تەبىئەت

قىش كۈنلىرىدىكى ئەڭ ئوماق قۇشنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

ئاق بوغۇز ئۇزۇق قۇيرۇقلۇق تاغ قۇشقىچى (银喉长尾山雀)نىڭ ئوماق تۇرقىدىن ھۇزۇرلىنىدىغان ۋاقىتنىڭ قاچان ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ ئەلۋەتتە ھازىرقىدەك قىش پەسلىدۇر. قىش كېلىشى بىلەن ئۇلار تاغدىكى زېرەكچاقلارغا ئايلىنىپ، بەزىلىرى كۆكتە پەرۋاز قىلسا، بەزىلىرى دەرەخ شاخلىرىغا قونۇۋېلىپ، يەنە بەزىلىرى قارلىق يەرلەردە ئوينىشىپ قىش مەنزىرىسىگە باشقىچە تۈس قوشىدۇ.

قىش كۈنلىرىدىكى ئەڭ ئوماق قۇشنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

بۇ بۇدرۇققىنە قۇش ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە ئوماقلىقى بىلەن نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىدۇ.

مەلۇم سۇپىدىكى «ئەڭ ئوماق قۇش»لار توغرىسىدىكى بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدە، بۇ قۇشنىڭ بېلەت سانى قىزىل قاشقا تۇرنا، يېشىل توز قاتارلىق گۈزەل قۇشلارنىڭكىدىنمۇ ئېشىپ كېتىپ، بىرىنچىلىكنى ئالىدۇ.

قىش كۈنلىرىدىكى ئەڭ ئوماق قۇشنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، شۇ قېتىملىق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنى باشلىغان كىشى باش سۈرىتىگە ھېلىھەممۇ مۇشۇ قۇشنىڭ سۈرىتىنى ئىشلىتىدۇ.

قىش كۈنلىرىدىكى ئەڭ ئوماق قۇشنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

بۇ بۇدرۇققىنە قۇشنىڭ ئىلمى نامى ئاق بوغۇز ئۇزۇن قۇيرۇقلۇق تاغ قۇشقىچى بولۇپ، 19 خىل كەنجى تۈرى بار. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىق، ئەڭ چىرايلىقى بولسا بىز ئوماقلىقىغا مەپتۇن بولغان ئاق رەڭلىك تۈرىدۇر.

قىش كۈنلىرىدىكى ئەڭ ئوماق قۇشنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

قىش كۈنلىرىدىكى ئەڭ ئوماق قۇشنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

قىش كۈنلىرىدىكى ئەڭ ئوماق قۇشنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بوغۇزى باشقا رەڭدە كېلىدىغانلىرىمۇ بار.

بەزى دوستلار بۇ رەڭدىكى قۇشلار توغرىسىدا چاقچاق قىلىشىپ: «كۆمۈر توشۇپ كەلدىمۇ بۇ؟» دەپ قويۇشىدۇ.

قىش كۈنلىرىدىكى ئەڭ ئوماق قۇشنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

ئادەمنىڭ ئەڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدىغىنى ھەممە يېرى دېگۈدەك ئاپئاق ئۆسۈپ، پەقەت دۈمبىسى بىلەن قۇيرۇق قىسمىغا ئازراق قارا ئارلاشقان تۈرىدىكىلىرىدۇر. بۇ خىلدىكى بۇدرۇق قۇش خۇددى قارلىق زېمىن بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەندەكلا تۇيغۇ بېرىدۇ.

قىش كۈنلىرىدىكى ئەڭ ئوماق قۇشنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

بۇدرۇق قۇش قارىماققا گۆشلۈك كۆرۈنگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ئازراقمۇ سېمىز ئەمەس. ئۇلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 10 گىرامغىمۇ يەتمەيدۇ. بۇنىڭغا نۇرغۇن كىشىلەر ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن، بىراق ئۇلارنىڭ بەدىنى راستىنلا بەك يېنىك.

قىش كۈنلىرىدىكى ئەڭ ئوماق قۇشنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

ئۇلارنى سېمىز كۆرسىتىپ قويغىنى ئەمەلىيەتتە كۆپۈپ تۇرغان قويۇق پەيلىرىدۇر.

قىش كۈنلىرىدىكى ئەڭ ئوماق قۇشنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

قىش كۈنلىرىدىكى ئەڭ ئوماق قۇشنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

پەيلىرىنىڭ قويۇقلۇقىدىن ئۇنىڭ پۇتىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ. ئادەم بۇ قۇشنىڭ شاختا قانداق تۇرغانلىقىغىمۇ قىزىقىپ قالىدۇ.

قىش كۈنلىرىدىكى ئەڭ ئوماق قۇشنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

بۇ قۇشنىڭ سىرتقى قىياپىتىلا ئەمەس، ۋىچىرلاشلىرىمۇ شۇنچىلىك يىقىملىق بولۇپ ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى ياخشىلىيالايدۇ. قىزىقىدىغان دوستلار ئىزدەپ ئاڭلاپ باقساڭلار بولىدۇ.

قىش كۈنلىرىدىكى ئەڭ ئوماق قۇشنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

قىش كۈنلىرىدىكى ئەڭ ئوماق قۇشنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

قىش كۈنلىرىدىكى ئەڭ ئوماق قۇشنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

قاناتلىرىنى قېقىشلىرىدىن ئۇچۇشقا خېلى كۈچەپ كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ، شۇنداقمۇ؟

قىش كۈنلىرىدىكى ئەڭ ئوماق قۇشنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

«چىرايلىق قاناتلىرىمنى كۆرسىتىپ قوياي ھە.»

قىش كۈنلىرىدىكى ئەڭ ئوماق قۇشنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

ئەمدى تېخىمۇ ئېنىق كۆرەلىگەنسىز؟!

بۇدرۇق قۇشنىڭ قاناتلىرىنى ئاچقاندىكى تۇرقى شۇنچىلىك چىرايلىقۋە تېتىك، بىراق قاناتلىرىنى يىغقان چاغدا ئۇلار خۇددى بىر ئوچۇم قارغا ياكى پەي توپقا ۋە ياكى تىك-تاك توپقا ئوخشايدۇ.

قىش كۈنلىرىدىكى ئەڭ ئوماق قۇشنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

قىش كۈنلىرىدىكى ئەڭ ئوماق قۇشنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

بۇ تۇرقى بەك ئوماقكەن، شۇنداقمۇ؟

قىش كۈنلىرىدىكى ئەڭ ئوماق قۇشنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

قىش كۈنلىرىدىكى ئەڭ ئوماق قۇشنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

قىش كۈنلىرىدىكى ئەڭ ئوماق قۇشنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

بۇ تۈردىكى قۇشلار كۈز پەسلىدە جەمەت بويىچە ياشىسا، قىش كۈنلىرى چوڭ توپ بولۇپ قىشنى ئۆتكۈزىدۇ. بەزىدە بەزى قىشلىق قۇش توپىدا نەچچە يۈز تال قۇش بولۇشىمۇ مۇمكىن.

قىش كۈنلىرىدىكى ئەڭ ئوماق قۇشنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

تېمپىراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گرادۇستىن تۆۋەن بولغاندا، ئىسسىقلىقنىڭ تارقاپ كېتىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن كۆپ قۇشلار بىر يەرگە كېلىپ تۈگۈلىۋالىدۇ. ئادەتتە ئۇلارمۇ بىرلىكتە ئۆزىنىڭ ماكانىنى قوغداپ، چۈجىلىرىنى باقىدۇ.

قىش كۈنلىرىدىكى ئەڭ ئوماق قۇشنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

بۇ ئوماققىنە قۇشنىڭ يۈرەكنى ئېرىتكۈدەك تۇرقىنى، گۈزەللېكىنىمۇ كۆردىڭىز. كەيپىياتىڭىز خېلى ياخشى بولۇپ قالغاندۇ؟!

خېلى كۆپ دوستلار بۇ ئوماق جانىۋارنى بېقىۋېلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئاق بوغۇز ئۇزۇن قۇيرۇقلۇق تاغ قۇشقىچى ئىنسانلارنىڭ بېقىشىغا ماس كەلمەيدۇ. راستىنلا بېقىۋالسىڭىز ناھايىتى ئوڭايلا ئۆلۈپ قالىدۇ.

قىش كۈنلىرىدىكى ئەڭ ئوماق قۇشنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

ئېلىم-سېتىم بولمىسا ئوۋلاش، ئۆلتۈرۈش بولمايدۇ. ئەگەر ھاياجانلانغانلىقىمىز تۈپەيلى ئۇلارنى تۇتساق ياكى سېتىۋالغۇدەك بولساق، بۇ خىل ياخشى كۆرۈشىمىزنىڭ ماھىيتى ئۆزگىرىپ، قۇشنىڭ سانىنىڭ كۈنسېرى ئازلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئېغىر بولغاندا بۇنىڭدىن كېيىن دالىلاردا ئۇچراتقىلى بولمايدىغان ئەھۋال بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى