تەبىئەت

ياچىۋەكلەر ۋە ئۇلارنىڭ سىرلىق جىنسىي ئوزۇقلىنىش ئۇرۇشى

ياچىۋەك «يىگىت»نىڭ «كېلىنچەك» تەرىپىدىن يەۋېتىلىش خەۋپى بار.

ياچىۋەكلەر ۋە ئۇلارنىڭ سىرلىق جىنسىي ئوزۇقلىنىش ئۇرۇشى

ياچىۋەك تىلغا ئېلىنسا، سىز ئالدى چوقۇم ئۇنىڭ ئاشۇ مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن كۈچلۈك ئورغاقسىمان ئالدى پۇتىنى ئېسىڭىزگە ئېلىشىڭىز مۇمكىن. چىشى ياچىۋەكنىڭ بۇ بىر جۈپ ئالدى پۇتى ئۆز نۆۋىتىدە جۈپلىشىش ۋاقتىدا ئوزۇقلىنىدىغان ئۆتكۈر قورالى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوزۇقلىنىدىغان ئوبيېكتى پەقەت چىۋىن، پاشىلارلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۆزىگە ئۇرۇق سالماقچى بولغان «يىگىت»ىنىمۇ بوش قويىۋەتمەيدۇ. ئۇرغاچى ياچىۋەكنىڭ جۈپلىشىشى تېخى ئاخىرلاشمىغان، ھەتتاكى تېخى ھېچنەرسە قىلماي تۇرۇپلا، ئۆزىنىڭ كاللىسىنى «قىز دوستى»نىڭ قورسىقىدا كۆرىدۇ.

ياچىۋەكلەر ۋە ئۇلارنىڭ سىرلىق جىنسىي ئوزۇقلىنىش ئۇرۇشى

بۇ تەبىئەت دۇنياسىدىكى نۇرغۇن ياچىۋەكلەرنىڭ ئەنئەنىۋى جۈپلىشىشتىكى ئوزۇقلىنىش ئۇسۇلى بولۇپ، كۆپچىلىك ياچىۋەكلەرنىڭ ھەممىسى بۇنىڭغا ئادەتلىنىپ كەتكەن. بۇ خىل ئاقىۋەتمۇ ئەركەك ياچىۋەككە ناھايىتى ئايدىڭ، ئۆزىمۇ بىر قېتىم «يىگىت» بولۇۋېلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قۇربان بېرىشكە رازى. بىراق ئالىملار يېقىندا ئويلىمىغان يەردىن جەنۇبىي ئافرىقىدىن يېڭى زېلاندىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن بىر خىل چىپار ياچىۋەكنىڭ بىر خىل ئالاھىدە چامباشچىلىق ماھارىتىنى مەشىق قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق جۈپلىشىش جېڭىدە ھاياتىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى، ئاخىرىدا بۇ جەڭدە قۇربان بولۇپ كەتمەي ئۆزىنىڭ پۇشتىنى مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا قالدۇرالىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ ياچىۋەك ھەم غەلبىلىك ھالدا «يىگىت» بولالىغان ھەم «كېلىنچەك»نىڭ قورسىقىغا كىرىپ كەتمەي ساق قېلىپ، دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ياچىۋەككە ئايلانغان.بىراق شۇنى بايقىۋالالايسىزكى، بۇنداق بىلەرمەنلىك قىلىپ «كېلىنچەك»نىڭ قورسىقىغا كىرىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئەمەلىيەتتە ياچىۋەك ئۈچۈن ياخشى ئىش ئەمەس، ئانا ياچىۋەكنىڭ ئوزۇقى بولۇشتىن قېچىش ئەمەلىيەتتە بىر خىل شەخسىيەتچى قىلمىشتۇر.

