يېقىن تۇغقانلار ئارىسىدا كۆپىيىشنىڭ ئەكسىچە ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. يەنى ئاتالمىش يىراق تۇغقانلار ئارا كۆپىيىش گېن پەرقى بەك چوڭ بولغانلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان بىنورماللىق بولۇپ قالىدۇ.

ئافرىقا ياۋايى ھايۋانلار فوندىنىڭ تۈرلەرنى قوغداشقا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى فىلىپ مۇرۇسى (Philip Muruthi) بۇ تەتقىقاتنىڭ كىشىلەرنى ئافرىقىدىكى تېخى خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالمىغان باشقا تۈرلەرگىمۇ دىققەت قىلىشقا ئەسكەرتكەنلىكى، تۈزلەڭلىك تاغىل ئېتىنىڭ زىراپىلەر ماڭغان خاتا يولدا مېڭىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ياشاش ماكانىنىڭ يوقىلىشى ۋە ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلاش سەۋەبلىك زىراپىلەرنىڭ سانى ئۆتكەن 30 يىل ئىچىدە %30 ئازلىدى؛ خەلقئارالىق تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى زىراپىلەرنى ئاسان خەۋپكە ئۇچرايدىغان تۈرلەر قاتارىغا كىرگۈزدى. بىراق، ھازىرچە بۇ ئەھۋالنى بىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز بولغانلىقتىن «ئۈنسىز يوقىلىش» دەپ نام قويۇلدى. بۇ دەل تاغىل ئاتلارنى تەتقىق قىلىشنىڭ نېمىشقا شۇنچىلىك مۇھىم ئورۇنغا قويۇلىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى