ياۋا ھەرىلەرنىڭ ئازىيىشى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىشى مۇمكىن
ھەرىلەر ئىنسانلارنى قىممەتلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ كەلمەكتە. دۇنيادا جەمئىي 20 مىڭ خىل ھەرە بار بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى دۇنيادىكى سامساق، قەھۋەدىن تارتىپ كاپۇستا چېچىكىگىچە بولغان %85 ئاشلىق زىرائىتى ۋە مېۋە-چىۋىنى چاڭلاشتۇرىدۇ. بىراق، تەبىئەت دۇنياسىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىغان بۇ ھاشاراتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەس. «One Earth» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى نەچچە 10 يىلدىن بۇيان پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى ياۋا ھەرە تۈرلىرىنىڭ سانى ئازايغان، 2006-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىنسانلار كۆزىتەلىگەن ھەرە تۈرلىرىنىڭ سانى تەخمىنەن %25 ئازايغان.
تونېل ھەرىسى زىرائەتلەرنى، مەسىلەن، بېدە، ئاپتاپپەرەس ۋە گىلاس قاتارلىقلارنى چاڭلاشتۇرىدىغان مۇھىم جانلىق. تەتقىقاتلاردىن 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن ھازىرغىچە تونېل ھەرىسىنىڭ سانى %17 ئازايغانلىقى بايقالغان. كىۋازى ھەرە ئائىلىسى ھەرىلەر ئىچىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان بىر تۈر بولۇپ، ئەينۇلا، پېلەكلىك بۆلجۈرگەن، كەترەن قاتارلىقلارنى چاڭلاشتۇرىدۇ، بىراق، ئۇلارنىڭ سانى %41 ئازايغان.
گەرچە، بۇ ھەرىلەرنى بىلىدىغانلار كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئائىلىلەردە بېقىلىدىغان ھەرىلەرنىڭ چاڭلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تولۇقلايدۇ. 2006-يىلى بىر خىل كېسەل تارقىلىپ، ئامېرىكىدىكى ھەرىلەرنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئۆلۈپ كەتكەن. ناۋادا شۇ ۋاقىتتا پەقەت ئائىلىلەردىلا بېقىلىدىغان ھەرىلەر بولغان بولسا زىرائەتلەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارى زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتكەن بولاتتى.
يېڭى تەتقىقاتتا يەر شارىدىكى جانلىقلار كۆپ خىللىقى ئۇچۇر ئورگىنى دەپ ئاتىلىدىغان ئوچۇق مەنبەلىك تور بېكەتتىن پايدىلىنىلغان بولۇپ، بۇ تور بېكەتكە 18-ئەسىردىن بۇيان مۇزېي، ئالىي مەكتەپ ۋە ئادەتتىكى پۇقرالاردىن يىغىلغان ھەرىلەرنى كۆزىتىش خاتىرىسى جەملەنگەنىدى.
تەتقىقات مەسئۇلى، ئارگنېتىنا بارىلوچ جانلىقلار كۆپ خىللىقى ۋە مۇھىت تەتقىقات ئورنىنىڭ بىيولوگى ئېدۋاردو زاتارا (Eduardo Zattara) ئانالىز قىلىش ئارقىلىق سانلىق مەلۇماتلار نىسبەتەن ئاز ئاۋسترالىيەدىن باشقا، ھەرقايسى قىتئەلەردىن كۆزىتىلگەن ھەرە تۈرلىرى ئومۇميۈزلۈك ئازايغانلىقى بايقالغانلىقىنى ئېيتتى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا يېزا ئىگىلېكىنىڭ گۈللىنىشى تۈرلەرنىڭ ياشاش ماكانىنى ئازايتتى، ھاشارات ئۆلتۈرۈش دورىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشى ھەرىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان نۇرغۇن ئۆسۈملۈكنى يوقىتىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تېمپېراتۇرىنىڭ يۇقىرىلىشى ھەرىلەرنى ئەسلى ماكانىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلىدى ياكى ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولدى.
ھەرىلەرنىڭ ئازىيىپ كېتىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ مەلۇم زىرائەتنى چاڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن باشقا جايدىن ھەرە ئىمپورت قىلىشى بولدى. بۇ ھەرىلەر ئېلىپ كەلگەن كېسەللىك باكتېرىيەلىرى ھاشاراتلار كېسىلىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا سەۋەب بولدى.
زاتارا ئارگېنتىناغا ئېلىپ كىرىلگەن ئىككى خىل ياۋروپا گۈل ھەرىسى سەۋەبلىك پەيدا بولغان يېمەكلىك تالىشىش كۈرىشى ۋە يېڭى كېسەللىكتىن ئاسانلا يۇقۇملىنىشنىڭ پاتاگونىيە گۈل ھەرىسىنىڭ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولغانلىقىنى كۆرسەتتى.