ياچىۋەكلەر ۋە ئۇلارنىڭ سىرلىق جىنسىي ئوزۇقلىنىش ئۇرۇشى

ياچىۋەكنىڭ جىنسىي ئوزۇقلىنىش ئۇرۇشى

جىنسىي ئوزۇقلىنىش دېگەن گەپ بۇ ھادىسىنى تەسۋىرلەيدىغان مەخسۇس ئاتالغۇ بولۇپ، جانلىقلارنىڭ جۈپلىشىشتىن ئىلگىرى، ئوتتۇرا ياكى كېيىن ھۇجۇم قىلىش ھەمدە جۈپلىشىش ئوبيېكتىنى ئوۋلاش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە چىشىسى ئەركىكىنى يەۋېتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ياچىۋەكنىڭ جىنسىي ئوزۇقلىنىش ھەرىكىتى ئەڭ داڭلىق بولۇشى مۇمكىن، ئەمما پۈتكۈل 2400 خىل ياچىۋەكنىڭ ئىچىدە جىنسىي ئوزۇقلىنىش قىلمىشىنى ئېلىپ بارىدىغىنىدىن خاتىرىلەنگىنى ئاران 38 خىل.

ئۇنداقتا بۇ خىل ھايات-ماماتلىق جۈپلىشىش جېڭى قانداق تەرەققىي قىلغان؟ بۇ بەلكىم ياچىۋەكنىڭ پاسسىپ ھالدا يېمەكلىكنىڭ ئۆز ئالدىغا كېلىشىنى ساقلاپ تۇرۇپ ئوۋلايدىغان ئادىتى ۋە ئۇسۇلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

ياچىۋەكلەر ۋە ئۇلارنىڭ سىرلىق جىنسىي ئوزۇقلىنىش ئۇرۇشى

ياچىۋەك باشقىلارنىڭ ئۆزىنى يەپ كېتىشىدىن قانداق ساقلىنىدۇ؟

ياچىۋەكنىڭ بىر جۈپ ئورغاق پۇتى قارىماققا يامان بولۇپ، جىنسىي ئوزۇقلىنىش ئۇرۇشىدا كۈچى ناھايىتى زور بولسىمۇ، لېكىن باشقا چاغلاردا ئانچە كارغا كېلىپ كەتمەيدۇ. كۈشەندىلىرى كۆپ بولۇپ، شەپەرەڭ، پاقا، كەسلەنچۈك، ئۇچار قۇشلار قاتارلىقلار ئۇنى ئۆزىنىڭ پېچىنە-پىرەنىكى ئورنىدا كۆرىدۇ. ياچىۋەكنىڭ مۇداپىيە ماھارىتى بولسا ئاساسەن نىقابلىنىش بىلەنلا چەكلىنىپ، قوغدىنىش رەڭگى ئارقىلىق ئۆزىنى قوغدايدۇ؛ ئەگەردە بۇنداق دەسلەپكى مۇداپىيە نەيرەڭلىرى كارغا كەلمىگەندە، ئىككىلەمچى مۇداپىئەنى قوزغىتىدۇ: يا قورقۇتىدۇ، ئەپلەشمىسە قاچىدۇ، پەقەت بولمىغاندا يالغاندىن ئۆلۈۋالىدۇ.

ياچىۋەكلەر ۋە ئۇلارنىڭ سىرلىق جىنسىي ئوزۇقلىنىش ئۇرۇشى

ياچىۋەكنىڭ جىنسىي ئوزۇقلىنىش ئۇرۇشىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا ئېيتساق، ياچىۋەك كەڭ دائىرىلىك بوغۇم تەنلىك ھاشاراتلارنى تۇتۇپ يېگۈچى بولۇپ، تىرىك ئولجىنىلا يەيدۇ. ئەمما ئۇلار تىپىك ھالدىكى «ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش» دەپ ساقلاپ ئولتۇرىدىغان ھورۇن ئوۋچى بولۇپ، ئادەتتە ئاستا-ئاستا كېلىپ مەلۇم بىر جايغا مۆكۈنۈۋېلىپ، ئولجىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇپ، ئۇلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ ئوزۇقلىنىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، كەسلەنچۈك، پاقا، كىچىك تىپتىكى قۇشلار ياكى بېلىقلارنىڭ ھەممىسىنى يەۋېرىدىغان بولسىمۇ، لېكىن شۇنداق مۆكۈۋېلىپ پىستىرما قويۇپ ھۇجۇم قىلغاندا، ئۆزىدىن كىچىكرەك ياچىۋەكلەرنى تۇتىۋېلىشتىنمۇ ساقلانغىلى بولمايدۇ. شۇنداقلار ئالدىغا كەلسە ئۇلارنى تۇتىۋالىدۇ-دە، بىر تېتىغاندىن كېيىن قارىسا ناھايىتى مەززىلىك تۇرغان، شۇنداق قىلىپ ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۆزىدىن كىچىك بولغان ياچىۋەكلەرنىمۇ تەبىئىي ھالدا ئوۋلاش نىشانىغا ئايلاندۇرىۋالغان.

ياچىۋەكلەر ۋە ئۇلارنىڭ سىرلىق جىنسىي ئوزۇقلىنىش ئۇرۇشى

بۇنداق يامان ئۆگىنىپ قالغان تۇرسا، ئۇرغاچى ياچىۋەك چىشى ياچىۋەكنىڭ ئالدىغا ئۆزىنى مەززىلىك تائام قىلىپ ئېلىپ كەلسە، چىشى ياچىۋەك ئۇنى يېمەي تۇرالامدۇ؟ يېمەكلىك بىلەن جىنسىيەت ئوتتۇرىسىدا قايسىسىنى تاللاش كېرەك، دېگەن مەسىلىنى ئويلاشقاندا، ئۇرغاچى ياچىۋەكنى چىشى ياچىۋەككە ئۆزىنىڭ ئۇرۇقىنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ دېگەندىن كۆرە، مول ئاقسىل ماددىسىنى يەتكۈزۈپ بەرگىلى بارىدۇ دېگەن تۈزۈك. شۇنداق قىلىپ ياچىۋەكنىڭ جىنسىي ئوزۇقلىنىش ئۇرۇشى مۇشۇنداق بىر خىل قورقۇنچلۇق ئەنئەنىگە ئايلىنىپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. خۇددى ئاۋۋال تاماق يەپ بولۇپ ئاندىن ئىش بېجىرگەندەك. ئەسلىدىمۇ تاماقمۇ يېمەي تۇرۇپ قانداقمۇ ئىش بېجىرگىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ شۇڭا، بەزى ۋاقىتلاردا چىشى ياچىۋەك مەنپەئەت ئۈچۈن ھېچنېمىگە پەرۋا قىلمايدىغان «جانغا زامىن مەشۇقلار»نىڭ ۋەكىلى بولۇپ قالغان.

ياچىۋەكلەر ۋە ئۇلارنىڭ سىرلىق جىنسىي ئوزۇقلىنىش ئۇرۇشى

ياچىۋەكنىڭ جىنسىي جۈپلىشىش ئۇرۇشىدا ئەركىكىنىڭ بۇنداق قارشىلىق كۆرسىتىشى ئەمەلىيەتتە بەك شەخسىيەتچىلىك ھېسابلىنىشى مۇمكىن. كېلىنچەك ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن پەقەت تۇخۇم ۋە تۇخۇم غىلىپىنى چىقىرىش ئۈچۈن مول ئاقسىلغا ئېھتىياجلىق بولغاچقا شۇنداق قىلىشقىمۇ مەجبۇر بولغان. كېيىنكى ئەۋلادلىرىنى قىشتىن بىخەتەر ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن شۇنداق قىلىپ ئۇلارنى قوغدايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇرغاچى ياچىۋەكمۇ ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن چوقۇم قۇربان بېرىشى كېرەك. «يىگىت» ئۆز پۇشتىنى دۇنياغا قالدۇرالىغاندىن كېيىن، ئازراق قۇربانلىق بەرسە نېمە بوپتۇ؟ بەرىبىر ئۆلىدىغان گەپ، باشقا يەردە باشقا جانلىقلار تەرىپىدىن ئوۋلانغاندىن كۆرە، مەردلىك بىلەن ئۆزىنى ئۆز «كېلىنچىكى»گە سوۋغا قىلسا ئۆزى ۋە ئەۋلادلىرى ئۈچۈنمۇ ياخشى ئەمەسمۇ. شۇڭا ياچىۋەك «كېلىنچەك» ئۆزىنى پۈتۈنلەي يوللۇق ھېس قىلىپ بىر تەرەپتىن جۈپتىنى يېگەچ، بىر تەرەپتىن ئۆكسۈپ يىغلاپ تۇرۇپ:-قەدىرلىكىم، بۇمۇ سىز ئۈچۈن ياخشى، ھەممىسى بىزنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن ياخشى ، دەيدۇ-دە!

 

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى