تەبىئەت

«ئاجايىپ دەرىجىدىن تاشقىرى ئىقتىدار»غا ئىگە 10 خىل ھايۋان

تۆۋەندە كۆپچىلىككە دۇنيادىكى «مۇتلەق دەرىجىدىن تاشقىرى ئىقتىدار»غا ئىگە 10 خىل ھايۋاننى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز!

«ئاجايىپ دەرىجىدىن تاشقىرى ئىقتىدار»غا ئىگە 10 خىل ھايۋان

1. سۇ قۇرتى

تەن شەكلىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا يەر شارىدىكى ئاۋازى ئەڭ يۇقىرى ھايۋان سۇ قۇرتى، ئۇ سۇدىكى ئوت-چۆپلەرنىڭ غولىدا تۇرۇپ «مۇھەببەت ناخشىسى ئېيتىش»نى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ خىل ئاۋاز كۆپىيىش ئەزاسى بىلەن قورسىقىنىڭ تۆۋەن قىسمىنىڭ سۈركىلىشى ئارقىلىق چىقىدىغان بولۇپ، بۇ جەريان سۈركەپ تاۋۇش چىقىرىش دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار چىقارغان ئاۋاز 100 دېتسىبېلغا يېتىدۇ، گەرچە بۇ ئاۋازلار ئىنسانلار ئۈچۈن شاۋقۇن ھېسابلانسىمۇ، ئەمما زەررىچە چوڭلۇقتىكى ھاشارات ئۈچۈن ناھايىتى نورمال ئەھۋال.

«ئاجايىپ دەرىجىدىن تاشقىرى ئىقتىدار»غا ئىگە 10 خىل ھايۋان

2. چىلتار قۇشى

ئاۋسترالىيە چىلتار قۇشى «ناخشا ئېيتىش» ئارقىلىق جورىسىنى جەلپ قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. باشقا قۇشلارغا سېلىشتۇرغاندا ئۇلارنىڭ ئاۋاز پەردىسىنىڭ قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇرەككەپ، شۇڭا توك ھەرە ئاۋازى، ئاپتوموبىلنىڭ موتور ئاۋازى، ئىتنىڭ ئاۋازى ۋە ئادەمنىڭ ئاۋازى قاتارلىق ھەرخىل تەبىئىي ۋە سۈنئىي ئاۋازلارنى تەقلىد قىلالايدۇ.

«ئاجايىپ دەرىجىدىن تاشقىرى ئىقتىدار»غا ئىگە 10 خىل ھايۋان

3. تۈكلۈك پاقا

تۈكلۈك پاقا «سۇنۇق پاقا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ خىل پاقا تەھدىتكە ئۇچرىغاندا سۆڭىكىنى سۇندۇرۇپ، تېرىسىدىن چىقىرىپ، تىرناق ھاسىل قىلىپ دۈشمەننى قورقۇتىدۇ، ئۇلار فانتازىيەلىك كىنولاردىكى قەھرىمانلارغا ئوخشايدۇ.

«ئاجايىپ دەرىجىدىن تاشقىرى ئىقتىدار»غا ئىگە 10 خىل ھايۋان

4. سىياھ بېلىق

سىياھ بېلىق (سەككىز ئاياغ) ھەر خىل سۇ ئۆسۈملۈكلىرىنى دوراشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار ھەرقانداق سۇدا ياشايدىغان جانلىق قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ھەر خىل قىياپەت ۋە رەڭلەرنى تەقلىد قىلىش ئارقىلىق كۈشەندىلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرالايدۇ. ئۇلارنىڭ ئەركىن رەڭ ئۆزگەرتەلىشىدىكى سەۋەب تېرىسىدە پىگمېنت خالتىسى بار، سەككىز ئاياغلىق سىياھ بېلىق خالتىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى كونترول قىلالايدۇ ھەمدە ئەتراپتىكى مۇھىتقا ئاساسەن رەڭگىنى ھەر ۋاقىت ئۆزگەرتەلەيدۇ.

«ئاجايىپ دەرىجىدىن تاشقىرى ئىقتىدار»غا ئىگە 10 خىل ھايۋان

5. ئاغمىخان

يوللۇق ئاغمىخان (ئافرىقا كۈزىنى) قارىماققا ئىنتايىن ئوماق، لېكىن ئۇلار چىقارغان پۇرىقى ناھايىتى سېسىق بولۇپ، چىداپ تۇرغىلى بولمايدىغان سېسىق پۇرىقى ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداش مەقسىتىگە يېتىدۇ. ئاساسلىق مۇداپىئە مېخانىزملىرىنىڭ بىرى مەقئەت سېسىق بېزىدىن زەھەرلىك گاز قويۇپ بېرىش، بۇ خىل گازنىڭ پۇرىقى سېسىق بولۇپلا قالماستىن بەلكى زەھەرلىك، ھەتتا ۋاقىتلىق كۆرمەس قىلىپ قويىدۇ.

«ئاجايىپ دەرىجىدىن تاشقىرى ئىقتىدار»غا ئىگە 10 خىل ھايۋان

6. سالمون بېلىقى

سالمون بېلىقى دەريا ئېقىنى ياكى ئېرىقلاردا تۇخۇم چىقىرىدۇ، تۇخۇمدىن چىققان بېلىجانلار دېڭىزغا كۆچۈپ قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن، تۇغۇلغان يېرىدىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى پايانسىز دېڭىزدا ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ، تۇخۇم تۇغۇش ۋاقتى كەلگەندە تۇغۇلغان جايىغا قايتىپ كېلىدۇ. بۇ خىل يول باشلاش تېخنىكىسى ئىزچىل بىر سىر بولۇپ كەلدى، ئەمما ئالىملار ھازىر بۇ خىل بېلىق تۈرىنى يەر ماگنىتى كومپاسىنى ئىشلىتىدىغان بولۇشى، بۇنىڭ سىرى ئۇلارنىڭ مېڭە ھۈجەيرىسىگە يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا.

«ئاجايىپ دەرىجىدىن تاشقىرى ئىقتىدار»غا ئىگە 10 خىل ھايۋان

7. بۈرگە

بۈرگە بولسا «دەرىجىدىن تاشقىرى يىراققا سەكرەش تەنھەرىكەتچىسى»، ئۇلارنىڭ ئېتىلىش كۈچى ئېنېرگىيە ساقلىغۇچى ئاقسىل ئارقىلىق قويۇپ بېرىلىدۇ، بۇ خىل ئاقسىلنىڭ رولى خۇددى پۇرژىنىغا ئوخشايدۇ. بۈرگىنىڭ كۆكرەك قىسمىدىكى «پۇرژىنا» بۈرگىنىڭ پۇتى ئارقىلىق تۆۋەنگە غايەت زور ئىتتىرىش كۈچىنى يەتكۈزىدۇ، تاكى بۈرگە ئورنىدىن ئايرىلغانغا قەدەر پۇت بارمىقى قىسېلىپ ئەڭ ئاخىرىدا يۇقىرىغا قاڭقىيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا «دەرىجىدىن تاشقىرى يىراققا سەكرەش تەنھەرىكەتچى»لەردىن يەنە سەكرىگۈچى ئۆمۈچۈك (سەكرەش ئارىلىقى ئۆز بەدەن ئۇزۇنلۇقىنىڭ 100 ھەسسىسىگە تەڭ) ۋە دەرەخ پاقىسى (سەكرەش ئارىلىقى ئۆز بەدەن ئۇزۇنلۇقىنىڭ 150 ھەسسىسىگە تەڭ) قاتارلىقلار بار.

«ئاجايىپ دەرىجىدىن تاشقىرى ئىقتىدار»غا ئىگە 10 خىل ھايۋان

8. قارىغۇ چاشقان

ئافرىقىدا ياشايدىغان قارىغۇ چاشقانلار ئىنتايىن بەتبەشىرە، كۆرۈش قۇۋۋىتىمۇ ناچار، ئەمما ئۇلارنىڭ غەلىتە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى ئۇلار ئاغرىقنى زادىلا سېزەلمەيدۇ. كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى ئۇلارنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى يوق، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۆمرى ئادەتتىكى چاشقان ۋە تۇلۇمچاشقانلارنىڭ يەتتە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ھەرقانداق بىر دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇنداق ئىقتىدار ئەلۋەتتە تېپىلغۇسىز ماھارەتتە.

«ئاجايىپ دەرىجىدىن تاشقىرى ئىقتىدار»غا ئىگە 10 خىل ھايۋان

9. بورانقۇش

ياخشى ياسالغان بىر ئاپتوموبىل 80 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرەلىشى مۇمكىن، بورانقۇش ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ پەقەت بىر يىللىق ئۇچۇش مۇساپىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئوتتۇرا تىنچ ئوكياندىكى ئاراللارغا ئۇۋا سالىدۇ، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدە ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ، ھەر يىلى 80 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق ئۇچىدۇ. ئالىملار مىدۋاي ئارىلى ھالقىسىمان خادا تاشلىرىغا بىر قارا دۈمبىلىك بورانقۇشقا ئىز قوغلاش ئۈسكۈنىسى ئورناتقان بولۇپ، ئۇ پۈتۈن ئۆمرىدە ئۈچ مىليون 200 مىڭ كىلومېتىردىن تۆت مىليون 800 مىڭ كىلومېتىرغىچە ئۇچقان.

«ئاجايىپ دەرىجىدىن تاشقىرى ئىقتىدار»غا ئىگە 10 خىل ھايۋان

10. سۇ ئېيىقى قۇرۇتى

سۇ ئېيىقى قۇرۇتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن بىر مىللىمېتىر، لېكىن ئۇلار يەر شارىدىكى ئەڭ قەيسەر جانلىق بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار ھەر خىل ناچار مۇھىتتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان بولۇپ، نۆلدىن تۆۋەن ℃200~℃150 تېمپېراتۇرىدىمۇ ياشىيالايدۇ؛ 100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت يېمەي، ئىچمەي ھايات تۇرالايدۇ؛ ئىيونلىنىش رادىياتسىيەسى 570 مىڭ رېنتىگېن (پەقەت 500 رېنتىگېن بولسىلا ئادەمنى ئۆلتۈرەلەيدۇ) بولغان مۇھىتتىمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قۇياش رادىياتسىيەسى، گامما رادىياتسىيەسى، ئۇلترا بىنەپشە نۇر رادىياتسىيەسى، تۇز مىقدارى يۇقىرى ۋە ئوكسىگېن ناھايىتى كەمچىل قاتارلىق ئەھۋاللاردىمۇ ھايات كەچۈرەلەيدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى