ئاجايىباتلارتەبىئەت

يول ماڭالايدىغان لەھەڭ پەيدا بولدى

دۇنيا ئاجايىپ-غارايىپلارغا تولغان. بىز ئادەتتە كۆرۈپ تۇرىدىغان ھايۋانلاردىن باشقا، يەنە نۇرغۇن ھايۋانلارنىڭ تاشقى شەكلىنىمۇ ئويلاپمۇ باقمىغان بولۇشىمىز مۇمكىن. تەبىئەت دۇنياسىدا بىز تېخى بايقىمىغان ھايۋانلار تېخىمۇ كۆپ، ئۇلارنىڭ بىزگە نەقەدەر ئاجايىپ تۇيغۇ بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز.

شىرسىمان يولۋاس، تاغىل ئېشەك ۋە قېچىرنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن تۈر ئاتلاپ جۈپلىشىش ھەمدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەۋلاد قالدۇرۇش كىشىلەر ئىزچىل ھەۋەس قىلىپ كېلىۋاتقان ئىشقا ئايلاندى، شۇنداقلا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى بولۇپ قالدى. ئەگەر تۈر ئاتلاپ چېتىشىش بەلگىلىك شارائىتتا ئەمەلگە ئاشسا، تېخىمۇ كۆپ يېڭى تۈرلەرنىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەدىنىدە ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل تۈرنىڭ ئالاھىدىلىكى روشەن نامايان بولغان نۇرغۇن يېڭى تۈرلەرنىڭ رەسىملىرى پەيدا بولدى، ئەمما كېيىن بۇ رەسىملەرنىڭ كىرىشتۈرۈلگەنلىكى ئىسپاتلاندى. كۆپچىلىكنىڭ بۇ رەسىمنى كۆرۈپ باققان بولۇشى مۇمكىن.

يول ماڭالايدىغان لەھەڭ پەيدا بولدى

بۇ ئېنىقلا بىر لەھەڭ، لېكىن ئۇنىڭغا ئاتنىڭ تۆت پۇتى ۋە قۇيرۇقى ئۆسۈپ چىققان، قۇرۇقلۇقتا ماڭىدۇ. ئەگەر لەھەڭ راستتىنلا ئات بىلەن بىرىكىپ، مۇشۇنداق قۇرۇقلۇقتا ماڭالايدىغان ئەۋلادلارنى پەيدا قىلالىسا، ئۇ چاغدا بۇنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن ياخشى ئىش ياكى يامان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ.

بىراق ھازىر تورداشلارنىڭ رەسىم كىرىشتۈرۈشىنىڭ ھاجىتى قالمىدى، ئالىملار راستىنلا ماڭالايدىغان لەھەڭنى بايقىدى! ئۇلار قانداقتۇر پۇتى بار ھايۋانلار بىلەن شالغۇتلاشقاننىڭ مەھسۇلى ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىگە تايىنىپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلغان.

يول ماڭالايدىغان لەھەڭ پەيدا بولدى

گەرچە لەھەڭنىڭ تۇرلىرى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما تەسىراتىمىزدا ئۇلار چوڭقۇر دېڭىزدىكى گىگانت ھايۋان، گەۋدىسى يوغان، ئۆتكۈر چىشلىرى بار دېڭىز زومىگىرى. ھېلىمۇ ياخشى ئۇلار دېڭىزدا ياشايدىكەن، قۇرۇقلۇققا چىقىپلا قالسا ھېچقانداق ھەيۋىسى قالمايدۇ.

يول ماڭالايدىغان لەھەڭ پەيدا بولدى

ئەمما ھازىر بەزى لەھەڭ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ يول ماڭالايدىغان دەرىجىگە يەتتى، ئۇلار قۇرۇقلۇقتا ماڭالايدۇ، يەنە كېلىپ ئوكسىگېن كەمچىل ئەھۋالدىمۇ بىر سائەت ياشىيالايدۇ. بۇ لەھەڭنىڭ ئىسمى پاگون لەھەڭ، بۇ ئىسىم ئۇنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە ئاساسەن قويۇلغان، ئۇنىڭ بەدىنىدە نۇرغۇن قارا داغلار بار بولۇپ، ھەربىي فورمىدىكى پاگونغا ئوخشايدۇ، شۇڭا پاگون لەھەڭ دەپ ئاتالغان.

ئەمما ئەگەر پاگون لەھەڭنىڭ بۇ تۇرقىنى كۆرسەك، ئۇنىڭ لەھەڭ ئىكەنلىكىنى خىيالىمىزغا كەلتۈرمەسلىكىمىز مۇمكىن. باشقا لەھەڭلەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى 6-7 مېتىر، ئېغىرلىقى 10 توننا كېلىدۇ، پاگون لەھەڭنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئاران بىر مېتىر، بەدىنى ئىنچىكە، ئورۇق، ئۇنى لەھەڭ دېگەندىن كۆرە كەسلەنچۈك دېگەن تۈزۈك.

يول ماڭالايدىغان لەھەڭ پەيدا بولدى

ئۇلار پاپۇئا يېڭى گۋىنىيەسى ۋە شىمالىي ئاۋسترالىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە ياشايدۇ، سۇماترا ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلېكىنىڭ قىسمەن رايونلىرىغىمۇ تارقالغان. نۆۋەتتە بايقالغان توققۇز خىل پاگون لەھەڭنىڭ ھەممىسى دېڭىز ئاستىدا ماڭالايدۇ.

باشقا لەھەڭلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ كۈچلۈك بەدىنىنى تولغاپ چوڭقۇر دېڭىزدا ئوزۇقلۇق ئىزدەشكە ئامراق، ئۇلارنىڭ مۇسكۇل كۈچى ئىنتايىن قورقۇنچلۇق. ئەمما پاگون لەھەڭ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بىر يولدا تەرەققىي قىلغان، ئۇلار تېيىز سۇ رايونىدا، بولۇپمۇ مارجان خادا تاشلىرى تارقالغان رايونلاردا ياشاشقا ئامراق، چۈنكى ئادەتتە كىچىك بېلىق، كىچىك راك ۋە سەدەپ قۇلۇلىلىرى بۇ يەرگە توپلىشىدۇ، پاگون لەھەڭنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكى كىچىك بېلىق، كىچىك راكتىن ئىبارەت.

يول ماڭالايدىغان لەھەڭ پەيدا بولدى

تېيىز سۇ رايونىدا ياشايدىغان جانلىقلار تېيىز سۇدا قاپسېلىپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. سۇدا ئۈزۈپ يۈرگەن بېلىقلار قىرغاققا ئېتىلىپ چىققاندىن كېيىن، بىر بولسا كېيىنكى قېتىملىق دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىنى كۈتۈپ ياتىدۇ، بىر بولسا ئاپتاپتا كۆيۈپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. پاگون لەھەڭنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى ئۇلارنى باشقا تاللاشقا ئىگە قىلغان، يەنى ئۆزى مېڭىپ قايتىپ كېتەلەيدۇ.

دېڭىز سۈيى كۆتۈرۈلگەندە نۇرغۇن دېڭىز-ئوكيان جانلىقلىرى تاشقىن كۆلچىكىدە قېلىپ، ئۆزلىرى ئەڭ ئازابلىنىدىغان كۈنلەرنى باشلايدۇ. ئۇيلار بۇ يەردە قۇياش نۇرىنىڭ قىزىتىشى، سۇ ۋە ئوكسىگېن كەمچىل بولۇش تەھدىتىگە ئۇچراپلا قالماي، يەنە ئوۋچى ھايۋانلارغىمۇ ئۇچراپ قالىدۇ. پاگون لەھەڭ ئىچىدە يول ماڭالايدىغان بولغاچقا، مانا مۇشۇ ئوۋچىلارنىڭ بىرسى بولۇپ قالغان.

يول ماڭالايدىغان لەھەڭ پەيدا بولدى

ئۇلار كۆكرەك پالاقچىسىغا تايىنىپ تاشقىن كۆلچىكىگە كىرىپ، كۆلچەكتىكى ئومۇرتقىسىز ھايۋانلارنى تۇتۇپ يەيدۇ. ئۇلار يەنە ئوكسىگېن كەمچىل شارائىتتا بەزى ئىقتىدارىنى ۋاقىتلىق تورمۇزلاپ، بەدىنىگە يېتەرلىك ئوكسىگېن تەمىنلەپ، ئوۋ ئوۋلاشقا قولايلىق يارىتىدۇ. ئوۋلاش ھەرىكىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇلار يەنە كۆكرەك پالاقچىسى ئارقىلىق تېيىز سۇ رايونىغا قايتىپ كېتىدۇ.

پاگون لەھەڭ ئۆمىلەشكە بەك ئامراق، مەيلى ئوزۇق تۇتۇش ياكى ئادەتتىكى ھەرىكەتتە بولسۇن، ئۇلار كۆكرەك پالاقچىسى بىلەن دېڭىز ئاستىدىكى قۇملۇقتا ئاستا-ئاستا ئۆمىلەيدۇ، خەتەرگە يولۇققان چاغدىمۇ ئۆمىلەپ قاچىدۇ، ئۈزىدىغان ئەھۋاللار ناھايىتى ئاز.

يول ماڭالايدىغان لەھەڭ پەيدا بولدى

ئۇلار ئوكسىگېن يېتىشمىگەن ئەھۋالدا بىر قىسىم مېڭە ئىقتىدارىنى ۋاقتىنچە ئېتىۋېتەلەيدۇ، بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ قىرغاققا چىقىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى، قۇرۇقلۇقتا قىسقا ۋاقىت ماڭالايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەگەر ئۇلار داۋاملىق تەدرىجىي تەرەققىي قىلسا نەپەسلىنىش سىستېمىسىغا ئىگە بولالامدۇ؟ پاقىغا ئوخشاش قوش ماكانلىق ھايۋانغا ئايلىنىپ قالامدۇ؟ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلار راستتىنلا قۇرۇقلۇققا چىقالامدۇ؟

پاگون لەھەڭدە بۇنداق مېڭىش ئىقتىدارىنىڭ پەيدا بولۇشى سۇدا ياشايدىغان جانلىقلارنىڭ قانداق قىلىپ قىرغاققا چىقىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىشىمىزدا مۇھىم يىپ ئۇچى تەمىنلىدى. ماڭالايدىغان لەھەڭ پەيدا بولدى، كېيىنكى قېتىم قانداق سىرلىق تۈر پەيدا بولار؟

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى